ئۇنىۋېرسال

ياپونىيەنىڭ نوبېل ساھەسىدە 50 يىللىق پىلانىنى 24 يىلدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇردى

2001-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى «ئىككىنچى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئاساسىي پىلانى»دا ئۇلۇغۋار نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئۇ بولسىنۇ  « 50 يىل ئىچىدە 30 نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش » ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ پىلان خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بەزىلەر بۇنى ئەمەلگە ئېشىشى تەس بولغان «ئارزۇ» ھەتتا بەزىلىرى بۇنى خام خىيال ، ھاكاۋۇرلۇق دەپ ئاتىغان ئىدى.

نوبېل مۇكاپاتى

نوبېل مۇكاپاتى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە شەرەپلىك خەلقئارالىق مۇكاپات بولۇپ، ھەر يىلى فىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا، ئەدەبىيات، تىنچلىق ۋە ئىقتىساد ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە «ئۆتكەن بىر يىلدا ئىنسانىيەتكە ئەڭ زور مەنپەئەت يەتكۈزگەن» شەخسلەرگە ياكى تەشكىلاتلارغا بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپات ئىلىم-پەننىڭ چوققىسىغا چىققانلار، ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىنسان قەلبىنى تەۋرەتكەنلەر ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغانلارغا بېرىلگەن ئەڭ يۈكسەك ئېتىراپنامىدۇر.

دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىلدا ھازىر پەقەت بىرلا ئادەم سۆزلىيەلەيدىكەن

20 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بىر تىل يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. N|uu تىلى (تەلەپپۇزىدا «N» بىلەن «uu» ئارىسىدا چېكىلدىما ئاۋاز چىقىرىلىدۇ) دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك تىل بولۇپ، ھازىر پەقەت بىرلا ئادەم - ئوما كاترىنا ئېساۋ (Ouma Katrina Esau) بۇ تىلنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ.

قەدىمقى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار

قەدىمقى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار

بىر قىسىم ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر نامى

阿波罗绢蝶 ئاپوللو كېپىنىكى 阿尔泰西毛羊 ئالتاي ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى 阿根 ھىڭ 阿拉伯胶树 ئەمۇغەيلان، ئەرەب يېلىمى دەرىخى 阿拉伯马 ئەرەب ئېتى 阿里红 غارىقۇن 阿毗达磨 ئابىدارما 阿什艾利 ئەشئەرى 阿斯卡尼细羊毛 ئاسكانىيە ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى 阿提拉 ئاتىلا 阿魏 ئەنجۈدان 阿月浑子 پىستە 矮马...

جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار

جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار، كۆزقىسىشىپ ئۆزىچە. ئۇلارتۈننىڭ زىننىتى، بوۋىلارنىڭ سۆزىچە.

ئىز شېئىرى

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شىئېرى ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز، ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.

ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى

ئائىلە جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى.ئۇ بەلگىكىك دائىرىدىكى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىقتىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىرلىكى بولۇپ،بۇنداق ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇ ناسىۋىتى نىكاھ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن پەيدا بولغان.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،نىكاھ ئائىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.دېمەك،نىكاھ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق گەۋدىدىن ئائىلە جەمەتى بارلىققا كېلىدۇ.

ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتى

ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ ، مىس ، تۇچ ، ئاليۇمىن ، قوغۇشۇن ، سىنىك قاتارلىق يۇمشاق جىسىم تىپىدىكى ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك مېتاللاردىن ئائىلە سايمانلىرى ، گۈزەل – سەنئەت بۇيۇملىرى ، زىبۇ –زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلىنىپ ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا نام چىقارغان .

ئۇيغۇرلاردىكى سىمۋوللۇق رەڭلەر ھەققىدە

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﺍ ﺋﺎﻕ ، ﻛﯚﻙ ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ، ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .

ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنى

ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى مېتالدىن ياسالغان چۆگۈن شەكىلدىكى قول يۇيۇش ئەسۋابى ئاپتۇۋا ۋە ماس ھالدا ياسالغان سۇ تېلەڭگىسى - چىلاپچا بولۇپ، قول يۇيۇش، تازىلىق ۋە مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ بىر جۈپ قول يۇيۇش ئەسۋابى پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىقى، دىنىي ئەنئەنىلەر ۋە مەدەنىي قىممەتلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

پېرىخون، جادۇگەر، سېھرىگەر ئارىسدىكى پەرقلەرنى بىلەمسىز؟

پېرىخون، سېھىرگەر ۋە جادۇگەر ئۇقۇمى مەنىۋى ياكى سېھرىي كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتتىكى مەنىسى، رولى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىدا پەرقلەر بار.

شامان ۋە پېرىخوننىڭ پەرقى

شامان بىلەن پېرىخون (پەرىخان) ئىككى ئوخشىمايدىغان ئۇقۇم بولۇپ، گەرچە ئىككىلىسى مەنىۋى ياكى سېھرىي روللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى، رولى ۋە مەدەنىيەتتىكى ئورنىدا كۆرۈنەرلىك پەرقلەر بار

يەر تەۋرەش ئاپىتى جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى تەييارلاش ھەققىدە

يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ھەرزامان ئالدىن خەۋەرسىزلا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىش ناھايىتى مۇھىم. جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى بۇ تەييارلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماقالىدە سىز يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ئۈچۈن مۇكەممەل جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى قانداق تەييارلاش توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات ئالالايسىز.

گۇگولنىڭ Android يەر تەۋرەشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى 30 سىكونت بالدۇر ئۇچۇر بېرەلىگەن

2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ساراسىمە ۋە يېنىك بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە ،گۇگولنىڭ Android يەر تەۋرەشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى يەر تەۋرەشتىن تەخمىنەن 30 سىكونت بۇرۇن بىر قىسىم ئابونتلارغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتكەن.

ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۈلگىلىرى

ھازىر ئۇيغۇر ئىلىدا يىگىرمە مىڭدىن كۆپرەك مەسچىت - مەدرىس بولۇپ، ئۇلار تالىپلار قىرائەتخانىسى، مۇدەررىس ئىشخانىسى، مەسچىت، ياتاق، سەرراپخانا، قازىخانا (مەھكىمە شەرئى)، تىلاۋەتخانا قاتارلىق بۆلۈمچىلەردىن تەركىب تاپقان، ئىمارەتلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ئۇسلۇبىدا ياسالغان بولۇپ، قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئاپام ماڭا ئەزەلدىن ئۆگەتمىگەن ئىشلار

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئاپامنىڭ يۈزىگە بىر نەرسە سۈركىگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . ئۇ ئەتىگەنلىرى بىرمۇنچە ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ گىرىم قىلىش، چىچىنى تۈزەش، تىرنىقنى بوياش دېگەندەك ئىشلارنى ھەرگىزمۇ قىلمايتى.

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ، ئادەتتىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ پەرقى

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،ئادەتتىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن باغلىنىشمۇ شۇنداقلا پەرقمۇ مەۋجۇت. يېمەكلىك بولسا كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئىچىملىك،يېمەكلىك خام ئەشيا قىلىنىپ ياسالغان ھەرخىل يېمەكلىك شۇنداقلا دورىلىق ماددىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،داۋالاشنى مەقسەت قىلغان دورىلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.ئادەتتىكى يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىدىغان ئىستېمالچىلار توپىنىڭ چەكلىمىسى يوق بولۇپ،ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتى،مىتابولىزىمغا نىسبەتەن يېمەكلىك مىقدارى جەھەتتە ئادەتتە بەلگىلىمە يوق.

ياراملىق ئىگىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشنىڭ 100 مىزانى

1. رەھبەر بولغان كىشىدە چوقۇم ئومۇمىيلىق كۆز قارشى بولۇشى لازىم ①رەھبەر بولغان كىشى ھەر ۋاقىت « مەن قوماندانلىق قىلغۇچى»، «مەسئۇل ئادەممەن» دېگەن كۆز قاراش بىلەن قول ئاسىتىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم، بولمىسا، رەھبەرلىكىنىڭ سۆز- ھەرىكىتى قول ئاستىدىكىلەرگە ناچار تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى سەۋىيەسىنىمۇ جارى قىلدۇرالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

ھاياتىمىزدىكى 30 تۈرلۈك ئىش ھەم ئۇنىڭ قۇدىرىتى

ھەر كىمنىڭ ھاياتى تۈرلۈك تۈمەن ئىشلار قاينىمىدا دولقۇنلايدۇ. گاھى ئىش-ھەرىكەتلەر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كېمىسىنىڭ راۋان ئىلگىرىلىشىگە تۇسقۇنلۇق قىلسا، يەنە شۇنداق قىممەتلىك، ئۆرنەك ئىش-ئەمەللەر باركى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە ئاددى بولۇشىغا قارىماي، ئادەمگە نىشان، كۆڭلىگە ئەمىنلىك ئاتا قىلالايدۇ.

بۆرە ئەپسانىسى

ئىلىم ساھەسىدە كۆك تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ ئالتاي تېغىغا يېقىن بىر جايدا ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنغان . بۇ ماقالىدە مەن بۇ يەرنى تېخىمۇ كەسكىن بىر رەۋىشتە مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە تىرىشىمەن.نۇرغۇن قەبىلىئە ئەپسانىلىرى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى "تۈرك "سۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتنىڭ "突厥" ئىكەنلىكى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەرنىڭ بۇ قەۋمگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .مانا مۇشۇ بايانلارنىڭ ئىككىسى "سۈينامە"(84-جلىد)ۋە "جۇنامە"(50-جىلد)لەرگە جۇغلانغان بولۇپ ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان(1)"سۈينامە"دە ئىككى مۇھىم بايان بار.