شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى كەڭ كارخانچىى، تىجارەتچى دوستلارنىڭ يېمەكلىك،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇلاردىن ئىلىمى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىلىمىي ئوزۇقلىنىپ ساغلاملىقنى ئاسراش ________ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش دېگەن كىتاپنى تەرجىمەقىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق .
1. ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،ئادەتتىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ پەرقى
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،ئادەتتىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن باغلىنىشمۇ شۇنداقلا پەرقمۇ مەۋجۇت.
يېمەكلىك بولسا كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئىچىملىك،يېمەكلىك خام ئەشيا قىلىنىپ ياسالغان ھەرخىل يېمەكلىك شۇنداقلا دورىلىق ماددىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،داۋالاشنى مەقسەت قىلغان دورىلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.ئادەتتىكى يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىدىغان ئىستېمالچىلار توپىنىڭ چەكلىمىسى يوق بولۇپ،ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتى،مىتابولىزىمغا نىسبەتەن يېمەكلىك مىقدارى جەھەتتە ئادەتتە بەلگىلىمە يوق.
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بولسا يېمەكلىكنىڭ ئالاھىدە بىر خىل بولۇپ،يېمەكلىك بىلەن دورىنىڭ ئارىلىقىدا،ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ،ئادەم بەدىنىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمما داۋالىمايدىغان بولۇپ،ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندىمۇ ھېچقانداق ئاستا ۋە تىز خاراكتېرلىك خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ،يېمەكلىك مىقدارىغا نىسبەتەن مەلۇم بەلگىلىمە بار.
دورا بولسا ئالدىنى ئىلىش،داۋالاش ۋە دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىدىغان ماددا بولۇپ داۋالاشنى ئېنىق مەقسەت قىلغان شۇنداقلا مۇۋاپىق داۋالاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان،مەلۇم ئەكس تەسىرى بولۇشقا يول قويۇلىدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ئىشلىتىش ۋاقتىغا نىسبەتەن چەكلىمە بار.
ئۇنىڭدىن سىرت ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئادەتتىكى يېمەكلىككە ئوخشىمايدىغان ھەمدە دورىغا ئوخشاپراق قالىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى بولسا بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ كاپسۇل،تابلىتكا شەكىلدە ياسىلىشىدۇر.بۇ خىل ئەھۋال ئەڭ مۇھىمى بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بولۇپ،ئىستېمالچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىشى ۋە فىزولوگىيلىك ئىقتىدارىنى تەڭشىشىگە قولايلىق يارىتىپ بىرىدۇ.
ياسىلىش شەكلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ،ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دەپ قاراشقا بولىدۇ،بۇنداق بولغاندا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە فىزولوگىيلىك تەڭشەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ.ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى گەرچە تابلىتكا شەكىلدە ياسالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنى دورا بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ،گەرچە كىشىلەر ئۇنى ساغلاملىق ئەھۋالىنى ياخشىلاش،بەزى كېسەللەرنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىل رولى بىلەن دورىلارنىڭ تەسىر قىلىش رولى ئوخشىمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن دورىلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.
بازاردىكى بەزى»ساغلاملىق مەھسۇلاتى»بىلەن ھەددىن زىيادە تەشۋىق قىلىۋەتكەن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئىستېمالچىلاردا ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپ قويغان،بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى يەنىلا ساتقۇچىلاردا،يەنى ئۇلار ئىستېمالچىلارنىڭ كېسىلىنى ساقايتىشقا بولغان ئىنتىزارلىقىدىن پايدىلىنىپ ،ساختا تەشۋىق قىلىپ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى خۇددى ھەممە كېسەلنى داۋالىيالايدىغاندەكتونۇشقا ئەكېلىپ قويىدۇ.ئەمەلىيەتتە،مەيلى زامانىۋى تېبابەتچىلىك بولسۇن ياكى جۇڭگونىڭ قەدىمكى تېببىي ئىلىمىدە بولسۇن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش كېسەللەرنى داۋالاپ،ئالدىنى ئىلىپ.ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلىنىش بولسا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى.
بازاردىكى ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولغان مەھسۇلاتلار بەزىسى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى،بەزىسى دورا يەنە بەزىلىرى ئۆلچەمسىز ساغلاملىق مەھسۇلاتى بولۇپ،ئىستېمالچىلار تۆۋەندىكى تۆت تەرەپكە ئاساسەن توغرا بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى سىتىۋالسا بولىدۇ.
بىرىنچى،سىرتقى كۆرۈنۈشى
ئوراش شەكلى ۋە مەھسۇلات ئۆلچىمىدىن قارىغاندا،كۆپلىگەن دورىلار بولسا تابلىتكا،كاپسۇل شەكىلدە ياسىلىدىغان بولۇپ،يېمەكلىك بىلەن ئاسانلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.ئەمما ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ھەم دورا شەكىلدە ھەم ئادەتتىكى يېمەكلىك شەكىلدە ياسىلىدىغان بولۇپ،پەقەت سىرتقى شەكلىگىلا قارىغاندا پەرق ئېتىش قىيىن بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئېتىكلىكىنى ئوقۇش كېرەك،مۇشۇنداق بولغاندىلا دورا شەكىلدە ياكى ئادەتتىكى يېمەكلىك شەكىلدىكى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى پەرق ئېتىش ئاسانراق بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئېتىكلىكىنى ئوقۇش
بىر دانە ئۆلچەملىك مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قېپىنىڭ ئۈستىدە چوقۇم ئېتىكېتكا چاپلانغان بولىدۇ،ئەگەر مەھسۇلات ئېتكېتكىسىنىڭ ئۈستىدىن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بەلگىسىنى شۇنداقلا دورا بىلەن بولغان پەرق بەلگىسىنى تاپالىغاندا پەرقلەندۈرۈش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ؛ ئېتىكېتكىغا مەھسۇلات ئىسمى،تەستىق نومۇرى ۋە ئاساسلىق خام ئەشياسى بەلگىلەنگەندىن سىرت،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېتىكېتكىسىغا يەنە ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى،ئىستېمال قىلىش مىقدارى،ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى،ماس كەلمەيدىغانلار توپى،ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارمۇ بەلگىلەنگەن بولىدۇ.
ئەگەر دورا ياسالمىسى شەكىلدە ياسالغان «ساغلاملىق مەھسۇلاتى»،ئەگەر تەقلىد قىلىپ ياسالمىسا،ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ياكى دورىنىڭ بەلگىسى بولمىسا،ئۇلار يېمەكلىككە تەۋەمۇ؟ئەگەر بەلگىدىن ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى،ھەتتا كېسەل داۋالاش ئىقتىدارىنى تاپقىلى بولسا ئۇنداقتا بۇ ئىشلەپچىقىرىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ.
بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈستىدە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بەلگىسى يوق،ئەمما ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇنۇلار يېزىلغان بولىدۇ،مەسىلەن:»كالتسىي سۆڭەكنىڭ ۋە چىشنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ»،»تۆمۈر بولسا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىلمېنىت»،»سىنك بولسا تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ياخشىلايدۇ»دېگەندەك،بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشلار ھەرگىزمۇ بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ شۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
ئۈچىنچى،بىخەتەرلىكىنى ئويلاش
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ،بىخەتەرلىك جەھەتتىمۇ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئاساسەن ياسالغان بولۇپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندىمۇ ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.بۇ تەرىپى دورىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ،دورىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئەكس تەسىر كۆرسىتىشى ھەتتا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
گەرچە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما يىمەكلىكىككە ئوخشاش ھەرقانداق ئادەم،ھەرقانداق ئورۇن،ھەرقانداق مىقداردا ئىستېمال قىلسىمۇ %100 بىخەتەر بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ.مەسىلەن بالىلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ،بالىلار ياشانغانلارنىڭ ۋىتامىنلارنى يېسە ئېغىر كېلىدۇ؛بالىلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،ياشانغانلار ئىستېمال قىلىۋاتقان قۇۋۋەت تولۇقلاش يېمەكلىكلىرىنى بالىلار ئىستېمال قىلغاندا ئەكس تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.يەنە مەسىلەن ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدىغان مەھسۇلاتلار قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلارغا ماس كېلىدۇ،ئۇنى ئادەتتىكى ئادەملەر ئىستېمال قىلغاندا ئىچىنى سۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا چوقۇم ئۇنىڭ بەلگىسىگە ۋە چۈشەندۈرۈشىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى،ئۈنۈمىنى پەرقلەندۈرۈش
يېمەكلىك،دورا ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى مەلۇم فىزولوگىيلىك ئىقتىدارنى تەڭشەش رولىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.يېمەكلىك بىلەن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ فىزولوگىيلىك ئىقتىدارنى تەڭشەش رولى دورىغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ باسىدىغان يولى ۋە تەسىر قىلىش ئورنى كۆپ ۋە ئاستىراق بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تەتقىق قىلىش دورىغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ بولىدۇ.دورىنىڭ رولى كۆپىنچە بىرگە بىر ماسلىق بولىدۇ،ئەگەر ئىشلىتىش ئورنى ئېنىق بولمىغاندا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ساغلاملىق بىلەن كېسەل داۋالاش ئۇنداق ئاسان بىر مەسىلە ئەمەس؛نۆۋەتتىكى تېببىي ئىلىمنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قارىغاندا بايقالغان دورىلار ۋە تەسىر قىلىدىغان ئەزالار يۈز نەچچە خىللا بولۇپ،تېببىي ئىلىم دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن خىلىلا يىراق.
يۇقىرىدىكى تۆت نۇقتىغا ئاساسەن يېمەكلىك،دورا ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى پەرقلەندۈرگەندە،ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋېلىش پىرىنسىپىمۇ ئېنىق بولىدۇ.رىتىسىپلىق دورىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ؛رىتىپسىز دورىلارنىمۇ چۈشەندۈرۈشىگە ،دورىگەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە نىسبەتەنمۇ مۇشۇ كىتابنىڭ ئاخىرىدا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.بىردىنبىر ئەسكەرتىدىغىنىمىز بولسا:ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بولسا بىزنىڭ كۈندىلىك تامىقىمىزنىڭ بىر قىسمى ياكى تولۇقلىمىسى بولۇپ،ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش بىلەن بىرلەشكەندىلا رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.ئادەتتە تەڭپۇڭ بولغان قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ،قائىدىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ،مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش،ياخشى بولغان روھىي كەيپىياتنى ساقلاش بولسا ساغلاملىقنىڭ تۈپتىن كاپالىتىدۇر.
مەنبە: شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
تور ئادرىسى: https://www.uyghur-archive.com/dildost/index_12846.html
ئەۋەتىلگەن ۋاقىت: 2016-07-31