ش

شامان

“شامان” سۆزى سىبىرىيە تۇڭگۇس تىلىدىكى “šaman” دىن كەلگەن بولۇپ، “بىلگۈچى” ياكى “روھلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان كىشى” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شامان بەزى مەدەنىيەتلەردە ئالاھىدە مەنىۋى رول ئوينايدىغان كىشى بولۇپ، ئادەتتە ئىنسانلار بىلەن روھ دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك دەپ قارىلىدۇ.

شايبا

شايبا رۇسچە ۋە نېمىسچە سۆز بولۇپ، بۇرما مىخ (ۋىنتا) ئاستىغا قويۇلىدىغان نېپىز مېتال ھالقىدۇر. بەزىدە بولتا ھالقىسى ، ھالقا دەپمۇ قىسقارتىپ ئاتاپ قويىدۇ.  ئىككى جىسىمنى ئۇلىغاندا بوشاپ قېلىش، ئاجراپ چىقىپ كېتىش ياكى بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم ھىملەش دېتالى بولۇپ، تېخنىكىلىق سىستېمىلاردا كۆرۈنمەس، ئەمما ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

شارنىر

شارنىر (Hinge) رۇسچە "Шарнир" سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككى جىسىمنى بىر ئوق ئەتراپىدا ئايلىنىش ئىقتىدارى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان مېخانىكىلىق قۇرۇلما. شارنىر ئارقىلىق ئۇلانغان جىسىملار مەلۇم چەك ئىچىدە ئەركىن ئېچىلىپ-يېپىلالايدۇ ياكى ئايلىنالايدۇ. گىرە دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ زاپچاس، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە ئەمەلىيلىكىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

شاھزادە

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدا "شاھزادە" ئۇقۇمى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ سۆز پەقەت بىر ھاكىمىيەت مەنسىپىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي تارىخىدا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي جەريانىدا بۇ ئۇقۇمنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىغا سىڭدۈرگەن ۋە ئۆزگىچە ئۇيغۇرچە مەنىلەر بىلەن بېيىتقان.

شەبنەم

ئەتتىگەن ۋەيا كېچىلىرى دالالاردا يۇپۇرماق ۋەيا جىسىملەرنىڭ ئۈستىدە پەيدا بولىدىغان سۇ تامچىسى شەبنەم دەپ ئاتىلىدۇ.