قامۇس

ۋېلىسپىت

ۋېلىسپىت ئىنساننىڭ ئۆز كۈچى ئارقىلىق پېدال تېپىش ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئىككى چاقلىق قاتناش ۋاسىتىسىدۇر. ئۇ 19-ئەسىردە ئىجاد قىلىنغاندىن بۇيان، دۇنيادىكى ئەڭ ئومۇملاشقان ۋە ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغان قاتناش قوراللىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ۋېلىسپىت پەقەتلا بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىشنىڭ ئاددىي ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىش، مۇسابىقىلىشىش ۋە ساياھەت قىلىشنىڭ مۇھىم قورالى، شۇنداقلا يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ جانلىق سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.

يەلپۈگۈچ

يەلپۈگۈچ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەمەلىي ئەسۋابلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ھاۋا ئېقىمى ھاسىل قىلىپ، ئادەمنى سالقىنلىتىش ياكى ھاۋانى ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە، توك ۋە زامانىۋى تېخنىكىلار بولمىغان دەۋرلەردە، يەلپۈگۈچ كىشىلەرنىڭ ئىسسىقتىن ساقلىنىشىدىكى ھەمراھى بولۇپ كەلگەن. گەرچە ئاددىي بىر قورالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ نۇرغۇن مەدەنىيەتلەردە چوڭقۇر تارىخىي ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە.

ئاغمىخان

ئاغمىخان (Weasel) ھەققىدە بىلىملەرنى ھەمبەھىرلەندۇق. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، ياشاش ئادىتى، رىۋايەتلەردىكى ئوبرازى ۋە ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى بۇ يەردىن تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىڭ.

قاسراق

قاسراق دېگەن نېمە؟ بېلىق، يىلان ۋە باشقا ھايۋانلاردىكى قاسراقلارنىڭ رولى، تۈرلىرى ۋە سىرلىرىنى بۇ ماقالىدىن تەپسىلىي ئۆگىنىۋېلىڭ. قاسراقنىڭ تەبىئەتتىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىڭ.

سېسىق كۈزەن

سېسىق كۈزەن بەدەن شەكلى ئۆي مۈشۈكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 05 ~ 06 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 09 ~ 2.4 كىلوگرام، ئەركىكى چىشىسىدىن سەل چوڭ. بېشى، قۇلىقى، كۆزى كىچىك؛ تۆت پۇتى قىسقا، ئالدى پۇت تىرنىقى ئۇزۇن، ئارقا پۇت تىرنىقى قىسقا، قۇيرۇقى ئۇزۇن ھەم چوتكىسىمان.

قولياغلىق

قولياغلىق (Qolyaghliq) ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە يىپەك ياكى پاختىدىن تىكىلگەن، ئۈستىگە ھەر خىل نەقىشلەر كەشتىلەنگەن كىچىك، تۆت چاسا رومالدۇر. «قول» ۋە «ياغلىق» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان بولۇپ، «قولغا تۇتىدىغان ياغلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

قەلەندەر

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدا "قەلەندەر" ئۇقۇمى ئىنتايىن چوڭقۇر مەدەنىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ئۇقۇم ئاددىي تىلەمچىلىك قىلىدىغان شەخسلەرنىلا كۆرسەتمەي، بەلكى تارىخىي، دىنىي ۋە ئەدەبىي جەھەتتىن مۇرەككەپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چىلاپچا

چىلاپچا كۆپىنچە ئاپتۇۋا بىلەن ماس كېلىدىغان ماتېرىياللاردىن (مىس، كۈمۈش ياكى باشقا مېتاللار) ياسىلىدۇ. بەزىدە ساپال ياكى ياغاچتىن ياسالغان چىلاپچىلارمۇ كۆرۈلىدۇ. ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى مېتالدىن ياسالغان چۆگۈن شەكىلدىكى قول يۇيۇش ئەسۋابى ئاپتۇۋا ۋە ماس ھالدا ياسالغان سۇ تېلەڭگىسى - چىلاپچا بولۇپ، قول يۇيۇش، تازىلىق ۋە مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ بىر جۈپ قول يۇيۇش ئەسۋابى پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىقى، دىنىي ئەنئەنىلەر ۋە مەدەنىي قىممەتلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاپتۇۋا

ئاپتۇۋا ئاساسەن قول يۇيۇش ئۈچۈن سۇ قۇيۇش، چاي ياكى سۇ قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ساقلاش ۋە قۇيۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بويۇملار مېھماندارچىلىق ۋە دىنىي مۇراسىملاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى مېتالدىن ياسالغان چۆگۈن شەكىلدىكى قول يۇيۇش ئەسۋابى ئاپتۇۋا ۋە ماس ھالدا ياسالغان سۇ تەلەڭگىسى - چىلاپچا بولۇپ، قول يۇيۇش، تازىلىق ۋە مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ بىر جۈپ قول يۇيۇش ئەسۋابى پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىقى، دىنىي ئەنئەنىلەر ۋە مەدەنىي قىممەتلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

شامان

“شامان” سۆزى سىبىرىيە تۇڭگۇس تىلىدىكى “šaman” دىن كەلگەن بولۇپ، “بىلگۈچى” ياكى “روھلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان كىشى” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شامان بەزى مەدەنىيەتلەردە ئالاھىدە مەنىۋى رول ئوينايدىغان كىشى بولۇپ، ئادەتتە ئىنسانلار بىلەن روھ دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك دەپ قارىلىدۇ.

پېرىخون

ئىپتىدائىي دىن ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئېتىقاد كاتېگورىيەسى ئىچىدە، پېرىخونلار ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئىلاھ بىلەن ئاددىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئادەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ، تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالايدۇ ھەمدە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ. نۇرغۇن قەدىمىي قەبىلە ۋە ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە، پېرىخون ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

سېھىرگەر

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدا "سېھىرگەر" ئۇقۇمى ئىنتايىن مول مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، بۇ سۆز قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈرلۈك مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئۇقۇم ئەرەبچە "سېھىر" سۆزى بىلەن پارسچە "گەر" قوشۇمچىسىنىڭ بىرلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، "سېھىر قىلغۇچى كىشى" دېگەن ئاساسىي مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

شايبا

شايبا رۇسچە ۋە نېمىسچە سۆز بولۇپ، بۇرما مىخ (ۋىنتا) ئاستىغا قويۇلىدىغان نېپىز مېتال ھالقىدۇر. بەزىدە بولتا ھالقىسى ، ھالقا دەپمۇ قىسقارتىپ ئاتاپ قويىدۇ.  ئىككى جىسىمنى ئۇلىغاندا بوشاپ قېلىش، ئاجراپ چىقىپ كېتىش ياكى بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم ھىملەش دېتالى بولۇپ، تېخنىكىلىق سىستېمىلاردا كۆرۈنمەس، ئەمما ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ۋىنتا

ۋىنتا ( Screw ) رۇسچە سۆز بولۇپ، ياپىلاق باش قىسمىدا يېرىقى بولۇپ، ئەتۋىركە ئارقىلىق سۈركىلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئەسۋاب-جابدۇقلارنى چىڭىتىدىغان بىر خىل مېخانىكىلىق زاپچاس، بەزىلىرىنىڭ شەكىللىرى بولتىغا ئوخشىشىپ قالىدۇ ئەمما گايكا بولمايدۇ. بۇ زاپچاس سانائەت، قۇرۇلۇش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ.

چامباش

چامباشچىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، تەبىئەت بىلەن ئېلىشىش ۋە تىغلىق قوراللار دەۋرىدىكى ئۇرۇشلاردا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان بىر خىل تەنتەربىيە تۈرى.

شارنىر

شارنىر (Hinge) رۇسچە "Шарнир" سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككى جىسىمنى بىر ئوق ئەتراپىدا ئايلىنىش ئىقتىدارى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان مېخانىكىلىق قۇرۇلما. شارنىر ئارقىلىق ئۇلانغان جىسىملار مەلۇم چەك ئىچىدە ئەركىن ئېچىلىپ-يېپىلالايدۇ ياكى ئايلىنالايدۇ. گىرە دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ زاپچاس، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە ئەمەلىيلىكىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

ئامبۇر

ئامبۇر پارىسچە سۆز بولۇپ، مېتاللارنى قىسىش، سۇغۇرۇش، سۇندۇرۇش، ئېگىش، كېسىش ۋە ئاجرىتىش قاتارلىق مۇھىم مەشغۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق قول قورالىدۇر. خەلق ئارىسىدا "ئاغرىغان چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر" دېگەن ماقال بار بولۇپ، بۇ ئامبۇرنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھىملىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

رېزبا

رېزبا (screw thread) سىلىندىر ياكى كونۇسنىڭ سىرتقى يۈزىنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان ئۈزۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ چىقىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، ئۇلاش، ئۇزىتىش ياكى ھىملاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

گايكا

گايكا ( Gayka / Nut ) بولسا مېخانىكىلىق ئۇلاش سىستېمىسىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان، ئىچكى رېزبىلىق مېتال دېتال بولۇپ، بولتا (Bolt) ياكى بۇرما مىخ (Screw) بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلىدۇ. گايكىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق زاپچاسلارنى چىڭىتىش، مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇلاش بولۇپ، سانائەت، قۇرۇلۇش، ئاپتوموبىل ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھەرە (قورال)

ھەرە ياغاچ، مېتال، سۇلياۋ قاتارلىق ماتېرىياللارنى كېسىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئاساسىي قول قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ چىشلىق تىغى ماتېرىياللارنى ئۈنۈملۈك كېسىشكە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. ھەرىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ھۈنەرۋەنلەر، قۇرۇلۇشچىلار ۋە ياغاچچىلار تەرىپىدىن قوللىنىلىپ كەلگەن.

كۇلۇچ

كۇلۇچ رۇسچە سۆز بولۇپ، پىشاڭ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ بولتا، بۇرما مىخ، گايكا ۋە باشقا رېزبىلىق دېتاللارنى چىڭىتىش ياكى بوشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قول قورالىدۇر. "چىراغ يورۇقىدا ھاشىمنىڭ قولىدىكى كۇلۇچ پارقىراپ كۆرۈنەتتى" دېگەن جۈملىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.