ق

قوتاز

قوتاز سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى، جۈپ تۇياقلىقلار تەرتىپى (Artiodactyla)، كالىلار ئائىلىسى (Bovidae)، كالىسىمانلار ئۇرۇقى (Bovinae) ۋە كالا جىنسى (Bos) ئىچىدىكى بىر تۈردۇر. ئىلمىي نامى Bos grunniens (ئۆي قوتازلىرى) ۋە Bos mutus (ياۋايى قوتازلار) بولۇپ، كالىلارنىڭ بىر تۈرىدۇر.

قاسقان

قاسقان ئەنئەنىۋى تاماق ھورداق ئەسۋابى بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

قۇدۇق

قۇدۇق يەر ئاستىدىن سۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلارغا ئېرىشىشتە ئىشلىتىلىدىغان تىك ياكى يانتۇ كولاپ ئېچىلغان ئېغىز.

قىرو

قىرو، يەنە قىروۋ، قروۋ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىرو بىر خىل تەبىئەت ھادىسىسى بولۇپ، ئادەتتە كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئەتىگەن ياكى كەچتە يۈز بېرىدۇ. ئۇ يەر يۈزىنىڭ تبمپبراتۇرىسى تۆۋەنلەپ مۇزلاش نۇقتىسىدىن تۆۋەنگە چۈشكەندە، ھاۋادىكى سۇ پارى يەر يۈزىدىكى جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىگە بىۋاسىتە ئۇيۇشۇشىدىن شەكىللەنگەن بىر قەۋەت ئاق ياكى يبرىم سۈزۈك ئۇششاق مۇز كىرىستالىدىن ئىبارەت. قىروسنىڭ شەكىللىنىشى تېمپېراتۇرا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھاۋانىڭ نەملىكى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، بۇ خىل ھادىسە ھاۋا ئوچۇق، شامال ئاجىز كېچىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

قىلىچ

قىلىچ ( sword ) تارىخى ئۇزۇن تىغلىق ۋە ئۇچلۇق قورال بولۇپ ،ئادەتتە قىلىچ بىسى، قىلىچ سېپى ۋە قىلىچ غىلىپىدىن تەركىب تاپقان ،ئۆتكۈر قوش بىسلىق ياكى تاق بىسلىق. قىلىچ جەڭ، مۇداپىئە ۋە مۇراسىم سورۇنلىرىدا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ نۇرغۇن قەدىمكى دەۋر مەدەنىيەتتىكى ھوقۇق، شان - شەرەپ ۋە جاسارەتكە سىمۋول قىلىنغان بەلگە.

قىزىلگۈل

گۈللەرنىڭ بىر تۈرى

قۇدۇق قاپقىقى

شەھەر ئىچىدە بولىدىغان، يەر ئاستى مەينەت سۇ ماڭدۇرۇش تونىللىرىنىڭ يەر يۈزىگە تۇتىشىدىغان قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇدۇقلارنىڭ ئاغزىنى كۆزدە تۇتىدۇ.