ئا

ئاپتۇۋا

ئاپتۇۋا ئاساسەن قول يۇيۇش ئۈچۈن سۇ قۇيۇش، چاي ياكى سۇ قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ساقلاش ۋە قۇيۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بويۇملار مېھماندارچىلىق ۋە دىنىي مۇراسىملاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى مېتالدىن ياسالغان چۆگۈن شەكىلدىكى قول يۇيۇش ئەسۋابى ئاپتۇۋا ۋە ماس ھالدا ياسالغان سۇ تەلەڭگىسى - چىلاپچا بولۇپ، قول يۇيۇش، تازىلىق ۋە مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ بىر جۈپ قول يۇيۇش ئەسۋابى پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىقى، دىنىي ئەنئەنىلەر ۋە مەدەنىي قىممەتلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئامبۇر

ئامبۇر پارىسچە سۆز بولۇپ، مېتاللارنى قىسىش، سۇغۇرۇش، سۇندۇرۇش، ئېگىش، كېسىش ۋە ئاجرىتىش قاتارلىق مۇھىم مەشغۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق قول قورالىدۇر. خەلق ئارىسىدا "ئاغرىغان چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر" دېگەن ماقال بار بولۇپ، بۇ ئامبۇرنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھىملىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئارىشاڭ

ئارىشاڭ بۇلاق سۈيىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، يەر ئاستىدىن تەبىئىي ئېتىلىپ چىقىدىغان، بۇلاق ئېغىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى شۇ جاينىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان يەر ئاستى تەبىئىي بۇلاق سۈيى ھەمدە تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بولغان مىنېرال بۇلاق سۈيىنى كۆرسىتىدۇ.

ئارقا ئىشىك مېڭىش

«ئارقا ئىشىك مېڭىش» تۇراقلىق ئىبارە بولۇپ، بىر كىشىنىڭ بىر ئۆينىڭ ئارقا ئىشىكىدىن كىرىشنى كۆرسىتىشتىن بەكرەك ناتوغرا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەلۇم شەخسىي مەقسەتكە يېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپېلسىن

ئاپېلسىن بىر خىل ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان مېۋە، ئاپېلسىن تۈرىگە تەۋە. ئۇنىڭ ئىلمىي نامى Citrus reticulata بولۇپ ،ئەسلىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن چىقاتتى ،ھازىر دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.