چ

چىلاپچا

چىلاپچا كۆپىنچە ئاپتۇۋا بىلەن ماس كېلىدىغان ماتېرىياللاردىن (مىس، كۈمۈش ياكى باشقا مېتاللار) ياسىلىدۇ. بەزىدە ساپال ياكى ياغاچتىن ياسالغان چىلاپچىلارمۇ كۆرۈلىدۇ. ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى مېتالدىن ياسالغان چۆگۈن شەكىلدىكى قول يۇيۇش ئەسۋابى ئاپتۇۋا ۋە ماس ھالدا ياسالغان سۇ تېلەڭگىسى - چىلاپچا بولۇپ، قول يۇيۇش، تازىلىق ۋە مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ بىر جۈپ قول يۇيۇش ئەسۋابى پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىقى، دىنىي ئەنئەنىلەر ۋە مەدەنىي قىممەتلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

چامباش

چامباشچىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، تەبىئەت بىلەن ئېلىشىش ۋە تىغلىق قوراللار دەۋرىدىكى ئۇرۇشلاردا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان بىر خىل تەنتەربىيە تۈرى.

چىغىر يول

چىغىر يول ئادەم ماڭىدىغان تار يولنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە كەڭلىكى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىمالال پاراللېل يۈرۈشىگە ماس كەلمەيدۇ. بۇ خىل يول ئادەتتە شەھەردىكى ئولتۇراق رايونلاردا، باغچا، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ۋېلىسىپىت مىنىش، سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق ئىستىراھەت ھەرىكەتلىرىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. يېزا قىشلاقلاردا بولسا، ئېتىزلىقنىڭ ئەتراپلىرىدا، ئورمانلىقتا كۆپرەك بولىدۇ.

چېكەتكە

چېكەتكە بىر خىل كۆرۈنەرلىك كۆچۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ۋە بەزىدە چوڭ كۆلەملىك توپ بولۇپ شەكىللىنىدىغان ھاشارات بولۇپ، تۈز قاناتلىقلار ئەترىتىگە تەۋە.

چايان

چايان بىر خىل قەدىمىي بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان بولۇپ، 800 خىلدىن ئارتۇق تۈرى بار، ئەڭ بۇرۇن 430 مىليون يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان. بارلىق چايانلارنىڭ زەھىرى بار، لېكىن زەھىرىنىڭ كۈچى ئوخشاش بولمايدۇ.