ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلمىسى ھەققىدە قىسقىچە بىلىملەر

ۋاقىت :

خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى ، ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى ، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئائىلىۋى ئەخلاق قاتارلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئولتۇراق ئۆيلەردە روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن . ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، تۇرمۇش ئادىتىمىزدە پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ يېتىش چەكلىنىدۇ ، بۇ ئولتۇراق ئۆيلەردىكى يېتىپ – قوپۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى بەلگىلىگەن . ئۆرپ – ئادەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، كۈننى ئۇلۇغلاش ۋە قىش پەسلىدە ئىسسىنىش سەۋەبىدىن ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئىشىكى جەنۇپقا قارىتىشتىن ئىبارەت بىر خىل ئادەت شەكىللەنگەن . ئەجدادلىرىمىز يەنە ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىشىكنى جەنۇپقا قارىتىپ ئاچسا قىش پەسلىدە ئۆينىڭ يورۇق ۋە ئىللىق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن .

ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلمىسى ھەققىدە قىسقىچە بىلىملەر

خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆيلىرى باغۋارانلىق ، ھويلا – ئاراملىق ، پېشايۋان سۇپىلىق ، دەھلىز – دالانلىق ، ئايۋان – سارايلىق ، ئاشخانا – قازناقلىق ، زەگۈندە – ئەۋرەزلىك ، ئەگمە – ئىشىك دېرىزىلىك ، ئېغىل – قوتانلىق بولۇشتەك قۇرۇلۇش شەكلىنى ئالغانلىقى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . بۇمۇ خەلقىمىز ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ تەكشىلىكتىكى مۇناسىۋىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ ، ئىشلىتىلىش رولىغا ئاساسەن ئىچكىرى – تاشقىرى ، ئالدى – كەينى ، ئوڭ – سول ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن .

خەلقىمىز ئۆي – ئىمارەت سالىدىغان ئورۇننى تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ، ئادەتتە تۇپرىقى مۇنبەت ، سۈيى مول ، باغۋاران قىلىشقا ، دەل – دەرەخ ئۆستۈرۈشكە باپ كېلىدىغان جايلارغا ئۆي سالغان ، دەريا –ئېقىنلارغا يېقىن ، زەي ئورۇنلاردا ئۆي سالغاندا ئۆينى يۇقىرىغىراق سالغان . ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئالدى ئاساسەن شەرقىي جەنۇپ تەرەپكە قارىتىلغان .

خەلقىمىز ئۆيلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ، مەيلى قايسى رايوندا بولسۇن ئاتا – ئانا ، بويىغا يەتكەن ئوغۇل – قىز پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىپ قوپۇش ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم ھۇجرىلارنى سالغان . يېتىپ قوپىدىغان ئۆيلەردىن سىرت مۇۋاپىق ئورۇنلارغا ھاجەتخانا ، تازىلىق ئۆيى ، توخۇ – كەپتەر كاتەكلىرى ، ئېغىل – قوتان ئورۇنلاشتۇرغان ، باغۋاران بىلەن ئۆيلەر قوشۇلۇپ چوڭ قورۇ ئىچىگە ئېلىنغان بولۇپ ، يولغا قارىتىپ دەرۋازا ئورنىتىلىغان .

خەلقىمىزنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ تەكشىلىكتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى خىلمۇ خىل بولۇپ ، ئۇنى تۈرگە ئايرىش بىر قەدەر قىيىن بولغان ، چۈنكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ھاۋا كېلىماتى ، ئىشلىتىدىغان قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ، ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىمۇ پەرق بولغان . تۆۋەندە ئەنە شۇ پەرقلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان بىر قانچە خىل تەكشىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .

بىرىنچى : پىشايۋاننى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش . ئولتۇراق ئۆينى پىشايۋاننى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قەشقەر ، خوتەن ، ئېلى رايونلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ . بۇ خىلدىكى پىشايۋان بىر قەدەر كەڭ بولۇپ ، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن ئاشىدۇ . پىشايۋان كۆرۈنۈشتە ئۆينىڭ سىرتىدىكى كاردىدورغا ئوخشىسىمۇ ، ئەمالىيەتتە ‹‹ كارىدور ›› لۇق ئىقتىدارىنى ئۆتىمەيدۇ . ئۇ سۇپىلىق بولۇپ ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىدە ، ئارام ئېلىش ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، تاماق تەييارلقىنى قىلىش ، تاماق يېيىش ، ياز كۈنلىرى يېتىپ – قوپۇش رولىنى ئوينايدۇ . بەزى پىشايۋان سۇپىلىرى بىر قەدەر ئىگىز كۆتۈرۈلۈپ ئاستى ئامبار قىلىنىدۇ ، بۇنداق ئۆيلەرگە نىسبەتەن پېشايۋان بېزەش ئوبېيكت قىلىنىدۇ .

پىشايۋاننى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغاندا ، ئۆي بىلەن ھويلىنىڭ ، ھويلا بىلەن باغنىڭ ئۆزئار مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولغاچقا ، ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىغا تەبىئىي مۇھىتنى ئەڭ ئۈنۈملۈك سىڭدۈرگىلى ، ھەر خىل پائالىيەتلەردە ھويلا بىلەن ئۆيدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ . پىشايۋاننى مەركەز قىلىش نىسبەتەن قۇرغاق ھاۋا كىلىماتىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر نەچچە خىل تىپقا ئايرىلسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدىكى رولى يەنىلا تۇرمۇش پائالىيەت سورۇنىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت .

ئىككىنچى : ھويلىنى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش . بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش خەلقىمىزنىڭ يەرگە قاراپ ئۆي سېلىش ، يەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئولتۇراق ئۆي مۇھىتىنى يارىتىش ئەنئەنىسىنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولۇپ ، مەيلى ئۆيلەرنىڭ تەكشىلىكتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتە بولسۇن ياكى ئۆيلەرنىڭ بوشلۇقتىكى ئۇسلۇبى جەھەتتە بولسۇن ، كىشىنى جەلپ قىلارلىق ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە شەكىلگە ئىگە . ئەپچىللىك بىلەن چىقىرىلغان بالىخانىلار ، ھويلا ئىچىگە ئۆستۈرۈلىدىغان گۈل – گىياھ ۋە فونتانلار ، ئۆزگىچە بېزەلگەن پەلەمپەيلەر تۇرالغۇ ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىت يارىتىپ ، تۇرالغۇنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان تۈسكە كىرگۈزىدۇ . تۇرالغۇنى بۇنداق ئورۇنلاشتۇرغاندا ، ھويلا بىلەن ھەرقانداق ئۆيلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق ، ئۆزئارا گىرەلەشكەن بولىدۇ .

ھويلا تاشقى ۋە ئىچكى ھويلا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ ، تاشقى ھويلا ئىمارەتنىڭ ئالدى ياكى يان تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ، باغ بىلەن ھويلا ياغاچ رېشاتكا ئارقىلىق ئايرىلىپ ئىشلىتىش تەلىپى بويىچە ئۆزئارا مۇۋاپىق تۇتاشتۇرۇلۇپ ، ئىمارەت ، باغ ۋە ھويلا بىرلەشتۈرۈلۈپ ، بىناكارلىقتىكى بىر پۈتۈنلۈكنى ھاسىل قىلىدۇ .

ھويلىنى مەركەز قىلغان تەكشىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ، تۇرالغۇنىڭ تەكشىلىكتە ئىگىلىگەن ئورنىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتىئينەزەر ، ئۆيلەر ئاساسەن ھويلىغا قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئۆي ئىچىنى يورۇتۇش بولۇپ ، كۆپلىگەن تۇرالغۇلاردا سىرتقا قارىتىپ دېرىزە ئېچىش ئىمكانىتى يوق ، بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقايسى خانىلارنىڭ دېرىزىسى ھويلىغا قارىتىپ ئېچىلىدۇ . بەزى ھويلىلاردا پېشايۋان ئورۇنلاشتۇرالماي دەم ئېلىش ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ۋە غىزالىنىش ئۈچۈن سۇپا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا خانىلارغا يورۇقلۇق چۈشۈرۈش ۋە ھويلىنى پائالىيەت سورۇنى قىلىشتىن ئىبارەت . شەھەر ئىچىدە يەر قىس بولغانلىقتىن ، بۇنداق تۇرالغۇلاردا باغ ۋە قورۇ – قوتان ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ . لېكىن گۈل – گىياھ ئۆستۈرۈش ، گۈل تەشتەكلىرىنى قويۇپ ئائىلىۋى مەنزىرە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا مەلۇم ئورۇن ئاجرىتىلىدۇ .

ئۈچىنچى . ئايۋاننى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش خەلقىمىزنىڭ ئولتۇراق ئۆيلەرنى تەكشىلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئەنئەنىۋى شەكىللىرىنىڭ بىرى ، ئايۋاننىڭ ئاساسلىق رولى ئۆي ئىچىگە يورۇق چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇ يېرىم ئوچۇق ھويلا ھېسابلىنىدۇ . ئۇ پۈتۈن تۇرالغۇنىڭ مەركىزى بولۇپ ، ئۆيلەر ئايۋاننى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .

‹‹ ئايۋان›› يورۇق جاي دېگەن مەنىدە بولۇپ ، خوتەندىكى ئالىي ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ داڭلىق شەكلى بولۇپ، كۆرۈنەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

قەشقەردىكى ئايۋانلار پېشايۋاننى ئاساس قىلىدۇ . قارىماققا خوتەننىڭ تۇرالغۇلىرىدەك روشەن ئايرىلمايدۇ . يەنى پېشايۋاننىڭ ياكى بىز دەۋاتقان ئايۋاننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى تۈڭلۈككە ئوخشاش بولۇپ ، ئۈستى يېپىلمايدۇ ، قارىماققا ھويلا ئىچىدىكى يېپىق پېشايۋانغا ئوخشايدۇ . ئۆيلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ھويلىنى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش شەكلىگە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ، ئۆيلەر پېشايۋان سوپىسىغا قارىتىلىپ ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .

مېھماندارچىلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، ئايۋان پۈتۈنلەي ئۆي ئىچىگە تەۋە بولسىمۇ ، ئىشلىتىش جەھەتتە يەنىلا سىرتقى پائالىيەت سورۇنى ھېسابلىنىدۇ . ئايۋاننى ئۆي سىرتىدىكى باشقا پائالىيەت سورۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىش پەسلى بىلەن بوران چىققان كۈنلەردە ئىشلىتىشكە تازا باب كېلىدۇ . ئۇ سىرتقى بوشلۇق بىلەن ئۆي ئىچىنى بىرىكتۈرۈشنىڭ مۇكەممەللىشىشى بولسىمۇ ، ھەددىدىن ئارتۇق يېپىق بولغاچقا ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆيلەرگە يەنىلا سىرتقى پائالىيەت سورۇنى قوشۇمچە قىلىنىدۇ .

ئايۋان ئولتۇراق ئۆينىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ ، ئۇ ھەرقايسى ئۆيلەردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ . ئىقتىدار جەھەتتىن سىرتقى پائالىيەت سورۇنى بولۇپ ، ئۆيگە ئوخشىمايدۇ . ئۇنىڭ شەكلى ئالاھىدە بولغاچقا ، ئۆيلەرنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئاممىۋى سورۇنى ھېسابىنىدۇ ، يەنى مېھمان كۈتۈش ، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان سورۇن ھېسابلىنىدۇ .

ئايۋاننىڭ يۇقىرىغا چىققان قىسمىنىڭ ئابيۇمى كىچىك بولسا ، قەپەس ئايۋان دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇ ئۆزگەرتىلگەن بىر خىل يېپىق ئۆي بولۇپ ، ئۈستىگە چىقىرىلغان قىسمى پەقەت ھاۋا ئالماشتۇرۇش بىلەن يورۇقلۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن قويۇلغان ئالاھىدە تۈڭلۈكتىن ئىبارەت ، بۇ خىل ئايۋان سىرتقى پائالىيەت مەيدانى ھېسابلانمايدۇ .

 


 

مۇھەررىر : ئامانگۈل ؛

مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى؛

ۋاقىت: 2009- 06- 03 12:55؛

تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-06/03/content_200647.htm
https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A6%DB%95%D9%86%D8%A6%DB%95%D9%86%D9%89%DB%8B%D9%89_%D8%A6%DB%86%D9%8A%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89%D9%85%D9%89%D8%B2#cite_note-1

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇنغا يانداش «تۈر» قوشماقچى ياكى تەۋە « تۈر» دە خاتالىق بار، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز، يۇقارىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەزكۇر بەتتە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

دىگەن نىمە؟

ئىنگىلىزچە، تۈركچە ، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى نىمە؟

نىڭ باشقا خىل ئاتىلىشلىرى بارمۇ؟

ئالاھىدىلىكى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ، تەرجىمە

english translation

türkçe tercümesi

汉语翻译

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

24 سائەت
24 سائەتhttps://24saet.com

گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

مۇشتەرىلىك

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saat

2003 Powerpoint دەرىسلىكى : دىتالنى قوزغىتىش

يۇمشاق دىتالنى قوزغىتىش 1-باسقۇچتا بىز ‹‹باشلاش ››【开始】كۇنۇپكىسنى چىكىپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن ‹‹پىروگرامما››【程序】تۈرىدىن ‹‹ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ››【Microsoft office 2003】تۈرىدىن 【Microsoft power point 2003】ناملىق تۈرنى تاللايمىز.

ئون ئىككى ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى

بىر يىل 12 ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلەمسىز؟

خامانلىق

خامان دېگەن بۇ سۆز قەدىمكى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇغداي قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنىڭ دېنىنى ئايرىش، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش ۋە ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان مەيداننى كۆرسىتىدۇ. خامان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سورۇنى بولۇپلا قالماي، دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدىكى مۇھىم بوشلۇق. بۇ يەردە دېھقانلار زىرائەتلەرنى ئورۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى تاماملاپلا قالماي، يەنە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە تەجرىبىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، مەھەللىنىڭ كۈچنى مۇجەسسەملەش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش روھىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا ئائىت ھازىرغىچە ھېچقانداق سىستېمىلىق ماتېرىيالغا ئىگە بولمىغىنىمىز ئۈچۈن، دەسلەپكى ئىزدىنىش مېۋىسى ئورنىدا مۇشۇ قىسقىچە تارىخ يېزىلدى. بۇ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخشۇناسلىقى ۋە مائارىپ سېلىشتۇرما شۇناسلىقى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان مائارىپچىلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشىگە ئاز - تولا ئىلھام بەرگۈسى، دەپ ئىشىنىمىز.

24 سائەت قامۇسى