خوتەننىڭ مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆي – ئىمارەتلىرى

ۋاقىت :

ئوبۇلقاسىم تۇرسۇن

قەدىمىي يىپەك ۋادىسى خوتەن گىلەم ، يىپەك ، قاشتېشىدىن ئىبارەت «ئۈچ گۆھەر» بىلەن داڭلىق بولۇپلا قالماستىن ، مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆي – ئىمارەتلىرى بىلەنمۇ مەشھۇر .

خوتەننىڭ مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆي – ئىمارەتلىرى

خوتەن خەلقىنىڭ ئۆيلىرى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئورتاقلىققا ۋە خاسلىققا ئىگە . خوتەندە ھۆل – يېغىن ئاز ، قۇم – بوران كۆپ بولغاچقا ، ئۆي سېلىشتا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ . خوتەننىڭ شەھەر – يېزىلىرىغا بارسىڭىز ئازادە ، يورۇق ، ھەر خىل نەقىش – ئويمىلار بىلەن كۆركەم سېلىنغان ئۇيغۇر ئۆيلىرى سىزنى جەلپ قىلىدۇ . بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر خىل گۈل – نەقىش چېكىلگەن قوش قاناتلىق دەرۋازىسىدىن كىرسىڭىز ، ئۆينىڭ ئالدىدىكى پىشايۋان بۆلەكلىرىگە ھەر خىل ئەگىمىلەر چىقىرىلىپ ، ئۈستىگە سىر ياكى گەج بىلەن نەقىش ئىشلەنگەن ئۆيلەر دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ . پىشايۋانغا سۇپا ياسىلىپ ، ئۈستىگە كىگىز ، گىلەم سېلىنىدۇ . ئىچكىرىسىگە دالان ، يازلىق ، قىشلىق ئۆيلەر ، مېھمانخانا ، ئاشخانا ، مۇنچا ، مىھراپ ، تام جاۋەنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . مىھمانخانىلارنىڭ دېرىزىلىرى باغ تەرەپكە قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، مېھمانخانا مەنزىرىلىك ، ھاۋالىق قىلىنىدۇ .

خوتەندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى مېھماندوست ، ناخشا ئۇسسۇلغا ماھىر بولغاچقا ، ئۆينى ئازادە ، كەڭ ، يورۇق قىلىپ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئولتۇراق ئۆينىڭ مەركىزىي قىسمىغا قەپەز ئايۋان ، چۆرىسىگە ئېھتىياجلىق ھەر خىل ئۆيلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . ئايۋان ياز كۈنى سالقىن بولىدۇ . ئەتراپتىكى ئۆيلەرگە ئايۋان ئارقىلىق كىرىدۇ . ئايۋان ئېگىز بولۇپ ، تۈۋرۈكلىرىگە نەقىش ئويۇلىدۇ . ئايۋان شىپاڭلىق بولۇپ ، شىپاڭ ئەتراپى دېرىزە ياكى ئەينەك جاھاز بىلەن ئىشلىنىپ ، يورۇق ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قىلىنىدۇ . ئايۋاننىڭ تۆت ئەتراپىغا (ئۆيلەرگە يۈرۈشىدىغان ئىشىكتىن باشقا يەرگە) سۇپا ياسىلىپ ، چۆرىسىگە سىلىق رەندىلەنگەن تاختاي ئورنىتىلىدۇ .

خوتەندىكى دېھقان ئۆيلىرى كۆپ ھاللاردا توپا ، خىش ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولىدۇ . بۇ ئۆيلەرنى ئۇستا خارەت (ياغاچچى) لەر ئىشلەيدۇ . يېڭى زاماندا خوتەندە خىش ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر بارغانسېرى كۆپەيدى . خىش ، سېمونت قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرمۇ سېلىنىشقا باشلىدى . لېكىن ئۆي – ئىمارەت شەكلىدە مىللىي ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىك ساقلاپ قېلىندى . ئۆي توساقلىرى ۋە ئىشىك دېرىزىلەرگە نەقەش ئىشلەش – خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي – ئىمارەت ئۇسلۇپ – شەكلىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك . ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ ئىچكى زىننەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتىچىلىك (دوپپا) ، توقۇمچىلىق (گىلەم) ، بوياقچىلىق (سەرگەز) قاتارلىق ھۈنەر – سەنئەت بويۇملىرىغا ئوخشاشلا مول . ئۆي ئىچىنى زىننەتلەشتە گۈل سىزىش ، نەقىش ئويۇش ، گەج بىلەن نەقىش چىقىرىش ۋە ناۋا تارتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ . تامغا گەجلىق نەقىشلەر چىقىرىلىدۇ . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئويۇق ، مورا – ئوچاق بىلەن ، بەزىلىرى تام گىلىمى ، زەدىۋال بىلەن ماسلاشتۇرۇلىدۇ . ئۆي قۇرۇلمىسىدىكى تۈۋرۈك ، خە ، بالا قاتارلىقلارنىڭ باش قىسمى ۋە سىرتقى يۈزىگە ھەر خىل نەپىس گۈل – نەقىشلەر چىقىرىلىدۇ . تورۇس زىننىتىدە ۋاساجۇپ قىلىش ۋە رەڭدار بېزەك ئورنىتىش ئاساس قىلىنىدۇ ، نەقىش ئويۇلىدۇ ياكى گۈل سىزىلىدۇ .


 

مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى » 2002– يىلى 6–ئاينىڭ 12- كۈنى

تور مەنبەسى: https://www.uyghur-archive.com/orkhun/orkhun2371.html

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇنغا يانداش «تۈر» قوشماقچى ياكى تەۋە « تۈر» دە خاتالىق بار، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز، يۇقارىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەزكۇر بەتتە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

دىگەن نىمە؟

ئىنگىلىزچە، تۈركچە ، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى نىمە؟

نىڭ باشقا خىل ئاتىلىشلىرى بارمۇ؟

ئالاھىدىلىكى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ، تەرجىمە

english translation

türkçe tercümesi

汉语翻译

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

admin
adminhttps://24saet.com
گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

مۇشتەرىلىك

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saet

بولقا

بولقا ( hammer ) بىر خىل قولدا تۇتىدىغان قورال بولۇپ، ئاساسلىقى مىخ، پارچىلانغان جىسىم ياكى شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن مېتاللارغا زەربە بېرىش، ئۇرۇش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ. بولقا ئىنسانىيەت تارىخىدا نەچچە مىڭ يىللىق ئىشلىتىلىش تارىخىغا ئىگە، ئەڭ دەسلەپكى تاش بولقىدىن ھازىرقى زاماندىكى مېتال بولقىغىچە بولقىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلىتىلىشى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان.

دولانا

دولانا ( ئىلمىي نامى:Crataegus pinnatifida ) يەنە تاغ قىزىلى ياكى قىزىل مېۋە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئازغان ئائىلىسى دولانا ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاساسلىقى جۇڭگو، كورىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپاغا تارقالغان. دولانا مېۋىسى يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ، پىشقاندا ئادەتتە قىزىل ياكى تۇتۇق قىزىل رەڭدە بولىدۇ، تەمى چۈچۈمەل، تاتلىق بولۇپ، خام يېيىشكىمۇ، دورىغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان مېۋە. دولانا جۇڭگونىڭ دورا بىلەن يېمەكلىكنىڭ مەنبەداشلىق مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ ھەم ئەنئەنىۋى يېمەكلىك ماتېرىيالى، ھەم دائىم ئۇچرايدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىيالى.

بىلال ئەنۋەر ئىجادىيەتلىرىدىن تاللانما

بىلال ئەنۋەر ئىجادىيەتلىرىدىن تاللانما

خانقىز

خانقىز 1. «خانقىز» نىڭ ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇشى خانقىز بولسا قاتتىق قاناتلىقلار ئەترىتىگە...

24 سائەت قامۇسى