ئۆي بىناكارلىق

ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۈلگىلىرى

ھازىر ئۇيغۇر ئىلىدا يىگىرمە مىڭدىن كۆپرەك مەسچىت - مەدرىس بولۇپ، ئۇلار تالىپلار قىرائەتخانىسى، مۇدەررىس ئىشخانىسى، مەسچىت، ياتاق، سەرراپخانا، قازىخانا (مەھكىمە شەرئى)، تىلاۋەتخانا قاتارلىق بۆلۈمچىلەردىن تەركىب تاپقان، ئىمارەتلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ئۇسلۇبىدا ياسالغان بولۇپ، قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.

خوتەننىڭ مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆي – ئىمارەتلىرى

خوتەن خەلقىنىڭ ئۆيلىرى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئورتاقلىققا ۋە خاسلىققا ئىگە . خوتەندە ھۆل – يېغىن ئاز ، قۇم – بوران كۆپ بولغاچقا ، ئۆي سېلىشتا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ . خوتەننىڭ شەھەر – يېزىلىرىغا بارسىڭىز ئازادە ، يورۇق ، ھەر خىل نەقىش – ئويمىلار بىلەن كۆركەم سېلىنغان ئۇيغۇر ئۆيلىرى سىزنى جەلپ قىلىدۇ .

ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلمىسى ھەققىدە قىسقىچە بىلىملەر

خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى ، ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى ، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئائىلىۋى ئەخلاق قاتارلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئولتۇراق ئۆيلەردە روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن . ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، تۇرمۇش ئادىتىمىزدە پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ يېتىش چەكلىنىدۇ ، بۇ ئولتۇراق ئۆيلەردىكى يېتىپ – قوپۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى بەلگىلىگەن . ئۆرپ – ئادەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، كۈننى ئۇلۇغلاش ۋە قىش پەسلىدە ئىسسىنىش سەۋەبىدىن ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئىشىكى جەنۇپقا قارىتىشتىن ئىبارەت بىر خىل ئادەت شەكىللەنگەن . ئەجدادلىرىمىز يەنە ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىشىكنى جەنۇپقا قارىتىپ ئاچسا قىش پەسلىدە ئۆينىڭ يورۇق ۋە ئىللىق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن .