ئۇيغۇرلاردىكى سىمۋوللۇق رەڭلەر ھەققىدە

ۋاقىت :

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﺍ ﺋﺎﻕ ، ﻛﯚﻙ ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ، ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .

ئۇيغۇرلاردىكى سىمۋوللۇق رەڭلەر ھەققىدە

1 . ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯓ

ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ “ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ” ﺋﯧﭙﻮﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﻩ “ﻛﯚﻙ” ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ “ﻣﻮﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ” ﺩﯨﻤﯘ : ” ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻫﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ .

ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ( ﺳﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ) ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ . ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ . ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﻪﭖ ﺗﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭ ﺳﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ “ﭘﯧﺮﻩ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ” ﺩﯨﻤﯘ ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺭﻩﺧﺘﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻙ ﺗﯘﻍ ﭘﯧﺮﻩ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺩﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺷﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ “ﭘﯧﺮﻩ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ” ﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯓ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯩﻼﻫﻰ ( ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﻩﭖ) ﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺩﺍﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻏﻼﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻤﯘ ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ .

 

2 . ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯓ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﻤﯘ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻕ ﺑﻮﺯ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺳﻪﭖ ﺗﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ . ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺵ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺕ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ( ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ “ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ، ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ ) ﺷﺎﻣﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ “ﭘﯧﺮﻩ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ” ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﺗﯘﻏﻨﻰ ﻗﺎﺩﺍﭖ ، ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯩﻼﻫﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ ..

ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﻨﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ، ﺳﺎﭘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯓ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯓ — ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯓ — ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ، ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .

 

3 . ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯓ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯓ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯧﻠﯩﮕﻪ “ﺗﻮﻱ ﭘﻮﺗﯩﺴﻰ” ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ . ﻗﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﻱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﺎﺭ ﻳﺎﻏﺎﭼﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﺧﺘﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﺭﻧﻰ ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺩﻭﻻﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﺎﻣﺎﻧﻼﺭ “ﭘﯧﺮﻩ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ” ﺩﺍ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﯘﻍ ﻗﺎﺩﺍﻳﺪﯗ .

ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﻫﯘﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﻮﺭﯗﻕ ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺳﻪﭖ ﺗﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ . ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻳﺎﻳﻼﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ .
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯓ — ﺋﻮﺕ ﺋﯩﻼﻫﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ “ﺋﻮﺕ ﺋﯩﻼﻫﻰ” ﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ . ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺕ “ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻙ” ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ “ﭘﺎﻛﻼﺵ” ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﻮﺕ – ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ، ﻣﯧﻬﯩﺮ – ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .

 

4 . ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯓ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺭﻭﻫﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯓ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘ ، ﺋﺎﺯﺍﺏ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ، ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ، ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ .

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﺭﯗﻕ – ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ ، ﻗﺎﻥ – ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ، ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﭗ ، ﻫﺎﺯﺍ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ “ﻫﺎﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ” ﻧﻰ “ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ” ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ “ﻗﺎﺭﺍ ﺑﺎﺳﺘﻰ” ، ” ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﻪﺕ” ، “ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ” ، “ﺑﻪﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍ”…… ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ “ﻗﺎﺭﺍ” ﺳﯚﺯﯨﻤﯘ “ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ” ، “ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ” ، “ﺩﻩﺭﺩ – ﺋﻪﻟﻪﻡ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ .

ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺭﻩﯕﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ 3 ، 4 ، 7 ، 9 ، 40 ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺑﯘﯗﺭﻥ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ .

 


 

ﻣﻪﻧﺒﻪ : ئۇيغۇريول تورى

https://uyghuryol.com/forum/viewtopic.php?f=2&t=246

ﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻤﻨﯩﯔ “ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﻡ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .

 

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇنغا يانداش «تۈر» قوشماقچى ياكى تەۋە « تۈر» دە خاتالىق بار، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز، يۇقارىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەزكۇر بەتتە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

دىگەن نىمە؟

ئىنگىلىزچە، تۈركچە ، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى نىمە؟

نىڭ باشقا خىل ئاتىلىشلىرى بارمۇ؟

ئالاھىدىلىكى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ، تەرجىمە

english translation

türkçe tercümesi

汉语翻译

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
24 سائەت
24 سائەتhttps://24saet.com

گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

مۇشتەرىلىك

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saet

ياراملىق ئىگىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشنىڭ 100 مىزانى

1. رەھبەر بولغان كىشىدە چوقۇم ئومۇمىيلىق كۆز قارشى بولۇشى لازىم ①رەھبەر بولغان كىشى ھەر ۋاقىت « مەن قوماندانلىق قىلغۇچى»، «مەسئۇل ئادەممەن» دېگەن كۆز قاراش بىلەن قول ئاسىتىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم، بولمىسا، رەھبەرلىكىنىڭ سۆز- ھەرىكىتى قول ئاستىدىكىلەرگە ناچار تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى سەۋىيەسىنىمۇ جارى قىلدۇرالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

قاسراق

قاسراق دېگەن نېمە؟ بېلىق، يىلان ۋە باشقا ھايۋانلاردىكى قاسراقلارنىڭ رولى، تۈرلىرى ۋە سىرلىرىنى بۇ ماقالىدىن تەپسىلىي ئۆگىنىۋېلىڭ. قاسراقنىڭ تەبىئەتتىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىڭ.

شارنىر

شارنىر (Hinge) رۇسچە "Шарнир" سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككى جىسىمنى بىر ئوق ئەتراپىدا ئايلىنىش ئىقتىدارى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان مېخانىكىلىق قۇرۇلما. شارنىر ئارقىلىق ئۇلانغان جىسىملار مەلۇم چەك ئىچىدە ئەركىن ئېچىلىپ-يېپىلالايدۇ ياكى ئايلىنالايدۇ. گىرە دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ زاپچاس، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە ئەمەلىيلىكىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى

بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى

24 سائەت قامۇسى