ئۆرپ - ئادەت
لوپلۇقلاردا كىشى ئىسىملىرى
تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ، ئاياغ ئېقىنلىرىدا بىر سېھىرلىك ماكان بار ، بۇ ماكان تارىختا لوپ دەپ ئاتالغان . ئۇلۇغ تارىخچىمىز موللا مۇسا سايرامى ‹‹ تارىخىي ھەمىدى ›› ناملىق كىتابىدا لوپ رايونىنىڭ چېگرىسى ۋە ئەھۋاللىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان : ‹‹ موغۇلىستان تەۋەلىكىدىكى ئالتەشەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇب بۇرچىنىڭ ئارىلىقىدا لوپ دېگەن بىر مەشھۇر ۋە چوڭ زېمىن بار ... بۇ زېمىندىن خوتەن ، يەكەن ، ئاقسۇ ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ ... بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا تەخمىنەن ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق قەدىمكى ئاھالىنىڭ ياشايدىغانلىقى مەلۇم ، ئۇلار زىرائەت تېرىشنى بىلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ باغ ئىمارەت ، ھويلا – ئارام ۋە يەل- يېمىشلىرىمۇ يوق ، بەلكى ئۇلار بۇ خىل نەرسىلەرنى ئەسلا كۆرمىگەن ياكى بىلمىگەن بولسا كېرەك . ئۇلار دەريادىن بېلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ . قومۇشتىن كەپە ۋە ئۆي ياسايدۇ . ئۇلارنىڭ چارۋىسى كۆپ بولۇپ ، بىر يەردە تۇرالمايدۇ . ... ئۇلار ئۆز يۇرتىدىن ناھايىتى كەم چىقىدۇ . بەزىلىرى پەقەت چىقمايدۇ ، بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزگە كەلمەيدۇ . بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزدىكى ئادەملەر بارسا ، ئۇلار قورقۇپ يېقىن كەلمەيدۇ ...››