لوپلۇقلاردا كىشى ئىسىملىرى

ۋاقىت :

غالىب بارات ئەرك

تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ، ئاياغ ئېقىنلىرىدا بىر سېھىرلىك ماكان بار ، بۇ ماكان تارىختا لوپ دەپ ئاتالغان . ئۇلۇغ تارىخچىمىز موللا مۇسا سايرامى ‹‹ تارىخىي ھەمىدى ›› ناملىق كىتابىدا لوپ رايونىنىڭ چېگرىسى ۋە ئەھۋاللىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان : ‹‹ موغۇلىستان تەۋەلىكىدىكى ئالتەشەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇب بۇرچىنىڭ ئارىلىقىدا لوپ دېگەن بىر مەشھۇر ۋە چوڭ زېمىن بار … بۇ زېمىندىن خوتەن ، يەكەن ، ئاقسۇ ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ … بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا تەخمىنەن ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق قەدىمكى ئاھالىنىڭ ياشايدىغانلىقى مەلۇم ، ئۇلار زىرائەت تېرىشنى بىلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ باغ ئىمارەت ، ھويلا – ئارام ۋە يەل- يېمىشلىرىمۇ يوق ، بەلكى ئۇلار بۇ خىل نەرسىلەرنى ئەسلا كۆرمىگەن ياكى بىلمىگەن بولسا كېرەك . ئۇلار دەريادىن بېلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ . قومۇشتىن كەپە ۋە ئۆي ياسايدۇ . ئۇلارنىڭ چارۋىسى كۆپ بولۇپ ، بىر يەردە تۇرالمايدۇ . … ئۇلار ئۆز يۇرتىدىن ناھايىتى كەم چىقىدۇ . بەزىلىرى پەقەت چىقمايدۇ ، بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزگە كەلمەيدۇ . بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزدىكى ئادەملەر بارسا ، ئۇلار قورقۇپ يېقىن كەلمەيدۇ …››

لوپلۇقلاردا كىشى ئىسىملىرى

موللا مۇسا سايرامىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى لوپلۇقلارنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

لوپلۇقلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاياغ ئېقىنلىرىدىكى پىنھانلاردا – دەريا، كۆل بويلىرىدا – بېكىك ھالدا ھايات كۆچۈرۈپ كەلگەن . قۇرۇقلۇق يىپەك يولىنىڭ ئورنىنى دېڭىز يىپەك يولى ئالغاندىن كېيىن، لوپ رايونى پىنھان بەلۋاغقا ئايلاندى ، بۇ رايوندىن ئۆتىدىغان كارۋانلارنىڭ تەدرىجىي ئازىيىشى ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىت تۈپەيلىدىن، لوپلۇقلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئازلاپ بارغان ، تاشقى دۇنيامۇ ئۇلار ھەققىدە ناھايىتى ئاز ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن ياكى بىلمىگەن . چىڭ سۇلالىسىنىڭ جۇڭغارلارغا زەربە بەرگۈچى چېرىكلىرى بۇ يەرگە باستۇرۇپ كەلگىنىدە، لوپلۇقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ كەڭ تارقالمىغان، تاشقى دۇنيانىڭ ئۇلارغا بولغان دىققەت ئېتىبارى رۇس سولداتى پېرژىۋلىسكىينىڭ 1876 – يىلىدىكى ئېكىسپىدىتسىيىسىدىن كېيىن باشلانغان ، شۇندىن بېرى بۇ سىرلىق رايون ئىلىم دۇنياسى قىزىقىدىغان جايغا ئايلاندى . لوپلۇقلار چوڭراق كۆللەرنى كۆرسە لوپ دەپ ئاتىغان ، جۈملىدىن لوپنىڭ قېقىرى ، لوپ كۆلى ، لوپ چېگىسى ( ناباب تەرجىمە لوپ كەندىرى)، لوپتۇق ، لوپ لەڭگەر … دېگەندەك ناملار بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سىياسىي ۋە تىل ئامىللىرى تۈپەيلىدىن لوپ سۆزىگە كۆل مەنىسىنى بېرىدىغان ”نۇر“ سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ”لوپنۇر“ دەپ ئاتىلىدىغان بولغان . چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ ئېكىسپىدىتسىيىلىرى ھەمدە ئىلىم مۇنازىرىلىرىنىڭ تەسىرىدىن، لوپنۇر نامىنىڭ زىلزىلىسى دۇنياۋى تېمىغا ئايلانغان . 1945 – يىللىرىدىن باشلاپ ئەسلىدىن كۆنچى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان يۇرت ئۆزى قوبۇل قىلغان لوپلۇقلار تۈپەيلىدىنمۇ ئەيتاۋۇر كۆنچى ۋە لوپنۇر دەپ ئاتىلىدىغان بولغان ، 1958 – يىلى يەر ناملىرىنى بېكىتىشتە بۇ يۇرتنىڭ خەنزۇچە نامى يۈلى ، ئۇيغۇرچە نامى لوپنۇر دەپ بېكىتىلگەن ، شۇنىڭ بىلەن لوپ نامىنىڭ ئورنىنى لوپنۇر نامى ئىگىلىگەن . مانا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە لوپلۇقلار ”لوپنۇرلۇق“ نامىدا ئاتىلىپ كەلمەكتە ، مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا بۇمۇ ياخشى بولدى ، ئۇنداق بولمىغاندا خوتەن ۋىلايىتىدىكى لوپ ناھىيىسى بىلەن ئىككىدىن بىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەن بولاتتى .

لوپلۇقلار تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا – ئاياغ ئېقىنلىرىدا دەريا – كۆل بويلىرىدا بېلىق ، قۇشلارنى ئاساسىي ئوزۇقلۇق قىلىپ ياشاپ كەلگەن، گەرچە قوي قاتارلىق چارۋىلارنى باققان ، ئوۋچىلىق قىلىپ ياۋا تۆگە ۋە باشقا جانلىقلارنى ئوۋلاپ ئوزۇقلۇق قىلغان بولسىمۇ، قۇش تۇخۇمى ۋە قۇش گۆشى ، بېلىق ئاساسىي ئوزۇق بولغان . ئۇلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان قوشنا رايونلاردىكى ئاھالىلەر بولغان ئالاقىسى بەك ئاز بولغانلىقتىن ، بېكىك تۇرمۇش ئۇلاردا ئۆزگىچە ئۆرپ – ئادەت ۋە تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . لوپلۇقلارغا ئىسلام دىنى مىلادىيە 15 – ئەسىرلەردە تارقالغان بولسىمۇ ئالاقىنىڭ كەملىكىدىن بىلىدىغانلىرىمۇ ناھايىتى ئاز بولغان ، شۇڭا ئىسلام دىنىنىڭ لوپلۇقلار تۇرمۇشىدىكى تەسىرى 19 – ئەسىرلەرگىچە ئىنتايىن ئاجىز بولغان . تىل ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىك ، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىزلىقى ئۇلارنىڭ ئىسىم ۋە لەقەملىرىدىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەي قالمىغان . ئۇلارنىڭ كىشى ئىسىم – لەقەملىرىنى ئۆگىنىش لوپلۇقلارنىڭ تارىخى ، ئۆرپ – ئادىتى ، تۇرمۇشىنى ئۆگىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

لوپلۇقلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدىن ئۆرنەكلەر :

تاپقان ، تۆلەندى، ماجانخان ( ئايال) ، تۆلەنقۇلى، يۇقاشخان ( ئايال) ، ئۇچراشخان ، تېپىلدى، ئىراۋە ( ئايال ) ، چىمەن قۇتقا، جانبېگى، ئۇزۇن تۆلەندى ، ئاتاۋۇللا ، ئاتىكەلگەن ، ئازنىقۇلى ، قاراجان ( ئايال) ، قارجان ( ئايال) ، ئەركىجان ، ( ئايال ) ، نەرمىجان ( ئايال ) ، يايقاندى ، ئاغاۋەرگەن، تۆلۆگەن ( ئايال ، تۆلەك؟) ، كۈنچىققان ، تاشتانقۇلى ، ئالماشساقال ، ئاتاقۇلى ، ئاتاقوزۇ ، ئوتباسقانباي ، چارۇقۋاي ، يۇندىخان ( ئايال)، سالتاڭ ، ئىگەمبەردى ، قۇتلۇقئايلا ( ئايال) ، قولتۇقمەت ، قۇتلۇقخان ( ئايال ) ، سۈپۈرگە ، چورۇق ، مەگلەلدى ، مەتكەلدى ، كەلدىۋاي ، باغىم ، جانىمقۇلى ، جانقۇلبەگ ، تىرىلگەن ئايلا ( ئايال) ، قارامچى ئايلا ( ئايال ) ، تىرناقۇلى، ئوروزو (روزى) ، نۇمەت ( نۇرمۇھەممەد) ، ئاداجى ( ھادى ھاجى) ، ئەنۇ قۇلى ، مۇت ئاشۇر ، ئاتامەت كۆلچۆ ، مۇسى ( مۇسا) ، ئىفانى قۇلۇ ، توللاق قۇلۇ ، موللامەت ، كېپەك ئايلام ( ئايال) ، ئاغىلچى، ئالمەك ( ئالمىخان) ، ئايىت ( ھېيت ؟)، تالايمەت، سېتى ، ئاشۇر، ئاشىر، ئۆردەك ، تەڭرىبەردى ، ھازېر ، دىلگەر ، قۇداي قۇلۇ ، مىلتوختاسۇن ، ئۈسەيۋاي ، ئىسسام ( ئىسلام) ، ئىسسام ئايلا ( ئايال)، ئاللاقۇل، ھۆۋىللەم ، ئاسانباي ، ئاۋۇل ئاتا، بۆكۆر (بەكرى) ، تايەگ ، توقتىمەت ، زەينەم ، ساتى ، ساۋۇرەم ، قۇيۋان ~ قۇۋان ( قۇربان ) ، گۈلېسەپ ، ھايىتەك ، تالەيمەت، ئۇز ئاتام ، ئىمىنخان ، موللامەت، تۇياخۇن ( تۇراخۇن ) ، توقتۇ ، توقتىمەت، خالىت، تۆرۆخان ، چىراغ ، زايىدىن، زەينەم ، زورو ( زۆھرە ) ، ساتىمەت ، قالچە ( خەلىچە) ، گۈلنىياز ، ماۋۇز قارى ، ئالماخان، ئايسا ، ئايسا پاقا ( ئايال)، ئايشىخان ( ئايال)، خالىت ، ساتىۋالدى، توختاخۇن ، سەگۈجان ( ئايال) ، جانقۇلى ، ئاقنار( ئايال) ، قاراساچ ( ئايال) ، بۆزكۆرپەش، سېلوباي، باراغىل ، غازىباي، تۇرناجان، بەدەك ( بەردى) ، زور ( زورىخان ، ئايال) ، تالىش، پاسا، چورۇق ، ساتىۋالغان، ئاۋۇل (ئوبۇل) ، كۆكچە، توڭنىياز، قۇتلۇق ، تالى ، سۇپۇرا ( سوپىرەم) ، مەرەم ( ئايال) ، تىرنا ( بېلىجان ) ، ئاقئۆلەمبەردىخان ، ئاققۇلانبەردىخان ، سۇياغىل ، پىراق ، ئاللاقۇلى ، قۇرغۇي، ئايسۇ، نۇمۇت (نۇرمۇھەممەد؟)، كۈچۈكئاتام، توللۇق، قۇتمەت، ئاتامەت، ئايېس، ئىفنى قۇللۇ، ئابدۇش، ياقۇل ، ياۋەگەن، ياپال، قاڭسۇق، قۇسۇف، بۇزرۇق، بۇللا، مۇتەل، تويبولدى، ئاقپاشاق، كىپەكئايلا (ئايال)، قەغەزئايلام (ئايال)، مولتوختىمەت، سامساقۋاي، ئاللاقۇلۋاي، ئالاخۇن، باغنىياز، ئاتاۋۇللا، بوسۇق، تۆلۆك (تىلەك)، يولۋاس ، كېيىكباي ، قۇلانباي، تاش، توقۇم، ( كۈن ) تۇغمەت ، ( كۈن ) پاتقانباي، قوشمەت، ئۇتۇق ، ئاق ، سۈيۈم ، ئايخان ، ئالتۇن ( خان) ، چىمەن، ئالماسخان ( ئايال)، مايسىخان ( ئايال) ، چولپان ( ئايال) ، يۇلتۇز ( ئايال) ، ئالمىخان ( ئايال)، تۆمۈرخان ( ئايال) ، ئارزۇخان ( ئايال) ….

لوپلۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدىن قارىغاندا بىر قانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ .

بىرىنچى : ئىسلام دىنى ئارقىلىق كىرگەن ئىسىملار خېلى سالماقنى ئىگىلىگەن ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ تىل ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ ، ئاددىيلاشتۇرۇپ قوللانغان ، بۇلارغا ئىسسام ، قالچە ، قولتۇق ، قولتۇقمەت ، نۇمەت ، ئاروزۇ ، زورو ، قۇۋان …دېگەنگە ئوخشاش.

ئىككىنچى : كىشى ئىسىملىرىدە ئەركىلەتمە ئىسىملار خېلى كۆپ كۆرۈلىدۇ . مەسىلەن : ئالمەك ، ھايىتەك، قالچەك … دېگەنگە ئوخشاش.

ئۈچىنچى: لوپلۇقلارنىڭ ئىسىم قويۇشتىكى خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ كىشىلەرگە ئىسىم ياكى لەقەم قويۇشتا تاسادىپىيلىقلار ياكى تەبىئەتتىن ئېلىنىدۇ . مەسىلەن : ئۆردەك ، قارجان ، كۈنچىققان ، سۈپۈرگە ، تىرنا ( بېلىجان) قۇلى ، چارۇق ، سۈپۈرگە… دېگەنگە ئوخشاش.

تۆتىنچى: لوپلۇقلارنىڭ ئىسىم قويۇشتا يەنە بىر ئالاھىدىلىكى پەرزەنتلىرىگە تىل تەگمىسۇن ، كۆز تەگمىسۇن دېگەن ئۈمىدلەر بىلەن كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان، ئىنتايىن ئاددىي نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويغان . مەسىلەن : چارۇق ، كىپەك ، يۇندىخان، شىرگە … دېگەنگە ئوخشاش . مۇندىن باشقا بالىلىرىنىڭ تۇرۇپ قېلىشى ، ساغلام چوڭ بۆلىشىنى ئارزۇ قىلىپ توقتۇ ( توختى ) ، تۇرسۇن .. دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان .

بەشىنچى : لوپلۇقلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدا قۇلۇ ( قۇل ) دېگەن ئىبارە كۆپ قوللىنىلىدۇ ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ لوپلۇقلاردا قۇللۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ھازىرچە قۇل ئىبارىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنچە كۆپ قوللىنىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئامالسىزمىز ، ئەمما پەرەز قىلىشىمچە بۇ سۆز ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىنىڭ مەھسۇلى بۆلىشى ، كېيىنكى چاغلاردا جەمەت لەقىمىلىك رولىنى ئوينىغان بۆلىشى مۇمكىن . قۇل ئىبارىسى ھەقىقىي مەنىدىن قۇللۇقنى كۆرسەتمىگەن ، بۇ خۇددى قەدىمكى تىلىمىزدىكى تېكىن ئىبارىسى گەرچە قۇل مەنىسىدە بولسىمۇ كېيىنچە شاھزادە مەنىسىنى ئاڭلىتىپ كەلگەنلىكىگە ئوخشاش ، كېيىنچە ئەسلىي مەنىسىدىن قېلىپ جەمەت لەقىمىلىك رولىنى ئوينىغان .

ئالتىنچى: ئەر – ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىغا ئاخۇن ، باي ، بەگ، جان، خان دېگەندەك سۆزلەرنى قوشۇپ ئاتاش ئادىتى بار ، لېكىن تاي ، قىز ، ئاي ، گۈل ، بانۇ ، بۈۋى دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ ئاتىغان ئىسىملار كۆرۈلمەيدۇ.

يەتتىنچى: لوپلۇقلاردا لەقەم قويۇش ئادىتى ئومۇملاشقان . كىشىلەرنىڭ مىجەز خۇلقى ، تۇرقى ، يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىغا قاراپ لەقەم قويۇشىدۇ ، ئۇلار لەقەمنىمۇ يامان كۆرمەيدۇ . لەقەم نەچچە ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ قوللىنىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.

ئازادلىقتىن بۇرۇن لوپلۇقلار ئاساسەن كورلىغا بېرىپ ئالاقە قىلغان بولسا ، تۇرپانلىقلار كېلىپ ئالاقە قىلغان ئىدى. ئازادلىقتىن كېيىنكى كۆچۈش ( تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاياغ ئېقىنلىرىدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقتىن ئاھالىلەر چاقىلىق ناھىيىسى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىرىنىڭ بازىرىغا يېقىنراق يەرلەرگە كۆچتى) سەۋەبىدىن، باشقا يۇرتتىكى ئاھالىلەر بىلەن بولغان ئالاقە كۈچەيدى . مانا ئەمدىلىكتە ، لوپلۇقلار زور كۆلەملىك ئاھالىلەر ئىچىگە سىڭىشىپ تىل ، ئادەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكىنى ئۇنتۇپ ئالتەشەھەرلىك ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ كەتتى.

لوپلۇقلارنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرى ، تىل ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى تىل ، ئۆرپ – ئادەت ، ئىجتىمائىي ھالەتلىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ ، بۇ ھەقتە ساقلانغان ئۇچۇرلارنىڭ سارقىندىلىرىنى بولسىمۇ يىغىش ، باشقا ماتېرىياللار بىلەن بىرىكتۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە .


مەنبە: تارىخ بلوگى

ئادرىس: https://www.uyghur-archive.com/tarix/logs_74057428.html

ئەۋەتىلگەن ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاي 31-كۈنى

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇنغا يانداش «تۈر» قوشماقچى ياكى تەۋە « تۈر» دە خاتالىق بار، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز، يۇقارىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەزكۇر بەتتە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

دىگەن نىمە؟

ئىنگىلىزچە، تۈركچە ، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى نىمە؟

نىڭ باشقا خىل ئاتىلىشلىرى بارمۇ؟

ئالاھىدىلىكى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ، تەرجىمە

english translation

türkçe tercümesi

汉语翻译

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

24 سائەت
24 سائەتhttps://24saet.com

گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

مۇشتەرىلىك

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saat

ئارىشاڭ

ئارىشاڭ بۇلاق سۈيىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، يەر ئاستىدىن تەبىئىي ئېتىلىپ چىقىدىغان، بۇلاق ئېغىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى شۇ جاينىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان يەر ئاستى تەبىئىي بۇلاق سۈيى ھەمدە تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بولغان مىنېرال بۇلاق سۈيىنى كۆرسىتىدۇ.

زىناق

زىناق ئادەم كۈلۈمسىرىگەندە يۈز قىسمىدىكى ئالاھىدە مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىشىدىن پەيدا بولغان ئويمان.

پىچاق

پىچاق بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان قورال ياكى قورال بولۇپ، ئادەتتە پىچاق بىسى ۋە پىچاق دەستىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، كېسىش، قىرىش، ئويۇش ياكى مۇداپىئە قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. پىچاق ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇزاق ئىشلىتىش ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، ھەم تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان قورال، ھەم جەڭدىكى قوراللارنىڭ بىرى.

رەندە

رەندە ياغاچچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب بولۇپ، ئاساسلىقى ياغاچنىڭ سىرتقى يۈزىنى قىرىش ۋە رەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

24 سائەت قامۇسى