ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم سۆزلەر

ۋاقىت :

1. سۇلۇن: چىرايلىق
2. ھىلال: يېڭى چىققان ئاي، ئۈچ كۈنلۈك ئاي
3. مىرغىزار: ئوتلۇق جاي،گۈل چىمەنلىك
4. بۇزرۇك: ئەتىۋارلىق،ئىززەتلىك،ھۆرمەتلىك
5. نەرگىس: كۆزگە ئوخشايدىغان چىرايلىق گۈل
6. شىكەستە: زەخمىلىك، جاراھەتلىك
7. بەريان: لەختە-لەختە، تىلىنىش
8. ئەپغان: دات-پەريات، نالە-پىغان
9. پەيمان: قاچا
10. سىپاگەرچىلىك: ھەبىي ئىلىم، ھەبىي مەشىق
11. تىركەش: ئوقدان
12. ئەيسا: لوپنۇردا ئۆتكەن ئەشەددىي زومىگەر
13. بويچىلىق: بويتاقچىلىق، بويتاقلىق
14. پىلاش: ئاتاپ قويۇش، تەغدىم قىلىش
15. سىن،سىنى: چىراي،چىرايى
16. مۇرۇللۇغ: ۋەدىلىشىش، ۋەدىلەشكەن
17. كامپاشى: قومۇش پۆپۈگى
18. ئۇجۇل: يېكەن، توزغاق
19. غارغالتا: كېمە توختايدىغان جاي
20. بەت گوپا: بىۋاپا، ۋاپاسىز
21. ھۆلتەن: تىرىك جان
22. مىژگان: كىرپىك
23. قارا باتۇر: تاھىر-زۆھرەنىڭ ئارىسىغا ئۈنگەن شۇم بۇيا
24. تاشا: ياقا،چەت
25. جۇپ دىگەر: يولداش، مەھبۇب، ھەمرا
26. دۇتار: ئېگىلگۈچى،مۆھتاج
27. شەمشى باقا،ماھى تابا: ئۆلمەس كۈن، تولۇن ئاي
28. ئاتەش: ئوت
29. مەھشەر: قىيامەت كۈنى
30. بەدەخشان: تۈرلۈك رەڭدىكى ئۈنچە-مارجان،لەئىلى-ياقۇت چىقىدىغان جاي
31. شاھى خۇبايىم: گۈزەللەرنىڭ شاھى
32. سابا: تاڭ شامىلى
33. سىنە: كۆكرەك، يۈرەك
34. زەبۇن: ئاجىز، ۋەيران، ناچار، خامۇش
35. جامۇن: جام، قاچا
36. مۇجاپىر: قوشنا، ھەمسايە
37. ئېرسالنامە: يارغا ئەۋەتىلىدىغان خەت، پۈتۈكنامە
38. تابىنا: كۆزى كۆرمەيدىغان كىشى، كور، ئەما
39. بىھال: مۇمكىن ئەمەس، ئىمكانىيەتسىز
40. غۇبار: چاڭ-توزاڭ
41. رىيازەت: جاپا-مۇشەققەت
42. چىلتەن(چىھىلتەن): قىرىق گۋدىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى
43. بادى سابا: ئۇچقۇر شامال، تاڭ شامىلى
44. پىيام: دەرھال،تېز
45. خاكى-پاھىڭ: تۇپراق، جاي
46. دەرىڭ: ئىشىك ئالدى
47. چاھ: قۇدۇق
48. سەراسى: سەرخىلى، ئېسىلى، ئەركىسى
49. پۇرجاپا: جاپانى يەڭگۈچى
50. نەرەم: يۇمشاق، مۇلايىم
51. كەرەم: سېخى
52. مەرگەژدۇم: يىلان، چايان ۋە باشقا زەھەرلىك قۇرتلار
53. داببە: تۆت ئاياقلىق ھايۋانلار
54. بەستەدىل: دىلى بارغلانغان
55. گۈلى ئەھمەر: خۇشپۇراق گۈل
56. سەييات: ئاڭ(كىيىك)
57. كامان: كامالەت
58. تەۋەللۇت: كۆزى يورۇش، بوشىنىش، دۇنياغا كېلىش
59. بوسە: سۆيمەك،سۈيۈش
60. ئەقە: باغلاش
61. بالىغ: ①بالاغەتكە يەتكەن، ۋايىغا يەتكەن② شەھەر، قەلئە
62. يارە: يارغا
63. نارە: نار،ئوت
64. خۇنى خارە: قان يۇتماق، قاتتىق قايغۇ يۇتقۇچى، غەمكىنلىك
65. زارە: ئازار بېرىش
66. غەپلەت خۋاپ: غەپلەت ئۇقۇسى
67. پۇرئاپ: ياشقا تولغان
68. بەنت: نەزەربەنت
69. يەكتەن: يالغۇز
70. ماجالى: ھالى
71. چەرخى ناشات: قايغۇلۇق دۇنيا
72. تەۋەققۇپ: توختاش،تىك تۇرۇش
73. ئەنداز: قېلىپ،ئۆلچەم
74. مەرغۇپ: يېقىملىق، سۆيۈملۈك
75. بىگانە: يات، ناتۇنۇش، ئۆزگە، بۆلەك، غەيرى
76. مېھرام: مېھرىبان
77. ئاھى سەرد: سوغاق ئۇھ تارتىش
78. ئەزدىل پەرد: دىلى يالغۇزلۇقتىن مۇڭلىنىش
79. سۇپەر: قالقان
80. شىنجۈن: تۇيۇقسىز كېچىلىك قانلىق ھۇجۇم
81. گەردۇن: ئاسمان گۈمبىزى
82. ئەبزۇن: چەكسىز
83. نۇش: ئىچىملىك، ئۇسسۇزلۇق
84. دۇش: قەۋەت، توپلانغان، يىغىلغان، دۆۋلەنگەن
85. ئالات(ئالەت): قوراللار، ئەسۋاپلار
86. مادە: چىشى، ئورغاچى
87. قىسسەئى كامانىغا: ئوقيانىڭ يايىغا
88. بەند ئەيلەپ: باغلاپ قويۇپ
89. زىھلەت: يولغا چىقىش، جۆنەش
90. بەنىدەرگاھ: ①پورت②چۆل،تاغلىق جايلاردىكى قونالغۇ جاي(پەللە مەنىسىدە)
91. بوسە: سۆيۈش، ئۆپۈش
92. بىدار: ئۇيقۇسىز، سەگەك
93. مۇختەسەر: قىسقىچە
94. بىسيار: كۆپ،تولا
95. مالامەت:①ئەيىبلەش، كايىش، جىملەش②يامانلاش، قارىلاش، يالا③ئاۋارىچىلىق، دىشۋارچىلق
96. ۋادەرىخ: ۋاي ئېسىت، ۋاي ئەتتەڭ، ۋاي ئەپۇس
97. دەردى سۆز: كۆيۈك دەردى
98. خۇن جىگەر: جىگەرى قان بولۇش
99. قابا(قاباھەت): قەبىھ، يامان، يارىماس
100. نار: ئوت،يالقۇن
101. جەيھۇن: ئامۇ دەرياسىنىڭ قەدىمقى نامى
102. مۇنەججىم: ئاستورنۇم
103. پۇرئاب: ياش(كۆز يېشى)غا تولغان
104. پەنە: نەسىھەت، كېڭەش
105. مەتلۇب: خاھىش، تىلەك، تەلەپ
106. سەرگەشتە: ئاۋارە، سەرگەردان، بېشى ئايلانغان
107. بىسەرۇسامان: بىچارە ۋە پەرىشان
108. باكەرەم: مەرت، سېخى، كەڭ قورساق
109. ئاب: سۇ
110. رازىدىل: دىلسىرى، يۈرەك سىرى
111. ئىشقى مەجازى: يۇشرۇن ئىشىق
112. مۇتالىئە: كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش، ئوقۇپ چۈشنىۋېلىش
113. ماھوسال: ئاي ۋە يىل
114. تېرس: تەتۈر
115. خۇناب: قانلىق ياش، ئاچچىق يىغا
116. تاېئ : قاراشلىق، تەۋە، قول ئاستىدىكى
117. مال ئەھۋالى: مال-مۈلۈك، بايلىقى
118. باغى مەھرەم: ①بەھىر، دېڭىز، دەريا②كۆڭلۈم بېغى
119. پەيمانە: جام، قاچا
120. مەراھىل تەي قىلىپ: ئۆتەڭ(مەنزىل) بېسىپ
121. فارىخ: ①تېنچ، خاتىرجەم بولماق②قۇتۇلماق، ئازات بولماق③بىمالال
122. قۇرئەنداز: قۇرئە تاشلاپ پال ئاچقۇچى، پالچى
123. مۇرغىزارلىق: قۇشزارلىق
124. فىردەۋسى: باغ، جەننەت بېغى
125. مۆرۈۋەت: ئادەمگەرچىلىك، ئاقكۆڭۈللۈك
126. سۇد: پايدا، نەپ
127. چۈن ئەبرى نەۋباھار: خۇددى باھار بۇلۇتلىرىدەك
128. ھۆۋەيدا: ئېنىق، روشەن، ئاشكارە بولماق، بەلگىلىك بولماق
129. زاھىر: ①تېشى، سىرتى، كۆرۈنۈشى②ئوچۇق، روشەن
130. چاك: ①تىكىش، چەك②يىمىرلىش، ئۈزۈلۈش، يىرتىلىش، كېسىلىش
131. كەربالا: ئىراقتىكى دەشت-باياۋاننىڭ نامى
132. ناشاد: خاپا كۆڭۈلسىز
133. دەججال: يالغانچى(قىيامەت يېقىنلاشقاندا پەيدا بولۇپ ئادەملەرنى دىندىن ئازدۇرغۇچى )
134. زەنگى: قارا تەنلىك، نىگىر
135. نەۋجۇۋان: ياش يىگىت
136. مۇتەغەييىر بولۇپ: ئۆزگىرىپ
137. ئاتەش ئىشقى: ئىشق ئوتى
138. سەھەت تېپىش: ساقىيىش، شىپا تېپىش
139. ئەرەستە: زىننەتلەنگەن
140. فەرسەڭ(فەرسەخ): 6 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر تاش مۇساپە
141. غۇلام: قۇل، خىزمەتكار
142. قىرمىز: قىزىل، توق قىزىل
143. خەستە: سۇنۇق، تۆۋەن، كېسەل
144. مەلۇل بولۇپ: خاپا بولماق، رەنجىمەك، غەمگە چۆكمەك
145. دەبدەبە: ھەشەمەت، داغدۇغا
146. رەشىك ئەتمەك: قىزغىنىش، كۆرەلمەسلىك، كۈنچىلىك
147. سەيلان: سەيلە قىلىپ
148. نەرگىس: ئاق ياكى سېرىق گۈللۈك ئوت ياكى ئۇنىڭ چىرايلىق گۈلى
149. سۇمبۇل: ①بىر تۈرلۈك خۇشبۇي ئۆسۈملۈك②چاچ(مەھبۇبىنىڭ چېچى)
150. ماھرۇى: ئاي يۈزلۈك
151. سەيياد: ئوۋچى
152. شېكەرفىشان: شېكەر چاچقۇچى
153. غەمزە: جىلۋە، ناز، قىلىق
154. ئىرەنلەر: ئەرلەر، ئەركەكلەر، مەردانىلەر
155. مەھرەم: ①ئۈلپەت، يېقىن دوست② خىزمەتكار، ئىشەنچلىك ياردەمچى
156. تەۋازۇئ : ① ئېگىلمەك② ئىززەت-ھۆرمەت
157. ھەقىر: بىچارە، مىسكىن، خارلانغان
158. مۇنتەزىر: ئۆمىد قىلغۇچى، كۈتكۈچى، ئىنتىزار
159. مۇستەجاپ: قوبۇل قىلىنغان، ئىجابەت بولغان
160. شەيدا: قايناق مۇھەببەت، ئاشىق بولماق
161. زاغ: قارا قاغا
162. بەريان: كۆيۈپ كاۋاپ بولماق، قورۇلۇۇۇش
163. باد: شامال
164. قازارا: تەغدىر بىلەن، تاسادىپى
165. ھەمىن: ئۇشبۇ، مۇشۇ
166. زىر-زەبەر: ئاستىن-ئۈستۈن
167. شەررىدىن: يامانلىقىدىن
168. شەرمىسار: ئۇياتلىق
169. دىلىجەمىئە: كۆڭلى خاتىرجەم بولماق
170. مەھاسىل: تۇتقۇچىلار
171. چاھار: تۆت
172. سۇۋار: مىنمەڭ(ئاتقا)
173. بىباك: ھىچنەرسىدىن قورقمايدىغان، ئەيمىنمەيدىغان
174. چاھ: ئورا، يەر ئاستى گەمە،قۇدۇق
175. مۇھازىر: مەزە
176. بەناگاھ: بىردىنلا
177. تۇرپە: ①ئاجايىپ، ھەيران قالغۇدەك، قىزىق②يېڭى كەلگەن ئادەم
178. ئازمايىش: سىنىماق، ئىمتىھان ئالماق
179. تەسكىن تېپىش: تېنچلىنىش، ئارام تېپىش، خاتىرجەم بولۇش
180. مار: ئىلان
181. بارە: قېتىم، مەرتە
182. غۇبار: ①توپا چاڭ②غۇۋا③ئىس، دۇت
183. ناتاۋان: ئاجىز، بوش، كۈچسىز، قۇۋەتسىز
184. چەشمە: بۇلاق
185. كەسرت: يامان، يارىماس
186. گۈزەرگاھ: بېسىپ ئۆتىدىغان يول
187. سىپارش: تاپشۇرۇق
188. بەدەرگاھ: خۇدا ئالدىدا
189. قازىيەل ھاجات: ھاقەتلەرنى راۋا قىلغۇچى
190. ھەر چەندان: ھەددىدىن زىيادە كۆپ
191. تىيرەدىلدۇز: تىيرە ـــ ئوقيانىڭ ئوقى، دىلدۇز ـــ يۈرەككە سانجىلىدىغان
192. پەلەك چەرخى: پەلەك چاقى
193. گۇزەر: ئۆتۈش
194. سازا: لايىق
195. جەھد: قەتئىي نىيەت، ئىجتىھات، تىرىشىش
196. گولاب: گۈل سۈيى
197. نىسار: ①پىدا،قۇربان قىلماق②چاچماق، چاچقۇ
198. مەزاسى: مەزىسى، تەمى
199. مال-مەنال: مال-دۇنيا
200. ئەندەك: ئازراق
201. ئەقدى نىكاھ: نىكاھ توختىمى
202. بىكەس: ①بىچارە، ئاجىز②خانىش
203. غەمناك: غەمكىن
204. ئەس-ئەسە: داغدۇغا
205. تەكپىن تەجىز: كېپەنلەش
206. مۇددەرىس: ئالىي دىنىي مەكتەپ مۇئەللىمى
207. يارجوق: ئوقيانىڭ بىرخىلى
208. پەيدەر-پەي: ئارقىمۇ-ئارقا
209. ھاقىر: قەدىرسىز
210. دەر-بىدەرگادا: سەرگەردان گاداي
211. تەرگىچ: تەمەش
212. مەجلىس: سۆھبەتلىشىش، ئولتۇرۇش، يىغىلىش
213. جاۋاھىر: قىممەت باھالىق نەرسىلەر
214. شاھاپچە: بۆلۈم، قىسىم، تارماق
215. سەرپا: بىر قۇر كىيىم
216. ھەلقى كەمەند: سالما
217. سەرۇ-سامان: باش
218. شىكەستە: سۇنۇق، كۆڭلى سۇنۇق
219. سەيىد: ئوۋ،ئوۋلاش، ئولجا
220. ھەزار دەرىخ: ئىسىت-ئىسىت، مىڭلىغان-مىڭلارچە پۇشايمان
221. كاشانە: ئىگىز، زىننەتلەنگەن
222. ئارەستە: بېزەش، زىننەتلەش
223. زىنە-پايە: پەلەمپەي، بالداق
224. بىر پەرسەڭ: سەككىز چاقىرىم
225. گادا(گەدا): گاداي
226. قۇرئە: پال تېشى
227. قىيام: چۈش ۋاقتى
228. سۇمبۇلە: 8-ئاي
229. كىمخاپ: زەر تۇماق
230. كىبرانە: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، كۆرەڭلەش
231. موۋۇت پەنجىرە: ئۇزۇن چاپان
232. شەنگەن يامۇل: ھازىرقى ناھىيە دەرىجىلىك تۈرمە
233. گوجەي: لاتا
234. بىجا: ئىجرا
235. سوگو: ناھايىتى كەمبەغەل
236. ئەييۇھانناس: دېققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار
237. تاۋى: روھى،مىجەزى
238. سىركاي: چىنە
239. دەرقەمتە: توپلۇشۇش، يۈزمۇ-يۈز
240. ۋەجى: سەۋەپ
241. چەش بۇغداي: ساپ بۇغداي
242. ئاۋام: خەلق
243. بۇزاقى: بۇزۇق
244. بويۇنتاۋلىق: بويسۇنماسلىق
245. مالىخاي: قالپاق
246. ھۇششەرە: ئەقىللىق
247. چۇلۋۇر: يۈگەن
248. خاڭدۇق: سادىر پالۋاننىڭ لەقىمى
249. مۇھەييا: تەييار
250. پازىل: ئالىم،بىلىمدار
251. ئىسمەت: نومۇس، ئىپپەت، پاكلىق
252. زەرد: ئوت
253. غەنىم: دۈشمەن، تاۋ
254. جەبرۇبىداد: ھىچكىمگە ئەرز-داد قىلالماي نائىلاج قېلىش
255. ۋەلى: ئەۋلىيا
256. لەئىل: قىزىل ياقۇت
257. ھېسارى: قەلئە،ئىستىھكام
258. زەراپەت: ھۇشيارلىق
259. سەھبا: ۋىنو، قىزىل شاراب
260. مۇسەپپا: ساپ
261. ئەغيار: ئۆزگە، باشقا، يات
262. زىنھار: ھەرگىز
263. زىند: بىپەرۋا، بولۇمسىز
264. پارسا: يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغۇچى
265. خۇم(خۇمرا): كوزا
266. بۇنيات: ئىشقا ئېشىش، ۋۇجۇتقا چىقىش
267. مەردۇم: ئەل، خەلق
268. ئىمراد: مەدەت، ياردەم
269. ناكەس: پەسكەش، ۋىجدانسىز
270. زوھۇر: پەيدا بولۇش، نامايەن بولۇش، كۆرۈنۈش
271. يوق ئىنتىھاسى: ئاخىرى يوق، تۈگەنچىسى يوق، پايانى يوق
272. سابىت: ئېغىشماس، مۇستەھكەم
273. تەۋق: بويۇنتۇرۇق
274. ھەرچەند: ھەرقانچە، كۈچىنىڭ بارىچە
275. مەلۇل: خاپا، غەمكىن
276. مەۋزۇن: ۋەزىنلىك، شېئىرىي
277. خىرارمەند: ئەقىللىق، دانا
278. ئەنداز: قېلىپ، شەكىل، مودىل
279. ئەھرەمەن: دىۋە
280. مۇرۇۋەت: رەھىمسىز، ئادەمگەرچىلىكى يوق
281. زەلىل: پېقىر، نامرات، ئاجىز
282. نىش: نەيزە، تىغ
283. دۇم: قۇيرۇق
284. مار: يىلان
285. كەرەم: ھىممەت
286. رىيا: ئىككى يۈزلىمە
287. لاش: ئۆلەرمەن
288. ھەزىل: چاقچاق
289. باتىنىڭ: ئىچكى دۇنيايىڭ
290. كەمەك: قەدىمقى ئىران شاھلىرىدىن جەمشىدنىڭ ھەييارى
291. بادى سابا: سۈبھى شامىلى، تاڭ شامىلى
292. تاپاخور: پەخىرلىنىش، پەخىرلەنمەك
293. كىرامەن كاتىبىن: پەرىشتىلەرنىڭ ئىسمى،ئۇلار ئادەمنىڭ ئىككى مۈرىسىدە تۇرۇپ بىرى ياخشىلىقنى، يەنە بىرى يامانلىقنى يازارمىش.
294. چەرخى كەيۋان: چاقتەك ئايلانغۇچى پەلەك
295. شىرى غەرران: قورامىغا يەتكەن شىر
296. بازۇ: بىلەك
297. ئەپلاك: پەلەك
298. ھەۋزىكەۋسەر: كەۋسەر كۆلى، شەربەت كۆلى
299. بەھرى ئۇممان: ئۇممان دەرياسى
300. پەلىد: ئىپلاس، نومۇسسىز
301. سەمەندەر: ۋولقانلارنىڭ ئىچىدە يۈرىدىغان ئوت چاشقىنى
302. شاقاۋەت: بەختسىزلىك
303. مەنھۇس: يوق قىلىنغان، نابۇت قىلىنغان، ئۆلتۈرۈلگەن
304. زاغۇ-زوغەن: قاغا-قوزغۇن
305. چەرخى بۇنياد: مەۋجۇت دۇنيا
306. ئەغيار: غەيرى
307. بىخى بۇنيادىن: بىخ ۋە يىلتىزى
308. مەزھەر: دەھشەتلىك سەت كۆرۈنۈش
309. قىرمىز: گۆزەل
310. بىتىمىز: تەمى ئېغىزدىن كەتمەيدىغان،تاتلىق

ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم سۆزلەر


رەتلىگۈچى: ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

قارا ھىجران تورى
http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=968
تارىخ تورى
https://www.uyghur-archive.com/tarix/logs_157228441.html

ئەۋەتىلگەن ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇنغا يانداش «تۈر» قوشماقچى ياكى تەۋە « تۈر» دە خاتالىق بار، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز، يۇقارىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەزكۇر بەتتە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

دىگەن نىمە؟

ئىنگىلىزچە، تۈركچە ، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى نىمە؟

نىڭ باشقا خىل ئاتىلىشلىرى بارمۇ؟

ئالاھىدىلىكى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ، تەرجىمە

english translation

türkçe tercümesi

汉语翻译

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

24 سائەت
24 سائەتhttps://24saet.com

گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

مۇشتەرىلىك

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saat

قاسقان

قاسقان ئەنئەنىۋى تاماق ھورداق ئەسۋابى بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

زىلالە – ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

زىلالە - ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

روزا ھېيت

روزا ھېيت (ئەرەبچە: عيد الفطر) ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ مۇھىم بايراملارنىڭ بىرى بولۇپ، رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتقاندىن كېيىن شەۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى تەبرىكلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، روزا ھېيت پەقەت دىنىي پائالىيەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە كىملىك بىلەن زىچ باغلانغان مۇھىم ئىجتىمائىي ۋەقەدۇر. بۇ ماقالىدە روزا ھېيتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەھمىيىتى، تارىخى تەرەققىياتى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى تەبرىكلەش ئادەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

ماندارىن

ئاپىلىسىنغا ئوخشاپ قالىدىغان مىۋە. ماندارىن ( تاتلىق ئاپېلسىن ) بىر خىل كىچىك تىپتىكى ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە بولۇپ، ئىلمىي نامى Citrus reticulata. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى جۇڭگو بولۇپ، شەرقىي ئاسىيا ۋە يەر شارىدىكى ئىللىق رايونلارغا كەڭ تارقالغان. ماندارىن تاتلىق تەمى، ئاسان سويۇلىدىغان پوستى ۋە مول شىرنىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكتە كۆپ ئۇچرايدىغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ.

24 سائەت قامۇسى