مانتا — ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر تائام سەنئىتىنىڭ گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ. مانتا پەقەت بىر يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئائىلە ئەنئەنىسىنىڭ مۇھىم ئىپادىسىدۇر.
ئۇيغۇرچە / Uyghurche : پېتىر مانتا
ئىنگىلىزچە / English : unleavened dumpling
تۈركچە / Türkçe : ince tabaklı uyghur mantısı
خەنزۇچە / 汉语 : 薄皮包子
مانتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاساسلىق تائامى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر مانتىسى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەمى، تەييارلاش ئۇسۇلى ۋە سۇنۇش شەكلى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مانتىسى ئادەتتە قوي گۆشى، پىياز ۋە ھەر خىل تېتىتقۇلار بىلەن تەييارلىنىدۇ. گۆشنىڭ ماي نىسبىتى مانتىنىڭ تەمىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا مايلىقراق قوي گۆشى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. مانتىنىڭ قورساق قىسمى نېپىز بولۇپ قالسا ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ، بەك قېلىن بولسا يېگەندە تەمى قويۇق بولمايدۇ.
مانتا ئادەتتە چوڭ ئائىلە يىغىلىشلىرىدا، تويلاردا، ھېيت-بايراملاردا ۋە مېھمان كۈتۈش سورۇنلىرىدا تەييارلىنىدۇ. مانتا تەييارلاش جەريانى كۆپىنچە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە جەملەيدىغان بىر پائالىيەت بولۇپ، بۇ جەرياندا ئائىلىلەر ئۆز ئارا ئۇچرىشىدۇ، پاراڭلىشىدۇ ۋە بىرلىكتە ئىشلەيدۇ.
مانتىنى مەخسۇس مانتا قاسقىنىدا ھورلىنىدۇ. مانتا قاسقىنىنىڭ بىر نەچچە قەۋىتى بولىدۇ، ھەر بىر قەۋەتتە مانتا تىزىلىدۇ. مانتا پىشقاندىن كېيىن داستىخانغا تىزغاندا، ئاچچىقسۇ، قىزىل مۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلغان كىچىك تەخسىدە يىيىلىدۇ.
مانتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. مېھمان كەلسە، مانتا تەييارلاش مېھمانغا بولغان ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تائام پەقەت قوساقنى تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئائىلە ۋە جامائەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى بولۇپمۇ خىزمەت قىلىدۇ.
مانتا تۈرلىرى
ئۇيغۇر تائام مەدىنىيىتى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، مانتىلارنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، ھازىر كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇيغۇر مانتا تائاملىرى : پېتىر مانتا، كاۋا مانتىسى ، گۆش قىيمىلىق مانتا ، شىكەر مانتىسى ، كۈدە مانتىسى ، ياغ مانتا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پېتىر مانتا تەييارلاش ئۇسۇلى
خۇرۇچلار :
ئاق ئۇن 500 گىرام ، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا ، لوق قوي گۆشى بىر كىلوگرام ، ئىلمان سۇ 250 گىرام ، پىياز بىر كىلوگرام ، تۇز < سۇيۇق > مۇۋاپىق مىقداردا .
ئېتىش ئۇسۇلى :
1 . قوينىڭ لوق گۆشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ ، ئىلمان سۇ قۇيۇپ ، سۇيۇلدۇرۇپ < سۇنىڭ نىسبىتى 3:1 بولسا مۇۋاپىق > ، ئاندىن نېپىز يالپاقلاپ ، پىياز ، تۇز ، سوقۇلغان قارىمۇچى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ .
2 . چىڭ، پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ ، ياخشى ئىشلەپ ، 40 دانە زوۋۇلنى ئۈزۈپ ، چورىسى نېپىز ، ئوتتۇرسى سەل قېلىنراق جىلىت ئېچىپ ، قىيما سىلپ تۇگۇپ ، جىمبىلنى ياغلاپ ، مانتىنى تىزىپ قاسقانغا قويۇپ ، تىز ئوتتا پىشۇرۇلىىدۇ . پاقلان گۆشى بولسا 15 مىنۇتتا ، چوڭراق قوينىڭ گۆشى بۇلسا 15 – 20 مىنۇتتا پىشىدۇ . ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازانغا سىلىنسا ، 5- 6 مىنۇتتا پىشىدۇ . مانتىنى قاسقاندا ئۇزاق تۇرغۇزسا بولمايدۇ .
پىشقان مانتا لېگەن ياكى نانغا ئېلىنىپ ، داستىخانغا كەلتۈرۇلدۇ . ھەر بىر كىشىگە تەخسە بېرىلىدۇ .
ئالاھىدىلىكى :
جىلىتى نېپىز ، قىيمىسى يۇمشاق ، يېڭسىى يېيىشلىك ھەم مەززىلىك .
مەسلىھەت :
1 . خېمىرنى بەك قاتتىق ھەم تۇزلۇق يۇغۇرماسلىق كېرەك .
2 . پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ ، تەڭنىگە سېلىپ ، ئىتتىك پىچاق بىلەن ئاۋايلاپ چاناش كېرەك . پىيازنى كوتەكتە چاناشقا توغرا كەلسە ، نېپىز يالپاقلانغان پىيازنى ئىتتىك پىچاق ياكى قىڭراق بىلەن ئاۋايلاپ تېز – تېز توغراپ ، باشقا قاچىغا ياكى گۆشكە سېلىش كېرەككى ، كوتەكتە ئۇزۇن قويۇپ قويۇشقا بۇلمايدۇ .
چۈنكى مانتىنى تاتلىق قىلىدىغنى پىيازنىڭ غاشىسى ئەمەس ، ئۇنىڭ سۇيى .
3 . گۆشنى چانىماي ، ئۈزۈپ – ئۈزۈپ توغراش كىرەك ۋە يىپلىرىنى ئېلىۋىتىش كېرەك .
4 . گۆش ئورۇق بۇلسا ، قۇيرۇق ياغنى كۆپرەك سېلىش كېرەك .
5 . گۆش يېڭى بولسا ، قىيمىسىغا سۇنى جىقراق قۇيۇش كىرەك ، توڭ گوش بۇلسا ، سۇنى ئازراق قويۇش كېرەك .
6 . قىيما ئېلىشتۇرغاندا مىجىماي ، باش قول بىلەن ئەركىلىتىپ ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەش لازىم . پىيازنى شۇ كۇنى توغراپ ئىشلىتىش ، قوندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ .
مەنبە : ئۇيغۇر تائاملىرى