ئاپام ماڭا ئەزەلدىن ئۆگەتمىگەن ئىشلار

ۋاقىت :

ئەملىي جەن كلارك ( ئەنگىلىيە)

داداش تەرجىمىسى

ئاپام ماڭا ئەزەلدىن ئۆگەتمىگەن ئىشلار

ئۆزىنى قانداق پەردازلاش

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئاپامنىڭ يۈزىگە بىر نەرسە سۈركىگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . ئۇ ئەتىگەنلىرى بىرمۇنچە ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ گىرىم قىلىش، چىچىنى تۈزەش، تىرنىقنى بوياش دېگەندەك ئىشلارنى ھەرگىزمۇ قىلمايتى.

ئۇ ئەزەلدىن مېنىڭ چىچىمنى رەتلىك ئۆرۈپ قويمايتى، كۆينىكىمنى پاكىزە كېيىشنى جىكىمەيتى، بىرەر يىغىلىشقا ئېلىپ بارسىمۇ پەردازلاپ قويمايتى ياكى پارقىرايدىغان مەلىكە توپلىيىمۇ ئېلىپ بەرمەيتى. بەلكى دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئۇ ماڭا كالتە شىم ۋە مايكا كىيدۈرۈپ قوياتتى، مىنى ھەرقىتىم سىرتتا دوستلىرىم بىلەن قىيغىتىپ، شوخلۇق قىلىپ ئويناپ يۈرگەن يىرىمدىن تاپاتتى، ئۇ ماڭا ئۇزۇن قونچۇلۇق يامغۇرلۇق ئۆتۈك كېيدۈرۈپ قويۇپ، سۇ يىغىلىپ قالغان ئورەكلەرگە سەكرەپ، لاي سۇلارنى چاچرىتىپ ئوينىشىمنى كۆرەتتى. مەن دائىم دېگۈدەك لاي ئويناپ كېيملىرىم مەينەت بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇ ئازراقمۇ پەرۋا قىلىپ قويمايتى.

ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ، بىر قىز بالا ئۈچۈن چىرايلىق بولۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ باقمىغان ئىدى. مەن ئۆسۈپ يېتىلىش مەنزىلىمدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، چىرايلىق بولۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولغان نەرسىلەر بارئىكەن، ئالايلى، چىن دوستلۇق، ئەقىل، يۇمۇرستىكىلىق ۋە خۇشاللىق قاتارلىقلار…
شۇنىڭ ئۈچۈن، ناۋادا سۈرمەمنىڭ رەڭگى توغرا بولمىسا، ئايغىمنىڭ بىلەن سومكام ماس كەلمىسە، تىرناقلىرىم پەردازسىز بولسا ئۆزۈم ئازىراقمۇ بىئارامچىلىق ھېس قىلمايمەن، بۇنى مەندىن كۆرمەڭ، بۇنى ئەشۇ ئاپامدىن كۆرۈڭ.

ھەر ۋاقىت فىگورىسىغا دىققەت قىلىش

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئاپام ئەزەلدىن تاماقتىن پەرىز تۇتمايتى، ئەزەلدىن كالورىيە مىقدارى ياكى ئورۇقلاش دېگەن ئىبارىلەرنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىمايتۇق. ئۇ ئەزەلدىن « قارىماققا سەل سەمىرىپ قاپتىمەن» دەپ ئاھ ئۇرمايتى ياكى يەنە ئازتولا زىلۋالىشش ئويىدىمۇ بولمايتى. شۇڭا، مەن ئەزەلدىن زىلۋا بولۇش ئۇنچە مۇھىم ئىش دەپ قاراپ باقمىدىم.

ئۇ ئەزەلدىن بىزنى ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ياكى تۆۋەن ياغلىق قېتىق ئىچىشتىن چەكلەيتى، ھەتتا بەزىدە ئاتايىن بىزگە پىچىنە ۋە شاكىلات يېگۈزەتتى. ئۇ ئەزەلدىن بىزگە تاتلىقنى كۆپ ئستىمال قىلسا سەمىرىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ باقمىغان، ئەمما تاتلىقنى كۆپ ئېستىمال قىلىشنىڭ ساغلام ئادەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتەتتى.

مەن ئورۇقلۇقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ناۋادا مەن تەن شەكلىمنى تۇراقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تاتلىق يېمەكلىنى رەت قىلىشنى خالىمىسام ياكى بالامنىڭ تەن ئېغىرلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل كۆرسەم، بۇنى مەندىن كۆرمەڭلار، بۇنى ئەشۇ ئاپامدىن كۆرۇڭلار.

 

قانداق قىلىپ بىر ياخشى ئائىلە ئايالى بولۇش

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئاپام ئەزەلدىن بىزگە پىرەنىك ياكى تورت پىشۇرۇپ بېرىپ باققان ئەمەس. ئۇ ئەزەلدىن بىزگە ئىشتانغا دەزمال سېلىپ قىر چىقىرىشنى ئۆگىتىپ باقمىغان، دوخۇپكىنى قانداق تازىلاشنى، قانداق ياسىنىشنى ئېيتىپ بەرمىگەن. بىراق ئۇ سائەت-سائەتلەپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، مەن بىلەن پاراڭلىشاتتى، بالىلار ناخشىلىرىنى ئۆگىتەتتى، ھېكايە ئېيتىپ بىرەتتى.

مەن دەل ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىرگە ئۆزى سۆيگەن خىزمەتتىن ۋاز كەچمەسلىكىنى ئۆگەنگەن. مېنىڭ گۆدەكلىك چاغلىرىمدا يېنىمدا مەخسۇس تۇرغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ ئاساسەن خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئۆتتى. ئۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇخبىرغا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئائىلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.

مېنىڭ دادام ۋە ئاپام ئىككىسى بىرلىكتە تاماق تەييارلايتى، بىرلىكتە تازىلىق ئىشلىرىنى قىلاتتى، بىرلىكتە بىزنى بېقىپ -تەربىيىلەيتى، مەن كىچىك چىغىمىدىلا بۇلارنىڭ پەقەت ئايال كىشىنىڭلا ئىشى ئەمەسلىكىنى بىلدىم. ھەرقانداق ئادەم پەقەت بەش مېنۇت ۋاقىت سەرپ قىلسىلا بۇ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىۋىتەتتى.

مەن مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئەزەلدىن يېڭى پۇشۇرۇلغان پىچىنىنىڭ ھىدىنى ھىدلاپ باقمىغان، ئەمما ئۆيگە كىرگىنىمدە قۇچاقلاش ئۈچۈن كىرىلگەن چوڭ بىر غۇلاچ ۋە كۈلۈمسىرەش تەييار ئىدى.

شۇڭا، ناۋادا سىز مېنىڭ ئۆيۈمدە چاي ئىچىشكە داخىل بولۇپ قالسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا دۇكاندىن سېتىۋالغان تەييار تورتنى قويۇپ مېھمان قىلىمەن، بىراق بىز يەنىلا كۆڭۈللۈك پاراڭلىشالايمىز، ماڭا ھەيران بولماڭ، بۇلارنى ئەشۇ ئاپامدىن كۆرۈڭ.

مېنىڭ ئاپام ئەزەلدىن « ئانىلار تورى» دىن بالا بېقىش ھەققىدە ماتېرىيال ئاقتۇرۇپ باقمىغان ياكى گوگۇلدىن « قىز بالىنى قانداق تەربىيىلەش كېرەك» دېگەندەك مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەپ باققانمۇ ئەمەس ۋە ياكى قانداقتۇر بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يانفۇن ئەپلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ باققانمۇ ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلە ئايالى بولۇپ قىلىشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىپ باقمىغان ۋە يەنە بىرخىزمەتچى ئانا بولۇپ قىلشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىپ باقمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىۋاستە سىزىمىغا ئەمەل قىلاتتى، ئۆزى بالىلارغا پايدىلىق دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلاتتى.

ھازىر، مەن ھەرگىزمۇ بىر مودىغا لايىق ئانا ھېسابلانمايمەن، ۋەياكى بىر قالتىس ئاشپەز ئانىمۇ ئەمەس، بىراق مەن ساغلام، مۇستەقىل، شاد-خورام بىر ئانا. مېنىڭ بۈگۈنكى «مەن» بولۇپ يېتىلىشىم ، ئەشۇ ئاپامنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى نېمىلەرنى قىلمىغانلىقىدىن كەلگەن. ھالبۇكى مەنمۇ قىزىمغا شۇنداق قىلشىنى خالايمەن.

خەنزۇچە « ياشلارئۈچۈن پايدىلىنىش» 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى


 

ئىزدىنىش تورى dadash يوللانمىسى

يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 23:19:47

تور ئادرىسى: https://www.uyghur-archive.com/izdinix/izdinish60733.html

 

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇنغا يانداش «تۈر» قوشماقچى ياكى تەۋە « تۈر» دە خاتالىق بار، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز، يۇقارىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەزكۇر بەتتە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

دىگەن نىمە؟

ئىنگىلىزچە، تۈركچە ، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى نىمە؟

نىڭ باشقا خىل ئاتىلىشلىرى بارمۇ؟

ئالاھىدىلىكى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ، تەرجىمە

english translation

türkçe tercümesi

汉语翻译

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

24 سائەت
24 سائەتhttps://24saet.com

گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

مۇشتەرىلىك

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saat

ھاياتىمىزدىكى 30 تۈرلۈك ئىش ھەم ئۇنىڭ قۇدىرىتى

ھەر كىمنىڭ ھاياتى تۈرلۈك تۈمەن ئىشلار قاينىمىدا دولقۇنلايدۇ. گاھى ئىش-ھەرىكەتلەر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كېمىسىنىڭ راۋان ئىلگىرىلىشىگە تۇسقۇنلۇق قىلسا، يەنە شۇنداق قىممەتلىك، ئۆرنەك ئىش-ئەمەللەر باركى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە ئاددى بولۇشىغا قارىماي، ئادەمگە نىشان، كۆڭلىگە ئەمىنلىك ئاتا قىلالايدۇ.

كېيىك

بۇغا-مارالنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى

لىپاپا

لىپاپا ( envelope ) يەنە كونۋېرت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لىپاپا پوسۇلكا خەت - چەك ياكى ھۆججەتنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت ئىچىدىكى نەرسىلەرنى قوغداپ، بۇزۇلۇش ياكى يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.

ئاپپاق خوجا ۋە جاللات خېنىم

بىزنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەن نام قالدۇرۇپ ئۆتكەن چوڭ خوجا - ئىشانلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى - ئاپئاق خوجا (ھىدايەتۇللا خوجا) دۇر.

24 سائەت قامۇسى