ھايۋاناتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى ئاتاش ۋە يېزىش قائىدىسى

ۋاقىت :

ھايۋاناتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى ئاتاش ۋە يازىش قائىدەسى

维吾尔语动物名称的命名和连写规则

ئا.ر. بوستانىي

بايان ئاۋۋال

بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ھايۋاناتقا ئائىت بىلىملەرنى، 陈 چېن مۇئەللىم خەنزۇچە ئۆتكەن دەرسلەردىن ئۆگەنگەن. شۇڭا، ھايۋاناتنامەدىن ( پەن نامى، ھايۋانات بىلىملىرى، زوئولوگىيە) ئانچ-مۇنچە ساۋادلىق بولۇپ قالغان ئىدىم. خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن، ماكان، مۇھىت، گىياھلار تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغانغانلىقتىن، مەخسۇس ھايۋانات تەتقىقاتى بىلەن ھەپىلىشىشكە ئىمكان بولمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، يايلاقلاردىكى ھايۋانات توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە ئىزدىنىپ تۇردۇم، ھايۋاناتقا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگۈنىشتىن ۋاز كەچمىدىم. ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلىش، ئاساسى ئۇقۇملاردا ۋە شىنجاڭدىكى ھايۋانات ھەم ئۇلارنىڭ ناملىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ بېقىش ئىستىگى توختاپ قالمىدى.

ھايۋاناتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى ئاتاش ۋە يېزىش قائىدىسى

ھازىر قارايدىغان بولساق، ھايۋاناتقا ئائىت بىلىملەر تەرجىمىسى تېلىۋىزوردا ئۇيغۇر تىلىدا بېرىلىۋاتىدۇ، ھايۋانات پەنلىرىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ. ھايۋاناتنى قوغدايدىغان تەبىستانلار قۇرۇلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەمەلىيەتلەر بىزدە مول بولىۋاتىدۇ. ئەمما، ھايۋاناتنىڭ ناملىرى ھەر خىل شەكىلدە ئاتىلىۋاتىدۇ. ھايۋاناتقا ئائىت نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئاساسى بىلىملەردىن ساۋات بېرىدىغان ئەسەرلەر، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە بەكمۇ كەمچىللىك قېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەڭ ئاددىسى، تۈرلەشنامەدىكى (پەن نامى، تاكسونومىيە، كلاسسىفىكاتسىيە) دەرىجە قاتلاملىرى قايسىلار؟ ھايۋاناتنى تۈرلەشتىكى تۈرلەش دەرىجىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى قانداق ئاتىلىشى كېرەك؟ ھايۋاناتنى تۈرلەشتە، ھەر قايسى تۈرلەش دەرىجىلىرى بويىچە، ھايۋانات نامىنى قانداق ئاتاش ۋە يازىش كېرەك؟ دىگەندەك مۇھىم بولغان ئاساسى بىلىملەر ھەققىدە ئىزدىنىپ يازىلغان ئەسەرلەر كەمچىلدەك قىلىدۇ. ياكى بار بولسىمۇ مەن كۆرمەي قالدىممۇ، ئىشنى قىلىپ شۇنداق تۇنۇشقا كېلىپ قالدىم. مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزگۇر ئەسەردە، ھايۋاناتنىڭ تۈرلەش سىستېمىسى قىسقىچە بايان قىلىندى ھەمدە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.

1. ھايۋانات دىگەن سۆزگە ئىزاھ

ھايۋانات، ئۇيغۇرچە كۆپلۈك دەرىجەنى بىلدۈردىغان ئىسىم سۆز. بۇ سۆز، قىمىرلىيالايدىغان، ئۇچالايدىغان، ماڭالايدىغان، ئۈزەلەيدىغان،سۆڭگەلەيدىغان جانىۋارلارنىڭ ئومۇمى نامى بولىدۇ. بىز، ھايۋانات دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە، ھايۋان، مەخلۇق ، مەخلۇقات، جانىۋار، ئورگانىزىملار دىگەندەك سۆزلەرنى قوللۇنۇپ كەلدۇق. مەن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆرسۈتىدىغان ئوبىكتى بار دەپ قارايمەن. ھايۋان دىگەن سۆز، مىنىڭچە سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتنىڭ ئومۇمى نامى. ھايۋانات دىگەن سۆز، ھايۋانلار، چارپايلار، بېلىقلار، پەرەندىلەر، چەرەندىلەر قاتارلىق جانىۋارلارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى. جانىۋار دىگەن سۆز، ئادەملەر، ھايۋانات، گىياھلار، چىياھلار، باكتېرىيەلەرنىڭ ئومۇمى نامى. مەخلۇق دىگەن سۆز، يارىتىلغان، ياسالغان دىگەندەك مەنىدىكى سۆز. شۇڭا، ھايۋانات دىگەن سۆز، جانىۋارلار دۇنياسىدىكى ئاۋۋالجانلار، باكتېرىيەلەر، چىياھلار ۋە گىياھلاردىن باشقا، ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان جانىۋارلارنىڭ ئومۇمى نامى بولىدۇ. ھايۋان دىگەن سۆز، ھايۋانات ئىچىدىكى سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈردىغان ھايۋاناتنىڭ تارماق نامى بولىدۇ. مەخلۇق، جانىۋار دىگەن سۆزنى، ھايۋانات ياكى ھايۋان دىگەن سۆزنىڭ ئورنىدا قوللۇنۇش مۇۋاپىق ئەمەس. بۇلارنى ياخشى پەرقلەندۈرۈپ جايىدا قوللانغاندا، ئۇيغۇرچە ئىپادىلەشتە، تىلىمىز ئېنىق، ئىخچام، راۋان بولىدۇ. دىمەك، ئومۇمى ئاتالغۇدا، ھايۋانات دەپ ئاتىغىنىمىز توغرا. باشقا ناملار ناتوغرا بولىدۇ.

2. ھايۋاناتنى تۈرلەش سىستېمىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى

مەنبەلەرگە قارىغاندا، زىمىندا ھازىرغىچە بايقالغان ھايۋانات زاتلىرىنىڭ سانى 7 مىليون خىلدىن ئاشىدىكەن. مۇشۇنچىۋالا كۆپ بولغان ئاجايىپ-غارايىپ ھايۋاناتنى پەرقلەندۈرۈپ تۇنۇش ئۈچۈن، تۈركۈملەرگە ئۆلچەپ ئايرىدىغان بىر «تارازا» كېرەك بولغان. ئالىملار، تەخمىنەن 200 نەچچە يىل ئالدىدا، بۇ «تارازا»نى كەشىپ قىلدى. ھەم ئۇنىڭغا «تاكسونومىيە» دەپ ئىسىم قويدى. تاكسونومىيە دىگەن سۆز، جانىۋارنامە (پەن نامى، بىئولوگىيە، جانلىقلار ئىلىمى) دىكى بىر تارماق پەن نامى. ئۇ، جانىۋارلار دۇنياسىنى تۈرلەش ئىلىمى دىگەن ئۇقۇمنىڭ لاتىنچە ياكى ئېنگلىشچە ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا تۈرلەشنامە دەپ ئاتالسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، بۇنى كلاسسىفىكاتسىيە دەپمۇ قوللانغان، ئەلۋەتتە، بۇمۇ خاتا ئەمەس. مەنمۇ بۇرۇن ئەسەرلىرىمدە تاكسونومىيە دىگەن سۆزنى قوللانغان. تاكسونومىيە دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچىدا تۈرلەشنامە دىگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ. كلاسسىفىكاتسىيە دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچىدا تۈرلەش دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. شۇڭا، تۈرلەشنامە دىگەن سۆزنى، جانىۋارلار دۇنياسىنى تۈرلەرگە ئايرىشنى ئۆگىنىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان ھەم قوللۇنىدىغان بىر پەننىڭ ئۇيغۇرچە نامى قىلدىم.

بەزى ئالىملار، زىمىندىكى جانىۋارلار دۇنياسىنى، 5 مىقياسقا ئايرىغان. بۇلارنىڭ بىرى، ئاۋۋالجان مىقياس (بۇرۇنقى ئەسىرىمدە بىيادىر دىيىلگەن)؛ ئىككىنچىسى، ئارسالجان مىقياس(بۇرۇنقى ئەسىرىمدە تاقيادىر دىيىلگەن)؛ ئۈچۈنچىسى، چىياھ مىقياس؛ تۆتىنچىسى، گىياھ مىقياس؛ بەشىنچىسى، ھايۋانات مىقياس دەپ ئاتالدى. ھەر بىر مىقياس، يەنە كۆپلىگەن قەبىلەلەرگە ئايرىلىدۇ. قەبىلە يەنە كۆپلىگەن تەبىقىلەرگە ئايرىلىدۇ. تەبىقە، يەنە كۆپلىگەن جەمەتلەرگە ئايرىلىدۇ. جەمەت، يەنە كۆپلىگەن ئائىلەلەرگە ئايرىلىدۇ. ئائىلە، يەنە كۆپلىگەن رۇقلارغا ئايرىلىدۇ. رۇق، يەنە كۆپلىگەن زاتلارغا ئايرىلىدۇ. زاتلار يەنە شاخزات ياكى قايزاتلارغا ئايرىلىدۇ.

تۈرلەشنامە، بارلىق جانىۋارلارنى تۈركۈم-تىپلارغا ئايرىپ چىقىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سىستېما، زىمىندىكى بارلىق جانىۋارلارنى تۈرلەشتە ئۆلچەم دەستۇرى قىلىنغان. تۈرلەشنامە، تۈرلەيدىغان جانىۋار ئوبىكتىغا قاراپ، گىياھى تۈرلەشنامە، ھايۋاناتى تۈرلەشنامە، چىياھى تۈرلەشنامە، باكتېرى تۈرلەشنامە دىگەندەك تارماق پەنلەرگە ئايرىلىدۇ. مانا مۇشۇ تارماق پەنلەرنىڭ تۈرلەش تەرتىۋى بويىچە جانىۋارلارنى تۈركۈم-تىپلارغا ئايرىشنى، تۈرلەش دەپ ئاتىدىم.

مىنىڭ بىلىشىمچە، ھايۋاناتى تۈرلەشنامەدە، 17 دەرىجە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 7 دەرىجە غول دەرىجە، قالغان 10 دەرىجە، شاخدەرىجە بولىدۇ. ياكى بولمىسا، 7 سى ئاساسلىق دەرىجە، 10 ى قوشۇمچە دەرىجە بولىدۇ. ھازىر، دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللۇنىۋاتقان ھايۋانات تۈرلەش سىستېمىسى ۋە ئۇلارنىڭ لاتىنچە، خەنچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى 1-جەدۋەلدە كۆرسۈتۈلدى.

1-جەدۋەل: ھايۋانات تۈرلەش دەرىجىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ لاتىنچە، خەنچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى

ئىزاھات

ئۇيغۇرچە نامى

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئەڭ چوڭ قوشۇمچە دەرىجە

دۇنيا

Domain

دۇنيادىن كىچىك، قەبىلەدىن چوڭ غولدەرىجە

مىقياس

Kingdom

مىقياستىن كىچىك، تەبىقەدىن چوڭ غولدەرىجە

قەبىلە

Phylum

قەبىلەدىن شاخلىنىپ چىققان قوشۇمچە دەرىجە

شاخقەبىلە

Subphylum

亚门

شاخقەبىلەدىن كىچىك قوشۇمچە دەرىجە

ئومتەبىقە

Superclass

总纲

قەبىلەدىن كىچىك، جەمەتتىن چوڭ غولدەرىجە

تەبىقە

Class

تەبىقەدىن شاخلانغان قوشۇمچە دەرىجە

شاختەبىقە

Subclass

亚纲

جەمەتتىن چوڭ قوشۇمچە دەرىجە

ئومجەمەت

Superorder

总目

تەبىقەدىن كىچىك، ئائىلەدىن چوڭ غولدەرىجە

جەمەت

Order

جەمەتتىن شاخلىنىپ چىققان قوشۇمچە دەرىجە

شاخجەمەت

Suborder

亚目

ئائىلەدىن چوڭ غولدەرىجە

ئومئائىلە

Superfamily

总科

جەمەتتىن كىچىك، رۇقتىن چوڭ غولدەرىجە

ئائىلە

Family

ئائىلەدىن شاخلىنىپ چىققان قوشۇمچە دەرىجە

شاخئىلە

Subfamily

亚科

ئائىلەدىن كىچىك، زاتتىن چوڭ غولدەرىجە

رۇق

Genus

رۇقتىن شاخلانغان قوشۇمچە دەرىجە

شاخرۇق

Subgenus

亚属

رۇقتىن كىچىك غولدەرىجە

زات

Species

زاتتىن كىچىك قوشۇمچىە دەرىجە

شاخزات

Subspecies

亚种

شاخزاتتىن پەرقلىنىدىغان قوشۇمچە دەرىجە

قايزات

variant

变种

بۇ جەدۋەلدە كۆرسۈتۈلگەن تۈرلەش سىستېماسىدىكى دەرىجىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى، رەھمەتۇللا ئادىللا تۈنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ھايۋاناتنى دەرىجىلەر بويىچە تۈرلەشتە، ئۇلارنىڭ تەن شەكلى، تەن قۇرۇلمىسى، رەڭگى، مىجەزى، ياشاش ماكانى، جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى ۋە ھۈجەيرەسى، گېنىتىكاسى، فىزىئولوگىيەسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسلىنىدۇ ۋە ماس كېلىدىغان دەرىجە تۈرلىرىگە سەپلىنىدۇ.

3.تۈرلەش دەرىجىلىرى بويىچە، ھايۋاناتنىڭ ناملىرىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى

تۈرلەش دەرىجىلىرى بويىچە ھايۋاناتنىڭ ناملىرى قانداق ئاتىلىدۇ ھەم يازىلىدۇ؟ بۇھەقتە يازىلغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ بار-يوقلىقىدىن خەۋىرىم يوق. ئىشنى قىلىپ، بۇ مەزمۇندا يازىلغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى مەن ئۇچرۇتۇپ باقمىدىم. ھازىر بىز ئاتاۋاتقان ھايۋانات ناملىرى بىر قائىدە ياكى قېلىپقا چۈشۈرۈلمىگەن. شۇڭا، بەزى ناملار بىر ياكى ئىككى بوغۇملۇق بىر سۆز بىلەن، بەزىلىرى ئۈچ بوغۇمدىن كۆپ بولغان سۆزلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئاتالغان. دىمەك، ھايۋانات ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاشتا بىر بېكىتىلگەن ئۆلچەم، پرىنسىپ ياكى قائىدە يوق. شۇڭا، بىزدىكى ھايۋانات ناملىرىدا ئېنىقسىز، قېلىپسىز، چۇۋالچاق ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. ھايۋاناتقا ئىسىم قويۇش ۋە يازىشمۇ بىر چوڭ ئىلىم. مىنىڭ چۈشەنچەمدە، تۈرلەشنامەدە، مۇنۇ ئۈچ ھالقا ناھايىتى مۇھىم ياكى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىرى، ھايۋاناتنى تۈرلەش (دەرىجىلەر بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ چىقىش)، ئىككىنچىسى، ھايۋاناتنى تەققاسلاش (ھايۋاناتنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئالاھىدىلىكى بويىچە باھالاپ بېكىتىش)، ئۈچىنچىسى، ھايۋاناتقا نام بېرىش (ئىسىم قويۇش). دىمەك، ھايۋاناتلارغا ئىسىم قويۇش، تۈرلەشنامەدىكى مۇھىم ئۆتكەللەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ 3 ئىشنىڭ بىرىنى قىلغان كىشىنى ھايۋاناتشۇناس دەپ قارىساق بولىدۇ.

ئۇنداق بولسا، ھايۋانات ناملىرى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئاتالسا ھەم قانداق يازىلسا، ئىلمىي، ئېنىق، ئىخچام ۋە قولايلىق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا مىنىڭچە بىر پرىنسىپ –قائىدە بولۇشى زۆرۆر. شۇڭا، تۆۋەندىكى نام قويۇش ۋە يازىش قائىدىسىنى (تۆۋەندە، قائىدە دىيىلدى)ئوتتۇرىغا قويدۇم.

3.1. مىقياس نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى

مىقياس، دۇنيادىن كىچىك، قەبىلەدىن چوڭ بولغان غولدەرىجە نامى. ھازىر، كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ پىكىرىدە، جانىۋارلار دۇنياسى بەش مىقياسقا ئايرىلىدۇ. ھايۋانات مىقياس، ئەنە شۇ بەش مىقياسنىڭ بىرى. مىقياس نامىنى قويۇشتا، مۇنۇ 4 پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، لاتىنچە نامى تۈپ ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، لاتىنچە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە بارلىرى قوللۇنىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچە يوقلىرى، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ قويۇلىدۇ. تۆتىنچى، مىقياس نامىنىڭ تۈپ سۆز قىسمى، ئەڭ كۆپ بولغاندا، 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن ئاتىلىدۇ. ھايۋاناتنىڭ مىقياس نامىنى يازىشتا، 2 قائىدىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، مىقياس نامىنىڭ كەينىگە، مىقياس دىگەن سۆز قوشۇپ يازىلىدۇ. ئىككىنچى، مىقياسنىڭ تولۇق نامى ئەڭ كۆپ بولغاندا، 5 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن يازىلىدۇ. مەسىلەن: ھايۋانات مىقياس. (动物界). گىياھ مىقياس (植物界).

3.2. قەبىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى:

قەبىلە، مىقياستىن كىچىك، تەبىقەدىن چوڭ دەرىجە نامى. ھايۋاناتنىڭ قەبىلە نامىنى قويۇشتا، مۇنۇ 4 پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، لاتىنچە نامى تۈپ ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، لاتىنچە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە بارلىرى قوللۇنىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچە يوقلىرى، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ قويۇلىدۇ. تۆتىنچى، قەبىلە نامىنىڭ تۈپ سۆز قىسمى، ئەڭ كۆپ بولغاندا، 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن ئاتىلىدۇ. ھايۋاناتنىڭ قەبىلە نامىنى يازىشتا، 2 قائىدىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، قەبىلە نامىنىڭ كەينىگە، قەبىلە دىگەن سۆزنىڭ بىلە قوشۇمچىسى تۈپ سۆز قىسمىغا ئۇلاپ يازىلىدۇ. ئىككىنچى، قەبىلەنىڭ تولۇق نامى ئەڭ كۆپ بولغاندا، 5 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن يازىلىدۇ. مەسىلەن: تارچابىلە (脊索动物门، Chordata) (تارچاھايۋانات قەبىلەسى دىگەننى بىلدۈرىدۇ). ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، خوردىلىق ھايۋانلار تىپى دەپ روسچە نامىدىن ئېلىنغان. ناتارچابىلە (半索动物门) (ناتارچاھايۋانات قەبىلەسى دىگەننى بىلدۈرىدۇ). ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، يېرىم خوردىلىق ھايۋانلار تىپى دەپ ئېلىنغان. تارچا دىگەن نىمە؟ بۇنىڭ ئاددى جاۋابى:

ھايۋانات تىنىدە، خۇددى پاختا ئاتىدىغان كىرىش تاردەك ئەۋرىشىم ئەمما چىڭ بولۇدىغان، خۇددى ئۇمۇرتقادەك رول ئوينايدىغان بىر ئەزا بولىدىكەن. مانا مۇشۇ ئەزانى تارچا دەپ ئاتىدىم. تارچا دىگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنى مەن لاتىنچە,Cord Chordata, chorda Notocord, دىگەن ئاتالغۇلاردىن ئىجات قىلىپ، ئۇيغۇرچە خاس ئاتالغۇ ياسىدىم. لۇغەتلەرگە قاراپ باقسام، لاتىنچە ياكى ئېنگلىشچىدا، chorda,Cord دىگەن ئاتالغۇنىڭ، تار (دۇتتار تارى دىگەندەك) دىگەن مەنىسى بار ئىكەن. بۇنىڭغا قاراپ، كىرىشتاردەك چىڭ تارتىلىپ ھايۋانات تېنىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان تار دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈردىغان تارچا دىگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنى ياسىدىم. دىمەك، ئۇيغۇرچە تارچا دىگەن ئاتالغۇ، لاتىنچىدا ۋە ئېنگلىشچىدا، ,Cord Chordata, chorda Notocord, دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇچىدا، 脊索 دەپ ئاتىلىدۇ. تارچا، سۆڭەكسىز يۇمشاق بولىدۇ، ئۇمۇرتقا، سۆڭەكلىك قاتتىق بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى تارچا نىڭ رەسىمى. بەيدۇ تورىدىن ئېلىندى.

3.3. تەبىقە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى:

تەبىقە، قەبىلەدىن كىچىك، جەمەتتىن چوڭ بولغان دەرىجە نامى. ھايۋاناتنىڭ تەبىقە نامىنى قويۇشتا، مۇنۇ 4 پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، لاتىنچە نامى تۈپ ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، لاتىنچە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە بارلىرى قوللۇنىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچە يوقلىرى، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ قويۇلىدۇ. تۆتىنچى، تەبىقە نامىنىڭ تۈپ سۆز قىسمى، ئەڭ كۆپ بولغاندا، 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن ئاتىلىدۇ.

ھايۋاناتنىڭ تەبىقە نامىنى يازىشتا، 2 قائىدىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، تەبىقە نامىنىڭ كەينىگە، تەبىقە دىگەن سۆزنىڭ بىقە قوشۇمچىسى تۈپ سۆز قىسمىغا ئۇلاپ يازىلىدۇ. ئىككىنچى، تەبىقەنىڭ تولۇق نامى ئەڭ كۆپ بولغاندا، 5 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن يازىلىدۇ.

مەسىلەن: ھايۋانبىقە (Rodentia哺乳纲) (ھايۋان تەبىقەسى دىگەننى بىلدۈرىدۇ). بېلىقبىقە، چارپايبىقە دىگەندەك.

3.4. جەمەت نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى:

جەمەت، تەبىقەدىن كىچىك، ئائىلەدىن چوڭ بولغان دەرىجە نامى. ھايۋاناتنىڭ جەمەت نامىنى قويۇشتا، مۇنۇ 4 پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، لاتىنچە نامى تۈپ ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، لاتىنچە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە بارلىرى قوللۇنىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچە يوقلىرى، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ قويۇلىدۇ. تۆتىنچى، جەمەت نامىنىڭ تۈپ سۆز قىسمى، ئەڭ كۆپ بولغاندا، 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن ئاتىلىدۇ. ھايۋاناتنىڭ جەمەت نامىنى يازىشتا، 2 قائىدىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، جەمەت نامىنىڭ كەينىگە، جەمەت دىگەن سۆزنىڭ مەت قوشۇمچىسى تۈپ سۆز قىسمىغا ئۇلاپ يازىلىدۇ. ئىككىنچى، جەمەتنىڭ تولۇق نامى ئەڭ كۆپ بولغاندا، 5 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن يازىلىدۇ.

مەسىلەن: يىرتقۇچمەت (食肉目,Carnivora) (گۆشخور يىرتقۇچ جەمەتى دىگەننى بىلدۈرىدۇ).

3.5. ئائىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى:

ئائىلە، جەمەتتىن كىچىك، رۇقتىن چوڭ بولغان دەرىجە نامى. ھايۋاناتنىڭ ئائىلە نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇشتا، مۇنۇ 4 پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، لاتىنچە نامى تۈپ ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، لاتىنچە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە بارلىرى قوللۇنىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچە يوقلىرى، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ قويۇلىدۇ. تۆتىنچى، ئائىلە نامىنىڭ تۈپ سۆز قىسمى، ئەڭ كۆپ بولغاندا، 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن ئاتىلىدۇ. ھايۋاناتنىڭ ئائىلە نامىنى يازىشتا، 2 قائىدىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، ئائىلە نامىنىڭ كەينىگە، ئائىلە دىگەن سۆزنىڭ ئىلە قوشۇمچىسى تۈپ سۆز قىسمىغا ئۇلاپ يازىلىدۇ. ئىككىنچى، ئائىلەنىڭ تولۇق نامى ئەڭ كۆپ بولغاندا، 5 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن يازىلىدۇ.

مەسىلەن: ئارسلانئىلە (猫科,Felidae) (ئارسلان ئائىلەسى دىگەننى بىلدۈرىدۇ).

3.6. رۇق نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى:

رۇق، ئائىلەدىن كىچىك، زاتتىن چوڭ بولغان دەرىجە نامى. رۇق نامى، ھايۋاناتنىڭ زات نامىنى قويۇشنىڭ ئاساسى. ئالدى بىلەن رۇق نامى قويۇلۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ زاتىغا نام قويۇلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ھايۋانات زاتىنىڭ قانداش تەۋەلىكى ئېنىق بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرچە ئاتاۋاتقان ھايۋانات ناملىرىدا رۇق نامى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھايۋاناتنىڭ رۇق نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇشتا، مۇنۇ 4 پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، لاتىنچە نامى تۈپ ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، لاتىنچە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە بارلىرى قوللۇنىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچە يوقلىرى، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ قويۇلىدۇ. تۆتىنچى، رۇق نامىنىڭ تۈپ سۆز قىسمى، ئەڭ كۆپ بولغاندا، 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن ئاتىلىدۇ. ھايۋاناتنىڭ رۇق نامىنى يازىشتا، 2 قائىدىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، رۇق نامىنىڭ كەينىگە، رۇق دىگەن سۆز ئۇلاپ يازىلىدۇ. ئىككىنچى، رۇقنىڭ تولۇق نامى ئەڭ كۆپ بولغاندا، 5 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن يازىلىدۇ. مەسىلەن: قاپلانرۇق (雪豹属،Uncia). مۈشۈكرۇق(猫属)، مولۇنرۇق (兔狲属 Otocolobus) دىگەندەك.

3.7. زات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى:

زات، ھايۋاناتنى تۈرلەش دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ كىچىك بولغان ئاساسى غولدەرىجەسى بولىدۇ. ھايۋاناتنىڭ زات نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇشتا، مۇنۇ 4 پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، لاتىنچە نامى تۈپ ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، لاتىنچە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە بارلىرى قوللۇنىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچە يوقلىرى، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ قويۇلىدۇ. تۆتىنچى، زات نامى ئىككى سۆزدىن تۈزۈلىدۇ. ئالدىدىكى سۆز رۇق نامى، كەينىدىكى سۆز، سۈپەت نامى بولىدۇ. سۈپەت نامى كۆپ بولغاندا 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن ئاتىلىدۇ.

ھايۋاناتنىڭ زات نامىنى يازىشتا، 2 قائىدىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، زاتنىڭ سۈپەت نامى ئاخىرىغا، ئى ياكى ى قوشۇمچىسى ئۇلاپ يازىلىدۇ. ئىككىنچى، زاتنىڭ تولۇق نامى ئەڭ كۆپ بولغاندا، 6 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان ئىككى سۆز بىلەن يازىلىدۇ.

مەسىلەن: قاپلان (قاپلان قاپلانى)، (uncia uncial ,雪豹). بۇ بىر بىر ھايۋان زاتىنىڭ نامىنى كۆرسۈتىدۇ. بۇنىڭدىكى قاپلان سۆزى، رۇقنىڭ نامى بولىدۇ. قاپلانى سۆزى، زاتنىڭ سۈپەت نامى بولىدۇ. دىمەك، قاپلانى، قاپلانغا(قاپلان رۇققا) تەۋە ھايۋان. قاپلان رۇقنىڭ پەقەت بىرلا زاتى بولغاچقا، پەرقلەندۈرۈپ ئاتاش ھاجەتسىز. شۇڭا، ئادەتتە قاپلان دەپلا ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا، رۇق نامى، زاتنىڭ نامى قىلىنغان. مولۇن ھەم شۇنداق. قائىدە بويىچە، مولۇنرۇق (兔狲属 Otocolobus) دىكى مولۇن، ئەسلىدە(兔狲Otocolobus manul)مولۇن مولۇنى دەپ يازىلاتتى. ئەمما، مولۇنرۇقتا پەقەتلا بىر زاتى بولغانلىقتىن، مولۇن دەپلا ئاتىلىدۇ. مۈشۈك بوزغىلى (荒漠猫,Felis bieti)، مۈشۈك مەرگەرى (Felis margarita沙猫)، مۈشۈك ئورمانى (Felis chaus纵林猫) دىگەن 3 خىل مۈشۈك زاتى، مۈشۈكرۇققا تەۋە زاتلار بولۇپ، بۇ ئىسىملاردىكى مۈشۈك سۆزى، زاتنىڭ رۇق نامى بولىدۇ. بوزغىلى، مەرگەرى، ئورمانى دىگەن سۆزلەر، زاتنىڭ سۈپەت نامى بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، بىر رۇقتىكى كۆپلىگەن زاتلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

3.8. شاخزات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى

شاخزات، ھايۋاناتنى تۈرلەش دەرىجىلىرىنىڭ زاتتىن كىچىك بولغان قوشۇمچە دەرىجەسى بولىدۇ. ھايۋاناتنىڭ شاخزات نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇشتا، مۇنۇ 4 پرىنسىپقا ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، لاتىنچە نامى تۈپ ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، لاتىنچە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە بارلىرى قوللۇنىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرچە يوقلىرى، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ قويۇلىدۇ. تۆتىنچى، شاخزات نامى ئۈچ سۆزدىن تۈزۈلىدۇ. ئالدىدىكى سۆز رۇق نامى، ئوتتۇردىكى سۆز زات نامى، ئاخىرىدىكى سۆز شاخزاتنىڭ سۈپەت نامى بولىدۇ. سۈپەت نامى كۆپ بولغاندا 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن ئاتىلىدۇ.

ھايۋاناتنىڭ شاخزات نامىنى يازىشتا، 2 قائىدىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. بىرىنچى، زاتنىڭ سۈپەت نامى ئاخىرىدىكى، ئى ياكى ى قوشۇمچىسى شاخزات سۈپەت نامىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپ يازىلىدۇ. ئىككىنچى، زاتنىڭ تولۇق نامى ئەڭ كۆپ بولغاندا، 9 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان ئۈچ سۆز بىلەن يازىلىدۇ.

مەسىلەن: بارىس يولۋاس باغراشى ( 新疆虎,塔里木亚种,P.t.lecoq). بۇ بىر يولۋاس شاخزاتىنىڭ نامىنى كۆرسۈتىدۇ. بۇنىڭدىكى بارىس سۆزى، رۇقنىڭ نامى بولىدۇ. يولۋاس سۆزى، زاتنىڭ نامى بولىدۇ. باغراشى سۆزى، شاخزات نامى بولىدۇ.

بايان ئاخىر

ھايۋانات ئىسىملىرىنى قانداق قويغاندا ئىلمىي، ئېنىق ۋە ئىخچام بولىدۇ؟ دىگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ، يوقۇرىدا سۆزلەنگەن «قائىدە»نى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ مەزمۇن ياكى مەزگۇر ئەسەر، ئۇيغۇرچە يازىلغان بۇ ھەقتىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈنجىسى بولۇشى مۇمكىن. يوقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھايۋانات ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى بويىچە، شىنجاڭغا تارقالغان قاپلان بىلەن مولۇن ئىككى ھايۋان زاتى مۇنداق تۈرلىنىدۇ:

دۇنيا: جانىۋارى دۇنيا

مىقياس: ھايۋانات مىقياس (动物界)

قەبىلە: تارچابىلە (脊索动物门)

تەبىقە: ھايۋانبىقە (哺乳动物纲)

جەمەت: يىرتقۇچمەت (食肉目)

ئائىلە: ئارسلانئىلە(猫科)

رۇق: قاپلانرۇق(雪豹属Uncia)،

زات: قاپلانUncia uncia雪豹)،

9c16fdfaaf51f3de72d8465395eef01f3a29799b

رۇق: مولۇنرۇق (兔狲属 Otocolobus)

زات: مولۇن (兔狲Otocolobus manul)

cf5a83162e2c081af2de3207

ئەلۋەتتە، بۇلار بىر ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا، بۇ قائىدەنى نۇقسانسىز ياكى مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بارلىق ھايۋانات ناملىرىنى قويۇپ بولغاندا، مەسىلە كۆرۈلمىگىچە ئىزدىنىش ھەم يېتەرسىزلىكلەرنى ئەمىلىيەت ئارقىلىق تولۇقلاشقا توغرى كېلىدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك بۇرادەرلەر مەزگۇر قائىدەنى توغرا، مۇۋاپىق دەپ قارىسا، ئەمەلىيەتىمىزدە قوللۇنۇپ كۆرسەك بولىدۇ.

مەنبە ئەسەرلەر

رەھمەتۇللا ئادىللا، قۇربان نىزامىدىن قاتارلىق، جانىۋارلار دۇنياسىنى تۈرلەش سىستېمىسى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى، 2008-يىل 2-سان.
ئا.ر.بوستانىي، زىمىندا قانچىلىك جانىۋار زاتى بار؟، ئاكادېمىيە تور بېكىتى، 2013-يىل،10-مارت سان.
ئا.ر.بوستانىي، جانىۋار دىگەن نىمە؟، ئاكادېمىيە تور بېكىتى، 2012-يىل، 20-يانۋار سان.
蓝色动物学,百度 تور بېكىتى.
袁国英 主编,新疆脊椎动物简志,新疆人民出版社,1991年


 

يازما ئاپتورى: ئارجىم

يازما مەنبەسى: ئاكادېمىيە تور بېكىتى

يازما ئادرىسى: https://www.uyghur-archive.com/academiye/_p=2786/index.html

يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 11-كۈنى

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇنغا يانداش «تۈر» قوشماقچى ياكى تەۋە « تۈر» دە خاتالىق بار، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز، يۇقارىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەزكۇر بەتتە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

دىگەن نىمە؟

ئىنگىلىزچە، تۈركچە ، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى نىمە؟

نىڭ باشقا خىل ئاتىلىشلىرى بارمۇ؟

ئالاھىدىلىكى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ، تەرجىمە

english translation

türkçe tercümesi

汉语翻译

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
24 سائەت
24 سائەتhttps://24saet.com

گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

مۇشتەرىلىك

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saat

ھايمانتۇس

ھايمانتۇس تۇرمۇشىمىزدا دائىم يەيدىغان مېۋە بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يېمەكلىك تالاسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ. لېكىن ھايمانتۇسنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق، كۆپ يېسە بەدەننى سوغۇق قاپلاپ كېتىشى مۇمكىن، ئاياللار ئەگەر ھايمانتۇسنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىپ، بالىياتقۇنىڭ سوغۇق بولۇشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ماندارىن

ئاپىلىسىنغا ئوخشاپ قالىدىغان مىۋە. ماندارىن ( تاتلىق ئاپېلسىن ) بىر خىل كىچىك تىپتىكى ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە بولۇپ، ئىلمىي نامى Citrus reticulata. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى جۇڭگو بولۇپ، شەرقىي ئاسىيا ۋە يەر شارىدىكى ئىللىق رايونلارغا كەڭ تارقالغان. ماندارىن تاتلىق تەمى، ئاسان سويۇلىدىغان پوستى ۋە مول شىرنىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكتە كۆپ ئۇچرايدىغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ.

قاسقان

قاسقان ئەنئەنىۋى تاماق ھورداق ئەسۋابى بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

قۇدۇق

قۇدۇق يەر ئاستىدىن سۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلارغا ئېرىشىشتە ئىشلىتىلىدىغان تىك ياكى يانتۇ كولاپ ئېچىلغان ئېغىز.

24 سائەت قامۇسى