ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۈلگىلىرى

ۋاقىت :

ھازىر ئۇيغۇر ئىلىدا يىگىرمە مىڭدىن كۆپرەك مەسچىت – مەدرىس بولۇپ، ئۇلار تالىپلار قىرائەتخانىسى، مۇدەررىس ئىشخانىسى، مەسچىت، ياتاق، سەرراپخانا، قازىخانا (مەھكىمە شەرئى)، تىلاۋەتخانا قاتارلىق بۆلۈمچىلەردىن تەركىب تاپقان، ئىمارەتلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ئۇسلۇبىدا ياسالغان بولۇپ، قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.

 

1 ) ھېيگاھ جامەسى
( Id Kah Mosque )

ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۈلگىلىرى

ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك ئۈلگىلىرىدىن بىرى بولغان ھېيگاھ جامەسى قەشقەر شەھرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن ئالتە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. دەسلەپ 1442 – يىلى بۇ يەرگە كىچىك بىر مەسچىت سېلىنغان. 1557 – يىلى قەشقەر ھاكىمى ئوبۇل بەگ تەرىپىدىن، 7178 – يىلى خانئېرىقلىق زۇلپىيە خېنىم تەرىپىدىن، 1809 – يىلى ئىسكەندەر ۋاڭ تەرىپىدىن، 1839 – يىلى زۆھۈردۇن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن، 1873 – يىلى پۇقرالار تەرىپىدىن ئىلگىرى – كېيىن كېڭەيتىپ ياسالغان.

ھېيتگاھ جامەسى چوڭ دەرۋازا، مەدرىس، مەسچىت قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى ئون بەش مىڭ ئالتە يۈز كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ. چوڭ دەرۋازا پەشتىقى خىش بىلەن ئېگىز ھەم كۆركەم ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىگە ئون سەككىز مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى پەشتاق مۇنارى ئورنىتىلغان. مۇنار ئۈستىدىن قارىسا قەشقەر شەھرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ. دەرۋازا زالى تەكشى، يۈزى سەككىز قىرلىق، ئۈستى گۈمبەز تورۇسلۇق ياسالغان. ئىچكى قىسمى مەسچىت ۋە مەدرىسكە بۆلۈنگەن ھەم ياغاچ رېشاتكىلىق خىش تام بىلەن ئايرىلغان. جامەنىڭ ئالدىغا مەدرىس جايلاشقان بولۇپ، ئۇ بىر – بىرىگە قارىشىپ تۇرغان ھۇجىر ۋە دەرسخانىدىن تەشكىل تاپقان. جامە ھويلىسى ئىچىدە ئىككى كۆل بولۇپ، كۆل ئەتراپى ئېگىز سۇۋادان تېرەكلەر بىلەن قاپلانغان. مەسچىت جامە ھويلىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىچكىرىكى مەسچىت، تاشقىرىقى مەسچىت، ئايۋان دەپ ئۈچكە بۆلۈنگەن. مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز قىرىق مېتر، كەڭلىكى ئون ئالتە مېتر كېلىدۇ. پۈتۈن مەسچىت قاپارتما نەقىش ئويۇلغان بىر يۈز قىرىق دانە تۆت قىرلىق تۈۋرۈك بىلەن تۇرغۇزۇلغان. ئۈستى يۈز ئاراغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ۋاسا جۈپ تۈز تورۇسلۇق ياسالغان. ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ غەربىگە ئەگمە مېھراب ۋە ياغاچ بىلەن نەپىس ياسالغان مۇنبەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يان، ئالدى تەرىپىگە ياغاچ پەنجىرلىك دېرىزە ۋە ئىشىك قويۇلغان. تاشقى مەسچىت ئالدى تەرىپى ئوچۇق ياسالغان كەڭ ۋە ئۇزۇن ئايۋاندىن تەشكىل تاپقان، توققۇز ئارانىڭ تورۇسىغا چاسا – خالىق ئويۇقچە چىقىرىلغان ۋە رەڭلىك سىزما نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن جامە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ياسىلىش شەكلى، قۇرۇلمىسى ۋە نەقىش، بېزەكلەر جەھەتتىن قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي شەكىلگە ئىگە.

 

2 ) مەھمۇت قەشقەرى مازىرى
( Tomb of Mahmud Kashgari, Kashgar İli )

ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرى (مىلادىي 1008 – 1500 – يىللار) ئانا يۇرتى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئوپال يېزىسىدا توقسان يەتتە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە شۇ يەردىكى <تاشبېلىق تېغى> (ھەزرىتى موللام تېغى) باغرىدىكى سۈزۈكبۇلاق ئۈستىگە دەپنە قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئىلىم – مەرىپەتنى سۆيگۈچى كىشىلەر ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە خاتىرە ئىمارەت ياسىغان. ئالىمنىڭ مازىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياسىلىش، شەكلى، قۇرۇلمىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە نەقىش – بېزەكلىرى جەھەتتە ئۇيغۇر ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپ، روزا – مەرىكە، تىلاۋەتخانا، ئايۋان، ئېتىكاپخانان، ھۇجرا، مەسچىت ۋە چوڭ دەرۋازا قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۆي – ئىمارەتلەردىن تەشكىل تاپقان. بۇنىڭ روزا – مەرىكە، ئايۋان، مەسچىت قىسمى توپا – ياغاچ قۇرۇلمىلىق، گۈمبەز تورۇسلۇق ياسالغان. لىم، جەگە، ھاراق – پەرمانلىرىغا نەقىش ئويۇلغان. نەقىشلەر ئىچىدە سۇخەر، غۇنچە، چېچەك، ياپراق، ئۈزۈم، بادام، يازا، كۇرگۈل، سەددە، بېلىق قاسىرىقى ۋە ھەرخىل گۈل، ئۆسۈملۈكلەر نۇسخىلىرى بار. بۇ قەدىمىي ئىمارەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن 1985 – يىلى ئەسلى شەكلى بويىچە قايتا ياسىلىپ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم تۈسكە كىردى، ئۇ، ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقلىرى ۋە چەت ئەللىك دوستلارنىڭ ساياھەت ۋە ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئورنى بولۇپ قالدى.

 

3 ) يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى
( Tomb of Yusup Khass Hajip, Kaşgar İli )

قاراخانىيلارنىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتەپەككۇر ئالىمى، پەيلاسوپ ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ (مىلادى 1810 – 1085 – يىللار) قەشقەر تۆمەن دەرياسى بويىدىكى <بارىگاھ> دېگەن يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئابدۇرېشتخان دەۋرىدە (1533 – 1570 – يىللار) ئالىمنىڭ قەبرىسى تۆمەن دەرياسى كەلكۈنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەشقەر شەھرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى يېنىدىكى پايناپ مەھەللىسىگە يۆتكەلگەن ۋە بىر نەچچە قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئالىمنىڭ مازىرى ئۆزىگە خاس بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن، يەنى شەرقىي تەرىپىگە مازار، غەربىي تەرىپىگە مەسچىت ئورۇنلاشقان.

مازار قۇرۇلۇشى خىش قۇرۇلمىلىق، گۈمبەز تورۇسلۇق ياسالغان. ئالدى تىك يۈزى ھەرخىل نۇسخىدىكى رەڭلىك نەقىشلەر بىلەن ئىشلەنگەن كاھىشلار بىلەن زىننەتلەنگەن، تۆت بۇلۇڭغا يۇمىلاق مۇنار چىقىرىلغان. مازارنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ – كىچىك مۇنار ۋە گۈمبەزلەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان. مەسچىت قىسمى ئىچكىرى، تاشقىرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. ئىچكىرىكى مەسچىت خىش قۇرۇلمىلىق گۈمبەز تورۇسلۇق ياسالغان. تاشقىرىقى مەسچىت ياغاچ تۈۋرۈك ۋە لىملار بىلەن ۋاساجۈپ تۈز تورۇسلۇق يېپىلغان. پۈتۈن مازارنىڭ ياسىلىشى كۆركەم. ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن رەڭلىك كاھىش ياغاچ ئويما نەقىش ۋە گەج ئويما نەقىشلىرى يۇقىرى ھۈنەر – سەنئەت بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ.

بۇ ھەيۋەتلىك مازار <مەدەنىيەت ئىنقىلابى> مالىمانچىلىقىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. 1988 – يىلى پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمغۇرلۇقى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ياردىمى بىلەن بۇرۇنقى نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئورنىغا قايتا ياساپ چىقىلدى. ئالىمنىڭ يېڭىدىن تۇرغۇزۇلغان بۇ كۆركەم ۋە ھەشىمەتلىك مازىرى دۆلەتلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئا)

 

ئەسلى ئادرىس: ۋىكىپېدىئا ئۇيغۇرچە

https://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1_%D8%A8%D9%89%D9%86%D8%A7%D9%83%D8%A7%D8%B1%D9%84%D9%89%D9%82_%D8%B3%DB%95%D9%86%D8%A6%D9%89%D8%AA%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD_%D8%A6%DB%88%D9%84%DA%AF%D9%89%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇنغا يانداش «تۈر» قوشماقچى ياكى تەۋە « تۈر» دە خاتالىق بار، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز، يۇقارىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەزكۇر بەتتە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

دىگەن نىمە؟

ئىنگىلىزچە، تۈركچە ، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى نىمە؟

نىڭ باشقا خىل ئاتىلىشلىرى بارمۇ؟

ئالاھىدىلىكى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ، تەرجىمە

english translation

türkçe tercümesi

汉语翻译

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

24 سائەت
24 سائەتhttps://24saet.com

گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

مۇشتەرىلىك

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saet

ئەبنۇس

ئەبنۇس ( ئىلمىي نامى:Diospyros kaki ) يەنە ھالۋابىدىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەبنۇس دەرىخى ئائىلىسىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى بولۇپ، ئەسلىي ماكانى جۇڭگو ، 2000 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. ھالۋابىدىتنىڭ رەڭگى كۆپىنچە قىزغۇچ سېرىق ياكى قىزىل رەڭدە بولۇپ، شەكلى ياپىلاق يۇمىلاق ياكى يۈرەك شەكلىدە بولىدۇ، پىشقاندا ئېتى يۇمشاق، سىلىق، تەمى تاتلىق بولىدۇ. ئۇ كۈز ۋە قىش پەسلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيەدە ھالۋابىدىت مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى.

2003 Powerpoint دەرىسلىكى : دىتالنى قوزغىتىش

يۇمشاق دىتالنى قوزغىتىش 1-باسقۇچتا بىز ‹‹باشلاش ››【开始】كۇنۇپكىسنى چىكىپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن ‹‹پىروگرامما››【程序】تۈرىدىن ‹‹ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ››【Microsoft office 2003】تۈرىدىن 【Microsoft power point 2003】ناملىق تۈرنى تاللايمىز.

شارنىر

شارنىر (Hinge) رۇسچە "Шарнир" سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككى جىسىمنى بىر ئوق ئەتراپىدا ئايلىنىش ئىقتىدارى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان مېخانىكىلىق قۇرۇلما. شارنىر ئارقىلىق ئۇلانغان جىسىملار مەلۇم چەك ئىچىدە ئەركىن ئېچىلىپ-يېپىلالايدۇ ياكى ئايلىنالايدۇ. گىرە دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ زاپچاس، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە ئەمەلىيلىكىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈركۈملىرى

ئۇيغۇر تىلىدا سۆز تۈركۈمى دېگىنىمىز تىلشۇناسلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي ئۇقۇملارنىڭ بىرى بولۇپ، سۆزلەرنى گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى، فونكسىيىسى، مەنىسى ۋە شەكلىگە ئاساسەن ئوخشاش گۇرۇپپىلارغا ئايرىش. سۆز تۈركۈملىرى ھەرقانداق تىل سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق بىناسى ھېسابلىنىدۇ. تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنى ئانالىز قىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ ئاساسى شۇ تىلدىكى سۆز تۈركۈملىرىنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بىلىشتۇر.

24 سائەت قامۇسى