ۋاسكىتبول دېگەن نېمە؟
ۋاسكىتبول (Basketball) ئىككى كوماندا ئارىسىدا قولدا ئوينىلىدىغان دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تارقالغان يۇمۇلاق توپ ئويۇنى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر بىر كوماندا توپنى قارشى تەرەپنىڭ گارىغا (توپ سېۋىتى) تاشلاپ نومۇر توپلاپ ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قارشى ئۇتۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئويۇن 1891-يىلى دوكتور جېيمس نايسمىت (James Naismith) تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدا ئىجاد قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە ۋاسكىتبول دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئوينىلىدىغان ۋە كۆرۈلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
ۋاسكىتبول دەسلەپتە قىش پەسلىدە زالدا ئوينىلىدىغان ئاددى بىر ئويۇن سۈپىتىدە باشلانغان بولسىمۇ، كېيىنچە پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان كەسپىي ۋە ئىشتىن سىرتقى تەنھەرىكەت تۈرىگە ئايلاندى. ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ داڭلىق ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئامېرىكىدا NBA نامىدا تەسىس قىلىنغان ۋە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئۇيغۇرچە / Uyghurche : ۋاسكىتبول
ئىنگىلىزچە / English : Basketball
تۈركچە / Türkçe : Basketbol
خەنزۇچە / 汉语 : 篮球
ۋاسكىتبول قانداق تەنھەرىكەت؟
ۋاسكىتبول مۇرەككەپ ھەرىكەتلەر ۋە ئىستراتېگىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىسمانىي تەنھەرىكەت بولۇپ، ئۇ ئويۇنچىلاردىن يۇقىرى دەرىجىدىكى چىداملىق، چاققانلىق، كۈچ ۋە تېخنىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋاسكىتبول ئويۇنچىلار تۆۋەندىكى ئاساسلىق ھەرىكەت ئىقتىدارلىرىنى قوللىنىدۇ:
ئاساسلىق تېخنىكىلار
توپنى ئۇرۇپ مېڭىش (Dribbling): توپنى قول بىلەن يەرگە ئۇرۇپ مېڭىش ياكى يۈگۈرۈش. ۋاسكىتبولدا توپنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىككى قەدەمدىن ئارتۇق مېڭىشقا بولمايدۇ.
پاس بېرىش (Passing): توپنى كوماندا ئەزالىرى ئارىسىدا بىر-بىرىگە پاسلىشىپ يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. ھەرخىل پاس بېرىش ئۇسۇللىرى بار، مەسىلەن، كۆكرەك پاسى، يەردىن پاس ۋە باش ئۈستى پاس قاتارلىقلار..
توپ ئېتىش (Shooting): توپنى گارغا (سېۋەت) ئېتىش ئارقىلىق نومۇر قازىنىش. ئەگەر ئويۇنچى 3 چېگرا سىزىقىنىڭ سىرتىدىن توپ ئاتسا 3 نومۇر، 3 چېگرا سىزىقىنىڭ ئىچىدىن ئاتسا 2 نومۇر قازىنىدۇ. جازا ئېتىشى (Free throw) بولسا بىر توپ 1 نومۇرغا ھېساپ بولىدۇ.
توپ توسۇش (Defense): قارشى تەرەپنىڭ توپ ئېتىشى ياكى ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ.
سەكرەش (Jumping): سېۋەتكە توپ ئېتىش، توپنى توسۇش ياكى سېۋەتتىن چۈشكەن توپنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن يۇقىرىغا سەكرەش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسىي ھەرىكەتلەردىن باشقا يەنە مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرمۇ بار.
ۋاسكىتبولنىڭ پايدىلىرى
ۋاسكىتبول ئويناش بەدەن ساغلاملىقى ۋە روھىي ساغلاملىق جەھەتتىن كۆپلىگەن پايدىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئائېروبىك ھەرىكەت (ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت) : ۋاسكىتبول يۈرەك-قان تومۇر سىستېمىسىنى ياخشىلايدۇ ۋە چىداملىقنى ئاشۇرىدۇ.
مۇسكۇل كۈچى : بۇ ئويۇن پۇت، قول ۋە كۆكرەك مۇسكۇللىرىنى كۈچەيتىدۇ.
ماسلىشىش ئىقتىدارى : توپ سوقۇش، پاس بېرىش ۋە توپ ئېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر كۆز-قول ماسلىشىشىنى ياخشىلايدۇ.
ئىجتىمائىي تەرەققىيات : كوماندا ئويۇنى بولغاچقا، ئىجتىمائىي ئالاقە، ھەمكارلىق ۋە لىدېرلىق ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ.
روھىي ساغلاملىق : جىسمانىي ھەرىكەت بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ۋە روھىي ھالەتنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
ۋاسكىتبول ئويناش قائىدىلىرى
ۋاسكىتبول مەلۇم قائىدە-تۈزۈملەر بويىچە ئوينىلىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ ئاساسلىق قائىدىلەرنى تونۇشتۇرىمىز:
ئويۇن قۇرۇلمىسى
ئويۇنچىلار سانى: كۆپىنچە رەسمىي مۇسابىقىلەردە، ھەر بىر كوماندىدا مەيداندا 5 ئويۇنچى بولىدۇ، قوشۇمچە ئويۇنچىلار ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن دەم ئېلىش سۇپىسىدا ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىشتىن سىرتقى كىچىك تىپتىكى مۇسابىقىلەردە بولسا بىر كوماندىدىكى ئويۇنچىلارنىڭ سانى 2-5 ئارىسىدا ئوخشىماش بولمايدۇ.
ئويۇن ۋاقتى: رەسمىي ۋاسكىتبول مۇسابىقە ئويۇنى 4 تارماق مەيداندىن تەشكىل تاپىدۇ. خەلقئارا ئويۇنلاردا ھەر بىر تارماق مەيدان 10 مىنۇت بولىدۇ، NBA دا ھەر بىر تارماق مەيدان 12 مىنۇت بولىدۇ.
ئويۇن مەيدان ئۆلچىمى: خەلقئارا ئويۇنلاردا، مەيدان 28 مېتىر (91.9 فۇت) ئۇزۇنلۇق ۋە 15 مېتىر (49.2 فۇت) كەڭلىككە بولىدۇ. NBA مەيدانلىرى بولسا 28.65 مېتىر (94 فۇت) ئۇزۇنلۇق ۋە 15.24 مېتىر (50 فۇت) كەڭلىكتە بولىدۇ.
سېۋەت(گار) ئېگىزلىكى: مەيداندىكى گارنىڭ يەردىن 3.05 مېتىر (10 فۇت) ئېگىزلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.


مۇسابىقە جەريانىدا كۆرۈلىدىغان خاتالىقلار ۋە جازالار
شەخسىي خاتالىق (Personal Foul): بىر ئويۇنچى قارشى تەرەپ ئويۇنچىسىغا جىسمانىي جەھەتتىن زەربە قىلغاندا كۆرۈلىدۇ. بىر توپچى مۇسابىقىدە جەمئىي 5 قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئويۇندىن چىقىرىۋېتىلىدۇ ۋە شۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قايتا قاتنىشىش سالاھىتى بولمايدۇ.
تېخنىكىلىق خاتالىق (Technical Foul): مۇسابىقە جەريانىدا ، قەستەن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەنتەربىيە ئەخلاقىغا ئۇيغۇن بولمىغان قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازانى كۆرسىتىدۇ.
جازا ئېتىشى (Free Throw): بىر تەرەپ خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، قارشى تەرەپ توپچىغا توپ ئېتىش پۇرسىتى بېرىلىدۇ، ئەگەر جازا توپ كىرسە 1 نومۇر قازىنىدۇ. بەزى ئېغىر جازالاردا 3 قېتىم جازا توپ ئېتىش ۋە ھۇجۇم تەرەپ قايتا توپ باشلاش ئىمكانىيىتىمۇ بولىدۇ.
مەيدان سىزىقلىرى
3 چېگرا سىزىقى (Three-Point Line): سېۋەتنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ يېرىم چەمبەر شەكلىدە ئايلانغان بۇ سىزىقنىڭ سىرتىدىن ئاتقان توپ 3 نومۇر كەلتۈرىدۇ.
جازا ئېتىش سىزىقى (Free Throw Line): سېۋەتتىن 4.6 مېتىر (15 فۇت) يىراقلىقتا بولغان سىزىق بولۇپ، جازا ئېتىشى مۇشۇ يەردىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئوتتۇرا سىزىق (Half-Court Line): مەيداننى ئىككى تەڭ قىسىمغا بۆلىدىغان سىزىق.
ۋاسكىتبول توپىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئۆلچىمى
ۋاسكىتبول توپى ئۆلچىمى ئويناش دەرىجىسى ۋە ئويۇنچىلارنىڭ يېشىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەندە ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى ۋاسكىتبول توپلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ:
ئەر-ئايال چوڭلارنىڭ ۋاسكىتبول توپ ئۆلچەملىرى
7-نومۇرلۇق ۋاسكىتبول توپى (Size 7):
ئوينىغۇچىلار: 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ئەرلەر
ئايلانمىسى: 75-76 سانتىمېتىر (29.5-30 دىيۇم)
ئېغىرلىقى: 567-650 گرام (20-22 ئۇنسىيە)
6-نومۇرلۇق ۋاسكىتبول توپى (Size 6):
ئوينىغۇچىلار: 12 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ئاياللار؛ 12-14 ياشلىق ئوغۇللار
ئايلانمىسى: 72-73 سانتىمېتىر (28.5-29 دىيۇم)
ئېغىرلىقى: 510-567 گرام (18-20 ئۇنسىيە)
5-نومۇرلۇق ۋاسكىتبول توپى (Size 5):
ئوينىغۇچىلار: 9-11 ياشلىق بالىلار
ئايلانمىسى: 69-70 سانتىمېتىر (27.5-28 دىيۇم)
ئېغىرلىقى: 470-500 گرام (16.5-17.5 ئۇنسىيە)
3-نومۇرلۇق ۋاسكىتبول توپى (Size 3):
ئوينىغۇچىلار: 5-8 ياشلىق بالىلار
ئايلانمىسى: 56-57 سانتىمېتىر (22-22.5 دىيۇم)
ئېغىرلىقى: 300-340 گرام (10.5-12 ئۇنسىيە)
رەسمىي مۇسابىقىلەردە ئىشلىتىلىدىغان توپلار
خەلقئارا ۋاسكىتبول فېدېراتسىيەسى (FIBA) ۋە NBA قاتارلىق رەسمىي مۇسابىقىلەردە، توپلار مەلۇم سۈپەت ۋە ئۆلچەم تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشى كېرەك. رەسمىي مۇسابىقىلەردە:
- ئەرلەر مۇسابىقىلىرىدە 7-نومۇرلۇق توپ
- ئاياللار مۇسابىقىلىرىدە 6-نومۇرلۇق توپ
- ياشلار مۇسابىقىلىرىدە يېشىغا قاراپ 5-7 نومۇرلۇق توپ ئىشلىتىلىدۇ
ۋاسكېتبول توپىغا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللار
ۋاسكىتبول توپلىرى ئاساسەن ئۈچ خىل ماتېرىيالدىن ياسىلىدۇ:
ھەقىقىي تېرە (Genuine Leather): ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك توپلار ھەقىقىي تېرىدىن ياسىلىدۇ. بۇلار ئادەتتە چوڭ مۇسابىقىلەردە ئىشلىتىلىدۇ.
سۈنئىي تېرە (Synthetic Leather): ئوتتۇراھال سۈپەتلىك توپلار سۈنئىي تېرىدىن ياسىلىدۇ. بۇلار ھەقىقىي تېرە توپلارغا قارىغاندا ئەرزانراق ۋە تازىلاش ئاسانراق.
رېزىنكا (Rubber): ئەڭ ئەرزان ۋە ئەڭ داۋاملىق ۋاسكىتبول توپلىرى رېزىنكىدىن ياسىلىدۇ. بۇلار ئادەتتە سىرتقى ۋە مەكتەپ مەيدانلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ۋاسكىتبول دۇنيا بويىچە مىليونلىغان كىشىلەر ئوينايدىغان ۋە تاماشا قىلىدىغان توپ ئويۇنىدۇر. بۇ تەنھەرىكەت تۈرى ئويۇنچىلاردىن يۇقىرى دەرىجىلىك ماھارەت، ئىستراتېگىيە ۋە جىسمانىي كۈچنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋاسكىتبول توپلىرى ئويناش سەۋىيەسى ۋە ئويۇنچىلارنىڭ يېشىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەملەردە بولىدۇ، بۇ ئوينىغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ماس توپنى تېپىپ، ئۆزىنىڭ ۋاسكىتبول ماھارىتىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرەلىشىگە ياردەم قىلىدۇ.
ۋاسكىتبولنى باشلاشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ يېشى ۋە قابىلىيىتىگە ماس كېلىدىغان توپنى تېپىڭ ۋە ئاساسلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىشنى باشلاڭ. ۋاسكىتبول ساغلاملىق، ئىجتىمائىيلىق ۋە كۆڭۈل ئېچىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئاجايىپ پايدىلىق تەنھەرىكەت تۈرىدۇر.
كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار
1. ۋاسكىتبول ئوينىغاندا نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ۋاسكىتبول ئوينىغاندا ھەرىكەت بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ئاياغ كىيىش، ئويناشتىن ئىلگىرى يېتەرلىك بەدەننى قىزىتىش ھەرىكىتى قىلىش ۋە ئويۇن جەريانىدا كۆپ سۇ ئىچىش مۇھىم.
2. ۋاسكىتبول ئويناش ئۈچۈن نىمىلەر كېرەك بولىدۇ؟
ۋاسكىتبول ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئۆلچەمدىكى ۋاسكىتبول توپى، ياخشى ۋاسكىتبول ئايىقى، راھەت تەنھەرىكەت كىيىملىرى ۋە ئويناش ئۈچۈن بىر گار ۋە تۈز بولغان مەيدان كېرەك.
3. ياشلار قانچە يېشىدىن باشلاپ ۋاسكىتبول ئوينىسا بولىدۇ؟
بالىلار ئادەتتە 5-6 ياشتىن باشلاپ ئاساسلىق ۋاسكىتبول باشلىسا بولىدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلار ئۈچۈن يېنىكرەك ۋە كىچىكرەك توپلارنى ئىشلىتىش، شۇنداقلا پەس گارلاردا ئويناش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
4. يېشى چوڭلار ۋاسكىتبول ئويناشنىڭ خەۋپى بارمۇ؟
ئەگەر ئوينىغۇچىنىڭ بۇرۇن تىزى، مۈرىسى ياكى بېلىدە مۇسكۇل پەيلەردە ياكى سۆڭەكلەردە ئېغىر كېسەللىك بولسا، ۋاسكىتبول ئوينىغاندا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. ئويناشتىن ئىلگىرى دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش ۋە كۈچلەندۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
5. ھەپتىدە قانچە قېتىم ۋاسكىتبول ئويناش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؟
ساغلاملىق ئۈچۈن ھەپتىدە 2-3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30-60 مىنۇت ۋاسكىتبول ئويناش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. كەسپىي توپچىلار كۆپرەك مەشىق قىلىدۇ، ئەمما نورمال ئىشتىن سىرتقى ۋاسكىتبول قىزىققۇچىلار ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك ئويناش مىقتارى ئادەتتە يېتەرلىك بولىدۇ.