24 سائەتئۇنىۋېرسالكومپىيوتېر2003 Powerpoint دەرىسلىكى 1.باب : دەرسلىك دىتالى ۋە ئاساسى مەشغۇلاتلىرى

2003 Powerpoint دەرىسلىكى 1.باب : دەرسلىك دىتالى ۋە ئاساسى مەشغۇلاتلىرى

ۋاقىت :

نۆۋەتتە بىزنىڭ تونۇشۇپ ئۆتمەكچى بولغان دەرسلىك لاھىيلەش دىتالىمىز تۆۋەندىكى كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە بۇلۇپ تۆۋەندىكى قىسىملاردىن تەركىپ تاپىدۇ. 1.2-رەسىم

2003 Powerpoint دەرىسلىكى 1.باب : دەرسلىك دىتالى ۋە ئاساسى مەشغۇلاتلىرى

كونتىرول كۇنۇپكىللىرى قۇرال ئىستونى تىزىملىك ئىستونى

دەرسلىك لاھىيلەش دىتالىنى قوزغاتقاندىن كىين يۇقارقىدەك كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

بەت قۇشۇش

1-باسقۇچتا بىز ‹‹قىستۇرۇش››【插入】تىزىملىكىدىن ‹‹يېڭى بەت ››【新幻灯片】ناملىق تۈرنى تاللىساق يېڭى بەت قۇشۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمز.1.3-رەسىم

يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە بىز دەرسلىك بىتنى قۇشۇشقا بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىز بىرىكمە كۇنۇپكا 【Ctrl+m】كۇنۇپكىسنى بېسىپ بەت قۇشۇشقىمۇ بولىدۇ.

3-خىل ئۇسۇلدا بەت قۇشۇش

3-خىل ئۇسۇلدا بىز دائىملىق قۇرال ساندۇقىدىن ‹‹يېڭىدىن بەت قۇشۇش››【新幻灯片】كۇنۇپكىسنى چىكىپ بەت قۇشۇشقىمۇ بولىدۇ.

1.4-رەسىمدە كۆرستىلگەن كۆزنەكتىكى كۇنۇپكىنى چىكىش ئارقىلىقمۇ دەرسلىك بىتى قۇشۇشقا بولىدۇ.
دەرسلىك بىتىنى بىزەش
1-باسقۇچتا بىز مەلۇم دەرسلىك بىتىنىڭ ئۇستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسنى چىكىپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن ‹‹تەگلىك ›› 【背景】ناملىق تۈرنى تاللايمىز ۋە ئېچىلغان كۆزنەكتىن رەڭ تاللاش ئېلىپ بارىمىز. 1.5-رەسىم

 

بەت ئاستىغا ئارلاشما رەڭ تۆكۈش

1-باسقۇچتا دەرسلىك بىتى ئۇستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسنى چىكىپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن ‹‹تەگلىك››【背景】تۈرنى تاللاپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن رەڭ تاللاش تۈرنى چىكىپ ئېچىلغان تۈرىدىن ‹‹ئۈنۈم توشقۇزۇش›› 【填充效果】تۈرنى تاللايمىز ۋە ئېچىلغان كۆزنەكتىن ئارلاشما رەڭنى تاللايمىز. 1.6-رەسىم

1.6-رەسىم

1.6-رەسىمدىكى كۆزنەكتىن رەڭ توشقۇزۇش تۈرنى تاللىغاندىن كىين بىز ئارلاش رەڭ تۈرنى تاللايمىز ۋە ئېچىلغان كۆزنەكتىن ئۆزىمىزگە لازىملىق تەدرىجى رەڭنى تاللاپ ‹‹ جەزىملەشتۈرۈش ››【确定】كۇنۇپكىسنى چەكسەك بولىدۇ. 1.7-رەسىم

1.7-رەسىم
ئەگەر بىز ئارلاشما رەڭدىن باشقا بىز سىزىقچىلار تولدۇرماقچى بولساق 1.7-رەسىمدىكى كۆزنەكتىن ‹‹سىزىقچە››【纹理】تۈرنى تاللاپ ئېچىلغان تۈرىدىن خالىغان سىزىقچىلارنى تاللاش ئېلىپ بارساق بولىدۇ. 1.8-رەسىم

1.8-رەسىم

‹‹ رەسىم تاللاش ››ناملىق كۆزنەكتىن بىز ‹‹رەسىم تاللاش ›› 【选择图片】ناملىق كۇنۇپكىنى چىكىپ كومپىيوتېرىمىزدىكى رەسىملەرنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ.

 

دەرسلىك بىتىنى لاھىيلەش

1-باسقۇچتا دەرسلىك بىتىنىڭ ئۇستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسنى چىكىپ ئېچىلغان تىزىملىكىتىن ‹‹بەت لاھىيلەش››【幻灯片设计】تۈرنى تاللايمىز ۋە ئوڭ تەرەپتىكى تاللاش تۈرىدىن مەلۇم لاھىيلەش شەكلىنى تاللايمىز.

1.9-رەسىم

يۇقارقى 1.9-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن كۆزنەكتىن بىز ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغان تۈرنى تاللىساق بولىدۇ. ۋە دەرسلىككە بەت لاھىيلەش بىزەش ئۈنۈمىنى قۇشۇش مەقسىتىگە يەتكەن بولىمىز.

 

دەرسلىك بىتنى ئۆچۈرۈش

دەرسلىك بىتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن بىز دەرسلىك بىتىنىڭ ئۇستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسنى چىكىپ ئېچىلغان تىزىملىكتىن 【删除幻灯片】تۈرنى تاللاپ بەت ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا كۇنۇپكا تاختىسىدىن 【delete】كۇنۇپكىسنى چىكىپمۇ دەرسلىك بىتىنى ئۆچۈرۈش مەقستىگە يەتكىلى بولىدۇ. 1.10-رەسىم

1.10-رەسىم

 

دەرسلىك بەت شەكلىنى تاللاش

1-باسقۇچتا بىز دەرسلىك بىتىنىڭ ئۇستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسنى چىكىپ ئېچىلغان تىزىملىكتىن ‹‹بەت شەكلى››【幻灯片版式】ناملىق تۈرنى تاللايمىز . ۋە ئوڭ تەرەپتە ئېچىلغان كۆزنەكتىن بەت شەكلىنى تاللايمز.1.11-رەسىم

1.11-رەسىم

1.11-رەسىمدە كۆرستىلگەن كۆزنەكتىن ‹‹بەتنىڭ مەزمۇن شەكلىنى تاللاش تۈرى ›› ناملىق رامكىدا كۆرستىلگەن تۈرىدىن بىز ئۆزىمىزگە ئىھتىياجلىق بەت مەزمۇن شەكلىنى تاللىساق بولىدۇ.

 

دەرسلىك بىتىنى رەڭسىز قىلىپ تەڭشەش

ئەگەر بىز دەرسلىك لاھىيلەش جەريانىدا دەرسلىك بىتىمىزنىڭ رەڭسىز لاھىيلىنىشنى ئويلىساق بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن تامامەن قىلىشقا بولىدۇ.

1-باسقۇچتا ‹‹كۆرۈنمە يۈز›› 【视图】تىزىملىكىدىن ‹‹رەڭ ۋە رەڭسىز ›› 【颜色\灰度】ناملىق تۈرىدىن ‹‹رەڭسىز ››【灰度】تۈرىنى تاللىساق بولىدۇ. 1.12-رەسىم

1.12-رەسىم

بەتنى رەڭسىز قىلىشتىن باشقا بەت يۈزىگە قىستۇرۇغان رەسىمنى رەڭسىز قىلماقچى بولساق رەسمنى تاللاپ قۇيۇپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن رەڭسىز ھالەتنى تاللاپ رەسىمنى رەڭسز قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر رەڭلىك ھالەتكە قايتۇرماقچى بولساق يۇقارقى ئېچىلغان 1.12-رەسىمدىكى كۆزنەكتىن 【颜色】تۈرنى تاللىساق بولىدۇ.

 

دەرسلىك بىتىگە بەت نۇمۇرى قىستۇرۇش

1-باسقۇچتا بىز ‹‹قىستۇرۇش ››【插入】تىزىملىكىدىن ‹‹بەت تەھىرلەش نۇمۇرى››【幻灯片编号】ناملىق تۈرنى تاللايمىز. ۋە تۆۋەندىكى تۈرگە توغرا بەلگىسى قۇيمىزۋە جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسنى چىكىمىز. 1.13-رەسىم

1.13-رەسىم

1.13-رەسىمدىكى كۆزنەكتىن بىز مۇناسۋەتلىك كۆرستىلگەن تۈرگە توغرا قۇيۇپ ‹‹ئىشلىتىش››【应用】ناملىق كۇنۇپكىنى چەكسەك پەقەت نۆۋەتتىكى بىر بەتكىلا بەت نۇمۇرى قىستۇرۇشنى كۆرستىدۇ. ئەگەر ‹‹ھەممىگە ئىشلتىش››【全部应用】ناملىق كۇنۇپكىنى چەكسەك بارلىق دەرسلىك بىتىگە بەت نۇمۇرى قىستۇرلىدۇ.

 

بەت يۈزىگە چىسلا قىستۇرۇش

1-باسقۇچتا ‹‹قىستۇرۇش››【插入】ناملىق تىزىملىكتىن ‹‹ ۋاقىت ۋە چىسلا ›› 【日期和时间】ناملىق تۈرنى تاللايمىز ۋە ئېچىلغان كۆزنەكتىن مۇناسىۋەتلىك تۈرگە توغرا بەلگىسى قۇيمىز. 1.14-رەسىم

1.14-رەسىم

1.14-رەسىمدە كۆرستىلگەن كۆزنەكتىن بىز تاللانغان تۈرگە توغرا بەلگىسى قويغاندىن كىين ‹‹ئىشلتىش ›› 【应用】كۇنۇپكىسنى چەكسەك نۆۋەتتىكى بەتكە چىسلا قىستۇرۇشقا بولىدۇ.ئەگەر ‹‹ھەممىگە ئىشلتىش ››【全部应用】كۇنۇپكىسنى چەكسەك بارلىق بەتلەرگە چىسلا قىستۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 

دەرسلىك بىتىگە بەلگىلەرنى ۋە شەكىللەرنى قىستۇرۇش

1-باسقۇچتا ‹‹قىستۇرۇش››【插入】تىزىملىكىدىن ‹‹بەلگە ››【符号】ناملىق تۈرنى تاللايمىز . ۋە ئېچىلغان كۆزنەكتىن بەلگە تۈرنى تاللاپ قىستۇرۇش كۇنۇپكىسنى چىكىمىز. 1.15-رەسىم

1.15-رەسىم

1.15-رەسىمدە كۆرستىلگەن كۆزنەكتىن ‹‹خەت نۇسخسى ››【字体】تۈرىدىن تۆۋەندىكى بەلگە نۇسخىللىرىنى تاللاپ كۆپلىگەن بەلگىلەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ., Wingdings Webdingsۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئەلكاتىپ قاچىلانغان كومپىيوتېر بولسا بۇ تۈردىن 【ALKATP Marka】ناملىق تۈرنى تاللايمىز ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە بەلگىلەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

 

ئابزاسنىڭ قۇر ئارلىقىنى تەڭشەش

1-باسقۇچتا بىز قۇر ئارلىقىنى تەڭشىمەكچى بولغان ئابزاسنى تاللايمىزۋە ‹‹فورمات››【格式】تىزىملىكىدىن ‹‹قۇر ئارلىقى ›› 【行距】تۈرنى تاللايمىز ۋە ئېچىلغان كۆزنەكتىن تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. 1.16-رەسىم

1.16-رەسىم

1.16-رەسىمدە كۆرستىلگەندەك ‹‹ قۇر ئارلىقى ›› 【行距】تۈرىگە بىز يۇقارقى ئىككى دانە رەسىمدىكىگە ئوخشاش رەقەملەرنى كىرگۈزۈپ قۇر ئارلىقىنى كىچىكلىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئوروندىكى قىممەت تۆۋەن بولسا قۇر ئارلىقى قىس بولىدۇ. يۇقىرى بولسا چوڭ بولىدۇ.

 

مەزمۇننى بەت يۈزىدە توغىرلاش

1-باسقۇچتا بىز توغىرلىماقچى بولغان ئابزاسنى تاللايمىز ۋە تۆۋەندىكى مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارىمىز. 1.17-رەسىم

1.17-رەسىم

1.17-رەسىمدە كۆرستىلگەن ‹‹ئۇيغۇرچە خەت يۈنلىشى ›› ناملىق قۇرالنى بىز داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرچە خەت يېزىشتىن ئىلگىرى چۇقۇم مۇشۇ قۇرالنى بىر قېتىم چىكىۋىتىپ ئاندىن ئۇيغۇرچە خەت يېزىشنى باشلىساق بولىدۇ. ‹‹خەنزۇچە خەت يۈنلىشى ›› قۇرالىنى خەنزۇچە خەت يازغان ۋاقتىمىز چىكىپ ئاندىن خەنزۇچە خەت يېزشىنى باشلىساق بولىدۇ.

مەزمۇننى ئوڭ تەرەپكە توغىرلاش③قۇرالنى چىكىمىز. ئوتتورىغا توغىرلاش ئۈچۈن②قۇرالنى چىكىمىز. سول تەرەپكە توغىرلاش ئۈچۈن ① قۇرالنى چىكىپ توغىرلىساق بولىدۇ.

 

مەزمۇننىڭ يۈنلىشنى ئۆزگەرتىش

1-باسقۇچتا بىز يۈنلىشنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان مەزمۇننى تاللىغاندىن كىين فورمات قۇرال ساندۇقىدىن مەزمۇن يۈنلىشنى ئۆزگەرتىش قۇرالنى چىكىپ مەزمۇننى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. 1.18-رەسىم

1.18-رەسىم

1.18-رەسىمدە كۆرستىلگەن ‹‹مەزمۇن يۈنلىشنى ئۆزگەرتىش ›› قۇرالىنى بىر قېتىم چەكسەك تىك يۈنلىشى يەنە بىر قېتىم چەكسەك يانتۇ يۈنلىشكە ئۆزگىرىدۇ .

 

فورمات قۇرال ساندۇقنى ئشلتىش

1-باسقۇچتا بىز قۇرال ساندۇقى رايۇنغا قارىساق بىز ئىھتىياجلىق قۇراللار بولسا تۇلۇقلاش ھاجەتسىز ئەگەر تۇلۇق بولمىسا ‹‹كۆرۈنمە يۈز››【视图】تىزىملىكىدىن ‹‹قۇرال تىزىملىكى ››【工具栏】تۈرىدىن 【格式】ۋە 【常用】تۈرگە تاق چىكىپ توغرا بەلگىسى قۇيمىز.

2-باسقۇچتا بىز فورمات قۇرال ساندۇقىدىن تۆۋەندىكى قۇراللار ئارقىلىق مەزمۇن رەڭگىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. 1.19-رەسىم

1.19-رەسىم

1.19-رەسىمدە كۆرستىلگەن ‹‹خەت نۇسخسىنى تەڭشەش›› ناملىق قۇرالنى چىكىپ تاللانغان خەتنىڭ نۇسخسنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

‹‹خەت چوڭلۇقى›› قۇرالنى چىكىپ تاللانغان خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. بۇ ئوروندىكى نۇمۇر يۇقىرى قۇيۇلسا خەت چوڭ بولىدۇ. ئەگەر كىچىك بولسا خەت كىچىك بولىدۇ.

‹‹خەتكە ئۈنۈم قۇشۇش ›› ناملىق تۈرىدىن 【B】ھەرپىنى باسساق تاللانغان خەت توم ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. يەنە بىر قېتىم باسساق ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.【I 】قۇرالنى تاق چەكسەك تاللانغان خەت يانتۇ ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. يەنە بىر قېتىم باسساق ئەسلىگە ئۆزگىرىدۇ .

【U】قۇرالنى تاق چەكسەك تاللغان خەتنىڭ ئاستىغا سىزىق چىقىىدۇ. يەنە بىر قېتىم باسساق ئەسلىگە قايتىدۇ.

【S】قۇرالنى تاق چەكسەك تاللغان خەتنىڭ ئاستىغا سايە ئۈنۈمى قۇشۇلغان بولىدۇ. يەنە بىر قېتىم باسساق ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.

‹‹تاللانغان خەتنى چوڭايتىش-كىچىكلىتىش›› قۇرالنىڭ كىچىك 【A】ھەرىپىنى باسساق تاللانغان خەت كىچىكلەيدۇ.

ئەگەر چوڭ 【A】ھەرپىنى باسساق تاللانغان خەتنى چوڭايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

‹‹خەتنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ›› ناملىق قۇرالنى تاق چىكىپ ئېچىلغان تۈرىدىن ئۆزىمىزگە لازىملىق خەت رەڭگنى تاللىساق بىزنىڭ تاللىغان مەزمۇنىمىز شۇ خىل رەڭگە ئۆزگىرەيدۇ. ئەگەر بىز بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك رەڭگە ئىھتياجلىق بولساق رەڭ تاللاش قۇرالنى چەككەندىن كىين ‹‹باشقا رەڭلەر ››【其他颜色】ناملىق تۈرنى تاللاپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن خالىغان رەڭنى تاللىساق بولىدۇ.

 

‹‹تاللانغان مەزمۇنغا تەرتىپ نۇمۇر قۇشۇش›› قۇرالنى تاق چەكسەك تاللانغان مەزمۇنغا تەرتىپ نۇمۇرى قۇيۇلغان بولىدۇ.

 

دائىملىق قۇرال ساندۇقىنى ئىشلتىش

بەتنىڭ كۆرنىشنى چوڭايتىش ھۆججەتنى ساقلاش يېڭىدىن ھۆججەت قۇرۇش

1.20-رەسىم

1.20-رەسىمدە كۆرستىلگەن قۇرال ساندۇقىدىن ‹‹ يېڭىدىن ھۆججەت قۇرۇش›› قۇرالنى تاق چەكسەك يېڭىدىن بىر دەرسلىك يۇمشاق دىتالى ھۆججىتى قۇرۇپ بىرىدۇ. ‹‹ھۆججەتنى ساقلاش ›› قۇرالنى تاق چەكسەك بىزنىڭ لاھيلىگەن دەرسلىكنى ساقلاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. 1.21-رەسىم

‹‹بەتنىڭ كۆرنىشنى چوڭايتىش››ناملىق تۈرنى چىكىپ يۇقىرى پىرسەنتىنى تاللىساق بەت يۈزى چوڭ ھالەتتە كۆرنىدۇ. ئەگەر كىچىكرەك پىرسەنىت تۈرنى تاللىساق بەت يۈزى كىچىك ھالەتتە كۆرنىدۇ.

1.121-رەسىمدە كۆرستىلگەن كۆزنەكتىن بىز يۇقارقى چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھۆججەت ساقلاش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.

1.22-رەسىم

1.22-رەسىمدىكى كۆزنەكتىن ‹‹بېسىپ چىقىرلىش ھالىتنى ئالدىن كۆرۈش ›› قۇرالىنى تاق چەكسەك تۆۋەندىكى زىيارەت قىلىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. 1.23-رەسىم

1.23-رەسىم

1.23-رەسىمدىكى كۆزنەكتىن ‹‹بېسىپ چىقىرش ›› ناملىق قۇرالنى چەكسەك نۆۋەتتىكى كۆرىۋاتقان بەتنى بېسىپ چىقىرش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

‹‹بېسىپ چىقىرىش مەزمۇنىنى تاللاش››قۇرالىنى چىكىپ دەرسلىك بىتنىڭ بېسلىش مەزمۇنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

‹‹بەتنىڭ يۈنلىشنى ئۆزگەرتىش ›› قۇرالنى تاق چىكىپ بەتنىڭ يۈنلىشنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

‹‹بەتنىڭ تەھىرلەش ھالتىگە قايتىش ›› قۇرالنى يەنى ‹‹تاقاش››【关闭】كۇنۇپكىسنى تاق چىكىپ تاقاش ئېلىپ بارىمىز.


 

ئەسلى ئاپتور ۋە مەنبە:
نۇرمۇھەممەد نەزەر كومپيوتېر تېخنىكىسى
خاككىر كومپىيوتېر پىروگرامما تىلى تەتقىقات گۇرۇپپىسى
Powerpoint تىكى نادىر تېخنىكىلار مەجمۇئەسى

تەمىنلىگۈچى:
ئابلەتجان

مەزمۇن ۋورد نۇسخىسى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۋېلىڭ:
نۇرمۇھەممەد نەزەر Powerpoint 2003 دەرسلىكى ۋورد نۇسخىسى

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

24 سائەت
24 سائەتhttps://24saet.com

24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saat

2003 Powerpoint دەرىسلىكى : دىتالنى قوزغىتىش

يۇمشاق دىتالنى قوزغىتىش 1-باسقۇچتا بىز ‹‹باشلاش ››【开始】كۇنۇپكىسنى چىكىپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن ‹‹پىروگرامما››【程序】تۈرىدىن ‹‹ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ››【Microsoft office 2003】تۈرىدىن 【Microsoft power point 2003】ناملىق تۈرنى تاللايمىز.

مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى

بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى