ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ﮬەممىمىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخنى ئۈگۈنۈش ۋە بىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، چۈنكى كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ﮬەم تارىخ بىزنى توغرا يولغا باشلايدۇ. لېكىن ﮬەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تارىخ ئۈگۈنۈش ناﮬايىتى تەس بىر پەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخى ئۈگۈنۈش تېخىمۇ تەس ئىش.
قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز يازغان يازما تارىخ ئەسەرلىرىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلمەسلىكى، يېتىپ كەلگەنلىرىمۇ ئاتالمىش < مەدەنىيەت ئىنقىلابى > مەزگىلىدە تۆت كونا دەپ قارىلىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەنلىكى، كۆيدۈرۈلمەي قېلىپ قالغانلىرى بولسا، بىرقىسىملىرىنىڭ بىرقىسىم تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ساقلىنىشى ياكى ئەينى چاغدىكى كىتاپ كۆيدۈرۈش ۋە ۋە باشقا سەۋەپلەردىن قورقۇپ كەتكەن كىشىلىرىمىزنىڭ كىتاپنى يورۇق دۇنياغا چىقارماي تامنىڭ ئارىسىغا يەرنىڭ تېگىگە كۆمۈپ ساقلاشلىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان نادىر تارىخى ئەسەرلىرىمىز تېخىغىچە كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولالمىدى، يەنە كېلىپ تارىخ پېنىنىڭ كۈچلۈك سىياسىۋىلىككە ئىگە بولۇشى ۋە دىيارىمىزنىڭ ئۆزگىچە تەقدىر قىسمەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تارىخى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە نازۇك بىر پەن بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇيغۇر تارىخى سىرتتىن ئۈگەنگۈچىلەرنىلا ئەمەس بەلكى شۇ كەسپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگىمۇ ئەڭ تەس بىر پەن بولۇپ بىلىنىدىغان ﮬالەت شەكىللىنىپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىكىمىزنى تونۇشنىڭ كۈچىيىشى ۋە تور دۇنياسىدىكى تەشۋىقاتلار تۈپەيلىدىن تارىخقا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىگە قىزىقىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ﮬەر خىل تور بەتلىرىدىكى تارىخى تېمىلار كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، قېرىنداشلىرىمىز كاللىسىغا تەئەججۈپلۈك سوئاللارنى ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ ئۈگىنىش ئەﮬۋالىمغا بىرلەشتۈرگەن ﮬالدا ئۇيغۇر تارىخىنى ئۈگىنىشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى تورداش دوستلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن.مەن ئۇيغۇر تارىخىنى ئۈگۈنۈشتە ئۈگۈنۈش تەرتىۋىنى تۆۋەندىكىدەك تۈزۈپ چىقتىم.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخى ( رىۋايەتلەردىكى تارىخ ) ___ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخى ( ئىپتىدائىي جەمىيەت ۋە قۇللۇق جەمىيەت تارىخى )___ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ( ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر تارىخى ) ____ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى دەۋر تارىخى ( سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىقىلىشىدىن ياقۇپبەگ قۇرغان يەتتە شەﮬەر خانلىقىنىڭ يىقىلىشىغىچە ) ئۇيغۇرلارنىڭ ﮬازىرقى زامان تارىخى ( ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆلكە قۇرۇلغاندىن تاكى مىللىي ئارمىيە بىلەن خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى ئۇچراشقىچە ) ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تارىخى ( 1949- يىلى 12- 29- كۈنىدىن تاكى بۈگۈنگىچە )
1. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۈگۈنۈش
تارىخ پېنى بىر تەس پەن بولغاچقا ئۇنىڭدا ئۇچرايدىغان نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇ تېرمىنلار يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن، ﮬەم تارىخى ئەسەرلەردىكى ﮬەددىدىن ئۇزۇن بەزى تەﮬلىللەر ئوقۇغۇچىنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشى، ئوخشاش بىر ۋەقەگە بولغان خىلمۇ خىل قاراشلار ئوقۇغۇچىلارنى گاڭگىرىتىپ چۈشەنچىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا مەرﮬۇم ئادۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ < ئىز > ناملىق تارىخى روماننى يېزىشى بىلەن باشلانغان تارىخى رومان يېزىش قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر بىر قاتار رومانلار بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بەزى قىسىملىرىنى خېلى روشەن يارىتىپ بەردى ۋە بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ تارىخى تەرتىپ بويىچە تارىخى رومانلارنى ئوقۇش تەرتىۋىنى تۆۋەندىكىچە تۈزۈپ چىقتىم.
1. رىۋايەتلەردىكى تارىخ
ئابدۇللا ساۋۇت يازغان < تۇمارىس > ۋە < شىراق > ﮬەققىدىكى ﮬىكايىلەر، بۇ ﮬەقتە ﮬازىرغىچە بىرەر مەخسۇس رومان يېزىلمىدى
2. پەرﮬات جىلان < ئورخۇن شەجەرىسى >. پەرﮬات جىلاننىڭ بۇ رومانىدا كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئورقۇن خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە يىمىرىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدىن مانى دىنى ئېتىقادىغا ئۆتۈشىدىن تاكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشىگىچە بولغان تارىخى جەريان، ئۆتكۈر ئەدەبىي تىل ۋە جانلىق تارىخى پاكىتلار بىلەن ناﮬايىتى تەپسىلى يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ كىتاپنى ئوقۇش ئارقىلىق كۆك تۈرك خاندانلىقى، ئۇيغۇر ئورقۇن خاندانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى ﮬەققىدىكى تارىخى مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ.
3. پەرﮬات جىلان < ئىدىقۇت يۇلتۇزى >. پەرﮬات جىلان بۇ رومان ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈپ كېلىپ ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنى قۇغاندىن باشلاپ، بۇ ئەلنىڭ قارا قىتانلارنىڭ كونتىروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشى ۋە بارچۇق ئارت تېكىننىڭ رەﮬبەرلىكىدە قارا قىتانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ، چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىپ، چىڭگىزخاننىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش يۈرۈشلىرىگە قاتناشقانلىقى ﮬەقىدىكى مەلۇماتلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.
4. سەيپىدىن ئەزىزى < سۇتۇق بۇغراخان >. قارا خانىلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى ئەﮬۋاللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشى ﮬەققىدە خېلى مەلۇماتلار بار.
5. پەرﮬات جىلان < مەﮬمۇد قەشقىرى > پەرﮬات جىلان بۇ روماندا مەﮬمۇد قەشقىرىنىڭ ئۆمۈر تارىخىنى بايان قىلىش ئارقىلىق قارا خانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ، قارا خانىلار خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگىچە بولغان تارىخى جەريانلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.
6. ﮬاجى مىرزاﮬىد كەرىمى < يۈسۈپ خاس ﮬاجىپ > بۇ روماننىڭ بىرىنچى قىسىمىنىڭ 2 كىتابى نەشردىن چىققان بولسىمۇ لېكىن داۋامى تېخى نەشردىن چىقمىدى. بۇ روماندىمۇ قاراخانىلار خانلىقى ﮬەققىدە مول تارىخى ماتىرياللار بار.
قارا خانىلار خانلىقىنىڭ يىقىلىشىدىن تارتىپ سەئىدىيە خانلىقى تىكلەنگىچە بولغان بۇ دەۋردىكى تارىخ ﮬەققىدە بىرەر ئەسەرنىڭ يېزىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئارىلىقتا < ئاقسۇ ئەدەبىياتى > ژورنىلىنىڭ بىر سانىغا يازغۇچى ئادۇۋەلى ئەلىنىڭ مۇشۇ دەۋر ﮬەققىدە يېزىلغان < تۇغلۇق تۆمۈرخان > دىگەن رومانىنىڭ پارچىلىرى بېرىلگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى تېخى ﮬازىرغىچە كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشمىدى.
7. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى تارىخىغا ئائىت رومانلاردىن:
ﮬاجى مىر زاﮬىد كەرىمىنىڭ < سەئىدخان > < سۇلتان ئابدۇرەشىد خان > ۋە تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ < مەلىكە ئاماننىسا خان > رومانلىرى بۇ دەۋر تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ دەۋر تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى ئەسەر دەپ قارالغانلىرى يازغۇچى ئادۇۋەلى ئەلىنىڭ < خوجىلار تىرىلوگىيىسى > يەنى < مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى >، < ئاپپاق خوجا >، < تۇرغاق خوجىلار > قاتارلىقلار بولۇپ ئاپتر بۇ تىرىلوگىيىسى ئارقىلىق سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ يىقىلىشىغىچە بولغان تارىخى جەرياننى ئۆزىنىڭ مول تارىخى بىلىمى ۋە ئىشەنچلىك تارىخى مەنبەلەر ئارقىلىق ناﮬايىتى جانلىق تەسىرلىك قىلىپ يورۇتۇپ بەرگەن. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىقىلىشى ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ قىسمەتلىرى ﮬەققىدە يېزىلغان يەنە ئىككى مەشھۇر ئەسەر ياسىنجان سادىق چۇغلاننىڭ < جاللات خېنىم > ناملىق رومانى بىلەن ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى يۈسۈپ ئىلياسنىڭ < ئېغىر تىنىقلار > ناملىق رومانىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ياسىنجان سادىق چوغلان ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق بۇ تارىخى رومانىدا < جاللات خېنىم > دەپ ئاتالغان مۇﮬتەرەم خېنىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى يېزىش ئارقىلىق سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى پاسىق خوجىلارنىڭ تەختنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىيانەتكارانە ﮬەركەتلىرى ۋە سەئىدىيە ئەۋلاتلىرىنىڭ خانلىقنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ناﮬايىتى تەپسىلى ئوبرازلىق چۈشۈنىشلىك قىلىپ يازغان بولسا، يۈسۈپ ئىلياس رومانىدا خوجىلار ئەۋلاتلىرىنىڭ سەئىدىيە ﮬاكىمىيىتىگە ئاسىيلىق قىلغاندىن كېيىنكى پاجىئەلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
8. سەئىدىيە خانلىقى يىقىلغاندىن تارتىپ تاكى 1864- يىلىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان ئىنقىلاپ بورىنى دەۋرىگىچە بولغان تارىخى دەۋرلەر توغرىسىدا مەخسۇس يېزىلغان ئەسەرلەر ﮬازىرچە مەلۇم ئەمەس. لېكىن بۇ ئىنقىلاپ بورىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياقۇپبەگ قۇرغان يەتتە شەﮬەر دۆلىتىنىڭ تارىخىنى ئۈگۈنۈشتە يەنىلا يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ < بەدۆلەت > تىرولوگىيىسى ناﮬايىتى ياخشى دەرسلىك بولالايدۇ. يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى ئۆزىنىڭ < بەدۆلەت ___ يانغىن قاپلىغان تۇپراق >، < بەدۆلەت ___ بارسا كەلمەس يول >، < بەدۆلەت __ ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى > ناملىق ئەسەرلىرىدە 1864- يىلىدىكى ئىنقىلاپ بورىنى ۋە ياقۇپبەگ قۇرغان يەتتە شەﮬەر دۆلىتى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرىشى ﮬەققىدە ناﮬايىتى مول تارىخى بىلىم تەمىنلەيدۇ. بۇ دەۋر تارىخىغا يەنە ئەبەيدۇللا ئىبراﮬىمنىڭ < داغ > رومانى قىسقىچە تولۇقلىما ياكى قوشۇمچە بولالايدۇ.
9. ئۇيغۇرلارنىڭ ﮬازىرقى زامان تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر خېلى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزۈم بىرقەدەر ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە دەپ قارىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئابدۇرەﮬىم ئۆتكۈر < ئىز > ئاپتور بۇ رومانىدا 1912- يىلى قۇمۇلدا پارتلىغان تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتى ۋە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ﮬەققىدە مول خاتىرىلەرنى قالدۇرغان، يەنە شۇ دەۋر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردىن ئەبەيدۇللا ئىبراﮬىمنىڭ < تۈندىكى چاقماق > رومانىدا خوتەننىڭ چىرا ناﮬىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ چارروسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن.
ئابدۇرەﮬىم ئۆتكۈر < ئويغانغان زېمىن > ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يەنە بىر ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرى < ئويغانغان زېمىن > ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا ناﮬايىتى تونۇشلۇق بولۇپ بۇ توغرىلىق ئارتۇقچە توختالمىساممۇ بولار، ئاساسلىقى خوجا نىياز ﮬاجى باشچىلىقىدا قۇمۇلدىن باشلىنىپ، پۈتكۈل دىيارىمىزنى قاپلىغان ئىنقىلاپ بورىنى توغرىسىدا يېزىلغان مۇكەممەل بىر ئەسەردۇر.
زوردۇن سابىر < ئانا يۇرت > تىرىلوگىيىسى. ئۇيغۇرلارنىڭ «تىنچ دون»ى دەپ ئاتالغان بۇ ئەسەر، 40- يىللاردىكى ئۇيغۇر ھاياتى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.
2. تارىخ كىتاپلىرىدىن ئوقۇپ ئۈگۈنۈش.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ﮬەققىدە جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلدى، روسىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ئۇيغۇرشۇناسلىق بىر پەن سۈپىتىدە ۋۇجۇتقا كەلدى. تەتقىقات تېمىلىرىمۇ نوقۇل ﮬالدىكى تارىختىن، ئانتىروپولوگىيە، فولكلور، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسىي قاتارلىق كۆپ خىل ساﮬەلەرگە كېڭەيدى. مەن بۇ يازمامدا يەنىلا ئۇيغۇر تارىخىنى سىرتتىن، يېڭىدىن ئۈگەنگۈچىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن يەنىلا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتورلار يازغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان ئەسەرلەرنى ﮬەم خەنزۇچە بولسىمۇ تورداش دوستلار ئاسانراق تاپالايدۇ دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلىمەن.
ئومۇمىي تارىخ
ئابدۇشۈكۈر مۇﮬەممەت ئىمىن < قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيا > ئالىم بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى دەۋردىكى تارىخلىرىدىن باشلاپ يېزىپ كېلىپ، مىلادىيە 715- يىلىدىكى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاس ئۇرۇشىنى يېزىۋاتقان چاغدا كېسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولغان، ئەسەرمۇ مۇشۇ يەرگىچە داۋاملاشقان.
تۇرغۇن ئالماس < ئۇيغۇرلار >. ئالىمنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناﮬايىتى ئەتراپلىق شەرﮬلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى رىۋايەت تارىخىدىن تاكى موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىگىچە بولغان تارىخى بايان قىلىنىپ موڭغۇل ئىستىلاسى باشلانغان دەۋر بىلەن ئاخىرلاشقان.
< ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى >. بۇ ئەسەرنى شۇ نامدىكى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى دەۋر تارىخلىرىدىن تاكى 1949- يىلىغىچە بولغان تارىخى ساﮬالەر بويىچە بايان قىلىنغان.
< شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى > بۇنىڭ مەزمۇنىمۇ يۇقۇرىدىكىگە ئوخشاش
فېڭ جياشېڭ قاتارلىقلار < ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتىرياللاردىن قىسقىچە توپلام > بۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان دەۋرلىرىدىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىلگىچە بولغان تارىخى ماتىرياللىرى تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخى ئۈچۈن
بۇ ﮬەقتە ئۇيغۇرچە يېزىلغان مەخسۇس ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك، لېكىن < شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى > < شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى > قاتارلىق ژورناللاردا < ئاتۇش ئادىمى > ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت خارابىلەرنى قېزىش دوكلاتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان، بۇ ژورناللار ﮬازىر چىقىشتىن توختىغان بولۇشى مۈمكىن.
گەرچە بۇ دەۋر ﮬەققىدە ئۆزىمىز يازغان ئەسەرلەر بولمىسىمۇ لېكىن چەتئەللىكلەرنىڭ يازغا ئەسەرلىرى خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ، بۇلاردىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىققىنى فولك بېرگمانننىڭ < شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى >، ئاۋرىئېل سىتەيىننىڭ < قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى > فون لېكوكنىڭ < شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدىكى بايلىقلىرى > قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۈمكىن.
قەدىمقى زامان تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردىن ﮬۇن دەۋرىگە ئائىت بولغىنى:
تۇرغۇن ئالماس < ﮬۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى > بۇ ئەسەردە ﮬۇنلارنىڭ تارىخى قىسقىچە قىلىپ بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن < قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى > غا پارچە ﮬالدا بېسىلغان.
لىن گەن < ﮬۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى > بۇ ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر شىمال مىللەتلىرى تەتقىقاتچىسى لىن گەپ ئەپەندىنىڭ ﮬۇنلار تارىخىغا بېغىشلانغان مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەردە ﮬۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن تارتىپ ﮬۇنلارنىڭ جەمىيەت ئەﮬۋالى، دۆلەت تۈزۈلمىسى، مەدەنىيىتى، تىل يېزىقى قاتارلىقلار ۋە ﮬۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىرقەدەر تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ پايدىلىنىش قىممىتى بىر ەدەر يۇقۇرى، بۇ ئەسەر تۇرسۇنجان ﮬېزىم ياۋۇز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 2004- يىلى 1- ئايدا نەشردىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچىسىدا خەنزۇچىسىدىكى ئۈچ باپ قىسقارتىۋېتىلگەن، بۇ ئەسەرنىڭ بىر كەمچىلىكى ﮬۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى تارىخى توغرسىدىكى بايانلار ناﮬايىتى ئاز.
يۈسۈپجان ياسىن: < تەڭرى قامچىسى ___ ئاتتىلا > بۇ ئەسەرنىڭ ياۋروپا ﮬۇن ئېمپىراتورلىقىنىڭ ئېمپىراتورى ئاتتىلانى ئاساس قىلغان ﮬالدا ياۋروپا ﮬۇنلىرىنىڭ تارىخى بىرقەدەر سېستىمىلىق بايان قىلىنغان.
ۋىليام ماك گوۋېرن < ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەتلەر تارىخى >. بۇ ئەسەر ئامېرىكىلىق ئالىم ماك گوۋېرننىڭ ئەسىرى بولۇپ بۇنىڭدا ئارىئانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى تارىخى ۋە ﮬۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيىتى ﮬەققىدە ناﮬايىتى تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن، بۇ ئەسەر جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى تەرىپىدىن 1955- يىلى نەشر قىنلىنغان بولۇپ، 2005- يىلى قايتا نەشر قىلىنغان. بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشرىياتقا تاپشۇرۇلۇپتۇ دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ ﮬازىرغىچە نەشردىن چىقمىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىگە ئائىت كىتاپلاردىن، دەسلەپكى مەزگىلگە تەئۇللۇق بولغىنى
دۇەن ليەنچىن < دىڭلىڭلار، قاڭقىللار تۇرالار >. بۇ كىتاپ ئۇيغۇرلار تارىخى توغرىسىدىكى چوڭ ﮬەجىملىك كىتاپ بولۇپ ئۇيغۇر ۋە تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەجداتى بولغان دىڭلىڭ، قاڭقىل ۋە تۇرالار ﮬەققىدە ناﮬايىتى مول تارىخى مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ يۇنۇسجان ئېلى ۋە ﮬەنىپە ئابدۇللا بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1996- يىلى نەشر قىلىنغان.
لىن گەن < تۈرك تارىخى > كۆكتۈركلەر تارىخى ناﮬايىتى سېستىمىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇسلۇب جەﮬەتتىن < ﮬۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى > بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، بۇ كىتاپنىڭ يۇنۇسجان ئېلى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ليۇ شىگەن < تۈرك قاغانلىقى تارىخى > بۇ ئەسەرنىڭ تۈركلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى بولۇپ، ئەخمەتجان مۆمىن تارىمى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغا نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ﮬەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن:
ئەﮬمەت سۇلايمەن < ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى > بۇ كىتاپ تېخى يېقىندا چىققانلىقى ۋە بوستاندا تونۇشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلى توختالمايمەن.
ياڭ شېڭمىن: < قەدىمقى ئۇيغۇرلار > مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور ياڭ شېڭمىن ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ﮬەققىدە ناﮬايىتى تەپسىلى توختالغان بۇ ئەسەرنىڭ ئىمىن ئەﮬمىدى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 1998- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
لىن گەن گاۋزىخۇ < قەدىمقى ئۇيغۇرلار تارىخى > بۇ ئەسەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى ۋە قارا خانىلار ﮬەققىدە خېلى تەپسىلى توختالغان.
قارا خانىلار خاندانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى ﮬەققىدە
ﮬاجى نۇر ﮬاجى < قارا خانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى > 1984- يىلى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان. مەزمۇنى ئاز بولسىمۇ، لېكىن قارا خانىلار خاندانلىقى توغرىسىدا قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن ئەسەر بولۇپ ﮬىساپلىنىدۇ.
ئىسمايىل تۆمۈر < ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەدەنىيىتى > بۇ ئەسەردە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيىتى ﮬەققىدە مول ماتىرياللار تونۇشتۇرۇلغان.
س. گ . مالياۋكىن < 9- 12- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى > بۇ ئەسەردە قارا خانىلار خانلىقى بولۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى ﮬەققىدە مول ماتىرياللار ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن تەتقىق قىلىنغان بولۇپ بۇ دەۋر ئۇيغۇر تارىخنى ئۈگۈنۈشتە ياخشى بىر دەرسلىك بولالايدۇ.
ۋ.ۋ. بارتولد < يەتتە سۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى > بۇ ئەسەردىمۇ قارا خانىلار خاندانلىقى ﮬەققىدە مول تارىخى ماتىرياللار بېرىلگەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى ەئېرمانىيەلىك ئاننى مارىيە ۋون گابائىن خانىمنىڭ < قۇجۇلۇقلاردا ئىجتىمائىي ﮬايات > ناملىق ئەسىرى بولۇپ بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچىسى تۇرپان ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەرلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان، يەنە بىرسى ياپونىيەلىك تارىخچى ئابې تاكىئونىڭ < غەربىي ئۇيغۇرىيە ﮬەققىدە تەتقىقات > دىگەن ئەسىرى بولۇپ بۇ ئەسەردىمۇ غەرپكە ۆكچۈشتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىلار خانلىقى ﮬەققىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ئېلىمىز ئالىملىرى يېشەلمىگەن نۇرغۇن تارىخى مەسىلىلەر يېشىلگەن. ئاڭلىشىمچە بۇ ئەسەرمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرىياتقا تاپشۇرۇلغىلى بىرنەچچە يىل بولغان بولۇپ، لېكىن ﮬازىرغىچە ئۇيغۇرچىسى تېخى چىقمىدى.
چىڭگىز ئىستىلاسى دەۋرىگە ئائىت ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك بۇ ﮬەقتە ئالاﮬىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى مىرزا ﮬەيدەر كوراگانىنىڭ < تارىخى رەشىدى > دىگەن ئەسىرى. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمە نۇسخىسى نۇسخىسى تېخى نەشردىن چىقمىدى، لېكىن < بۇلاق > ژورنىلىدا 2000- يىللىق 1- ساندىن باشلاپ ﮬازىرغىچە ﮬەر سانىدا دىگۈدەك بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ۋاڭ جىلەي تەرىپىدىن ئېنگىلىزچە نۇسخىسىغا ئاساسەن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 1985- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
مەنبە: ئۇيغۇرلار تارىخىنى ئۆگىنىشتە – ئۇيغۇر يول مۇنبىرى
ئەۋەتىلگەن ۋاقىت: 2018-10-31