ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتى

ۋاقىت :

ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ ، مىس ، تۇچ ، ئاليۇمىن ، قوغۇشۇن ، سىنىك قاتارلىق يۇمشاق جىسىم تىپىدىكى ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك مېتاللاردىن ئائىلە سايمانلىرى ، گۈزەل – سەنئەت بۇيۇملىرى ، زىبۇ –زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلىنىپ ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا نام چىقارغان .

ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتى

ئۇيغۇرلاردا مىسكەرلىك قىلىش ئۈچۈن ، بولقا – سەندەل ، ئوچاق ، كۆيەك ، كۆمۈر ، ئوت پۈۋلىگۈچ ، چاسا بولقا ، كەكە بولقا ، بازغان ، قىسماق قاچا ، تۈز قاچا ، سەركۇل ، چاق ( سىلغايتىش چاقى ) ، ھەر خىل ئېكەك ، ئاق قۇم ، ( مىس ئاليۇمىن ئېرىتىدىغان سايمان ) قاتارلىق سايمانلارنى ئىشلىتىدۇ . مىسكەرلىك ئۇسۇلىدىن ئاپتۇۋا – چىلاپچا ، چۆگۈن ، مانتا قازىنى ، مىس قازان ، مىس داش قازان ، جۈنبۈل ، لېگەن ، كەپكۈر ، چەينەك ، مىس چىنە – پىيالە ، جام قاتارلىق نەچچە خىل ئائىلە سەيمانلىرى ، كولدۇرما ، زەنجىر ، ئات ئىگىرى ، ھارۋا جابدۇقلىرى ، ئىشىك – دەرۋازا زىننەت بۇيۇملىرى ، چاچ ئاسقۇ ، ئۈزۈك ، بىلەزۈك ، چازا ، تاج ، قاداق ، سوقما ، قۇيما ھەيكەل ، باسما ھەرپلىرى ، تامغا ، داچەن پۇل ۋە باشقا قۇيما بۇيۇملار بولۇپ ، تۆت يۈز سەكسەن خىلدىن ئارتۇق بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدۇ .

ئۇيغۇرلاردىكى مىسكەرلىك ئىشلەش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ . مېتال خام ، پىششىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . مىسكەرلىك ئەنئەنىسىدە ئېرىتىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ . ئېرىتىش مۇۋاپىق ، ئۆلچەملىك بولمىسا ، سوققاندا قاسىراق كۆپ چىقىپ كېتىپ قالىدۇ ياكى بولقا تەگكەندە يېرىلىپ ، ئۇۋىلىپ كېتىدۇ . شۇڭا مىسكەرلىكتە ئەپچىللىك ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .

مېتال ياخشى ئېرىگەندىن كېيىن ، ياسىماقچى بولغان سايماننىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىگە كېتىدىغان ماتېرىيالى پارچىلىنىپ ئايرىم سوقىلىدۇ . مەسىلەن ، ئاپتۇۋا ، چۆگۈنلەرنىڭ چەپچىكى ، قورساق ، جوغا ، تۇتقا ، كاناي ، قاپقاق ، تاج قاتارلىق بۆلەكلىرى ئۆلچەملىك ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ، كەپشەرلىنىپ بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ . ئاندىن قىزىل بولسا قىزىل قۇم ، ئاق بولسا ئاق قۇم سۈرۈپ پەرداز بېرىدۇ .

تۇچ سايمانلارغا بولسا قىزىل قۇمغا زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇپ سۈرۈلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭ ئالىدۇ . ئاندىن كىگىز سۈرۈپ سىلغايتىدۇ . نەتىجىدە تۇچ ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ . مىسكەرلىكتە ، چاق ئېكەكتە ئۇۋالغان قىرىندىلارمۇ ئىسراپ قىلىنمايدۇ . ئۇنى يىغىپ ، ئېرىتىپ يەنە ئىشلىتىدۇ . مىسكەرچىلىك قەشقەر شەھىرىدە ناھايىتى تەرەققىي تاپقان .


 

مۇھەررىر : قەيـسەر ؛

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

ئەۋەتىلگەن ۋاقىت: 2008- 07- 29 15:58

تور ئادرىسى : http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-07/29/content_95121.htm

تور ئادرىسى : ۋىكىپېدىيا ئۇيغۇرلاردا مىسكەرلىك

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى 24saet.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇنغا يانداش «تۈر» قوشماقچى ياكى تەۋە « تۈر» دە خاتالىق بار، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز، يۇقارىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەزكۇر مەزمۇندا خاتالىق، ئىملا خاتالىقى، تەكلىپ پىكىر، ۋەيا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

1. ھەربىر مەزمۇن ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. « 24saettori@gmail.com » ئىلخەت ئادرىسىمىزغا يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
3. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەزمۇن ئەۋەتسىڭىز ۋەيا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

مەزكۇر بەتتە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

دىگەن نىمە؟

ئىنگىلىزچە، تۈركچە ، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى نىمە؟

نىڭ باشقا خىل ئاتىلىشلىرى بارمۇ؟

ئالاھىدىلىكى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، تەرجىمە

سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ، تەرجىمە

english translation

türkçe tercümesi

汉语翻译

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

دىگەن نىمە؟

24 سائەت
24 سائەتhttps://24saet.com

گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀 

سۆز باھا قالدۇرۇڭ

قالدۇرماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىزنى كىرىڭ
ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ

ھەمبەھىرلىنىڭ:

مۇشتەرىلىك

يېڭى مەزمۇنلار

يېقىن مەزمونلار
24 saet

كالا

كالا   1. «كالا» نىڭ ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇشى كالا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن...

رەگەتكە

رەگەتكە بىر خىل ئاددىي ھەم قەدىمىي ئېتىش قورالى بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش، ئوۋ ئوۋلاش ۋە نىشان مەشىقىدە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە بىر Y شەكىللىك ياغاچ ( ياكى تۆمۈر ) رامكا ۋە بىر تال رېزىنكىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئىشلەتكۈچى ئوقنى ( مەسىلەن، تاش ) رېزىنكە بوغقۇچنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، رېزىنكىنى سوزىدۇ، سوزۇش بىلەن بىرگە Y رامكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆز بىلەن نىشان مۆلچەرلىنىدۇ، ئاندىن قاتتىق سوزۇلغان رېزىنكە قويۇپ بېرىلىدۇ، ئوق تېز سۈرئەتتە ئېتىلىپ چىقىپ، مۆلچەرلەنگەن نىشانغا تىگىدۇ.

يېپىنچا

يېپىنچا ، ئادەمنىڭ مۈرە، دۈمبە ۋە بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى قاپلايدىغان بىر خىل چاپان بولۇپ، ئادەتتە يەڭ بولمايدۇ، شەكلى پلاش (Cape) قا ئوخشايدۇ. ئۇ تارىختا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىقلىق ساقلاشتىن تارتىپ بېزەش ۋە مۇراسىم خاراكتېرلىك ئىشلىتىلىشكىچە بولغان. يېپىنچا تۇرمۇشتىكى كىيىم-كېچەك بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت ۋە سىمۋوللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇيۇم.

ھويلا

ھويلا – ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى ۋە روھىي دۇنياسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، ئاددىيغىلا بىر ئۆينىڭ سىرتىدىكى بوشلۇق بولماستىن، بەلكى بىر ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى، جەمئىيەتلىك مۇناسىۋىتى ۋە تەبىيەتكە بولغان مۇھەببىتى ئەكىس ئېتىدىغان مۇقەددەس ماكاندۇر. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھويلا، ئۆينىڭ داۋامى، روھىي ئارامگاھ ۋە گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.

24 سائەت قامۇسى