سەقەنقۇر (Sea Horse) ھەققىدە چۈشەنچە
1. «سەقەنقۇر» نىڭ ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇشى
سەقەنقۇر — دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ئەڭ ئۆزگىچە ۋە قىزىقارلىق بېلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئاتقا ئوخشاپ كېتىشى بىلەن تونۇلغان. باشقا بېلىقلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار تىك ھالەتتە سۈزىدۇ ۋە ئۆمۈرلۈك جۈپلىشىش ئادىتىگە ئىگە. سەقەنقۇر (Sea horse) تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىنتايىن نازۇك ۋە قوغداشقا موھتاج جانلىقلارنىڭ بىرىدۇر.
2. ئاتىلىشى
-
ئۇيغۇرچە نامى: سەقەنقۇر
-
لاتىنچە ياكى پەننى نامى: Hippocampus
-
ئېنگىلىزچە نامى: Sea Horse
-
ياپونچە ئاتىلىشى: タツノオトシゴ (Tatsu-no-otoshigo)
-
تۈركچە ئاتىلىشى: Denizatı
-
خەنزۇچە ئىسمى ۋە پىنيىن: 海马 (Hǎimǎ)
3. تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە ئالاھىدىلىكى
سەقەنقۇرنىڭ تاشقى قىياپىتى ئۇنى باشقا بارلىق سۇ مەخلۇقلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ:
-
بېشى: ئاتنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان ئۇزۇن تۇمشۇقى بار.
-
تېرىسى: ئۇلارنىڭ قاسنىقى بولمايدۇ، ئەكسىچە تېنى سۆياكلىق تاختايلار بىلەن قاپلانغان.
-
قۇيرۇقى: ئوراپ ئالغىلى بولىدىغان ئۇزۇن قۇيرۇقى ئارقىلىق دېڭىز ئۆسۈملۈكلىرىگە چىڭ ئېسىلىۋالالايدۇ.
-
كۆزى: ئىككى كۆزى بىر-بىرىگە بېقىنماي ئايرىم-ئايرىم ھەرىكەت قىلالايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەتراپنى 360 گرادۇس كۆزىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
-
رەڭگى: ئەتراپتىكى مۇھىتقا قاراپ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى يوشۇرۇش (كامۇفلاژ) ئىقتىدارىغا ئىگە.
4. ماكانلىشىش جايلىرى ۋە دۇنيادىكى تارقىلىشى
سەقەنقۇرلار ئاساسلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ۋە مۆتدىل بەلۋاغ دېڭىز تەۋەلىكىدە ياشايدۇ. ئۇلارنى ئاساسلىقى مارجان خادا تاشلىرى (Coral reefs) ، دېڭىز ئوتلىرى كۆپ ئۆسكەن جايلار ۋە لاتقا ئاستىدىكى تىنچ سۇلاردا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلار سۇ ئېقىمى بەك كۈچلۈك بولمىغان ساھىل بويى رايونلىرىنى ماكان تۇتىدۇ.
5. ئوزۇقلىنىش ئادىتى
سەقەنقۇرلارنىڭ ئاشقازىنى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئوزۇقلۇقنى تېز ھەزىم قىلىدۇ ۋە توختىماي ئوزۇقلىنىشى كېرەك.
-
ئۇلار ئاساسلىقى كىچىك تىپتىكى قىسقۇچپاقا، سۇ بۈركۈتلىرى ۋە پىلانكتونلار (Plankton) بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.
-
ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى: ئۇلار ئۇزۇن تۇمشۇقىنى سۈمۈرگۈچ سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، ئوزۇقلۇقنى سۇ بىلەن بىرگە تېز سۈرئەتتە ئىچىگە تارتىدۇ.
6. ياشاش ۋە ئۇۋا تۇتۇش ئادىتى
سەقەنقۇرلار ئىنتايىن ئاستا سۈزىدىغان بېلىقلار بولۇپ، ئۇلار كۆپىنچە ۋاقتىنى قۇيرۇقى بىلەن بىرەر جىسىمغا ئېسىلىپ تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ مەخسۇس بىر ئۇۋىسى بولمايدۇ، لېكىن مەلۇم بىر كىچىك رايوننى ئۆزىنىڭ ياشاش دائىرىسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ.
7. نەسىللىنىش ۋە كۆپىيىش ئالاھىدىلىكى
بۇ سەقەنقۇرنىڭ ئەڭ ھەيران قالارلىق تەرىپىدۇر. تەبىئەتتە ئەركىكى قورساقتىكى بالىنى كۆتۈرىدىغان بىردىنبىر جانلىق دەل ئەركەك سەقەنقۇر (Male seahorse) دۇر.
-
چىشى سەقەنقۇر تۇخۇمىنى ئەركىكىنىڭ قورسىقىدىكى «بالىياتقۇ خالتىسى» غا سالىدۇ.
-
ئەركىكى تۇخۇملارنى ئوغۇتلايدۇ ۋە نەچچە ھەپتە قورسىقىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.
-
تۇغۇت ۋاقتى كەلگەندە، ئەركىكى تولغاق تارتىش ئارقىلىق كىچىك سەقەنقۇرلارنى سۇغا قويۇپ بېرىدۇ.
8. ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋىتى، پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى
سەقەنقۇرلار ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن يۇقىرى تېببىي قىممىتى (Medicinal value) گە ئىگە دەپ قارىلىدۇ.
-
پايدىسى: جۇڭگو تېبابىتىدە ئۇلارنى قۇرۇتۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىدۇ. شۇنداقلا، گۈزەل كۆرۈنۈشى سەۋەبىدىن ئاكۋارىيۇملاردا بېقىلىدۇ.
-
زىيىنى: ئىنسانلارغا ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئەكسىچە، ئىنسانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە تۇتۇشى ۋە دېڭىز بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن.
9. كۈشەندىسى
سەقەنقۇرلارنىڭ كۈشەندىلىرى ئاساسلىقى چوڭ تىپتىكى بېلىقلار، دېڭىز تاشپاقىلىرى، قىسقۇچپاقىلار ۋە دېڭىز قۇشلىرىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تېنى سۆياكلىك ۋە يېيىشكە تەستەك بولغاچقا، نۇرغۇن يىرتقۇچلار ئۇلارنى يېيىشنى خالاپ كەتمەيدۇ.
10. باشقا قىزىقارلىق نۇقتىلار
-
سەقەنقۇرلارنىڭ چىشى بولمايدۇ.
-
ئۇلار بىر كۈندە 3000 غىچە كىچىك قىسقۇچپاقا يېيەلەيدۇ.
-
سەقەنقۇرلار بىر جۈپ بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرگەندە، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىرگە «تانسا» ئوينايدۇ.
11. ئىلمىي تۈرگە ئايرىلىشى
تەۋەلىكى: ھايۋاناتلار دۇنياسى
界 Kingdom: 动物界 Animalia
تىپى: خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
门 Phylum: 脊索动物门 Chordata
سىنىپى: نۇرىسىمان قاناتلىق بېلىقلار سىنىپى
纲 Class: 辐鳍鱼纲 Actinopterygii
تۈركۈم: تۇمشۇقلۇق بېلىقلار ئەترىتى
目 Order: 海龙目 Syngnathiformes
ئائىلىسى: سەقەنقۇرلار ئائىلىسى
科 Family: 海龙科 Syngnathidae
ئۇرۇقداش: سەقەنقۇر ئۇرۇقدىشى
属 Genus: 海马属 Hippocampus
تۈر: 50 دىن ئارتۇق تۈرى بار
种 Species: 约 54 种