نۇر روزى
بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى :
– تىنچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟دېدى ئۇ ئېگىلىپ تۇرۇپ .
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى .
– خوش ، بۈگۈن نېمە بولدى ؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ ؟
– مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىنىڭ تۆگەدۆڭ دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى .
مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ ، چىرايى سەل ئېچىلدى . سېمىز قوللىرى بىلەن شاپ بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى . خىزمەتچى ئالا يوللۇق بەلۋېغىغا قىستۇرۇۋالغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى . تاماكىنى ئۈگدەپ ، سەيخانىغا تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇنى چوغلاپ مۇدىرغا تۇتتى . ئۆزى بولسا ئاتنى سوۋۇتۇشقا تۇتۇندى . مۇدىر تۇرغان يېرىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇردىدە ، خىزمەتچىنىڭ ئاتنى سوۋۇتۇشىغا نەزەر سالغاچ ، چىلىمنى خورۇلدىتىپ چېكىشكە باشلىدى . خىزمەتچى ئاتنى يىتلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، چىلىمنى ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەردىدە ، تۇيۇقسىز سورىدى :
– تەرتىپ مۇدىرىچۇ ؟
– ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتتى .
– ئادەم ئۇقۇشقىلى ؟ نېمە ئىش قىلماقچىكەن ؟
خىزمەتچىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتتىدە ، دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى .
– بايراقنىڭ تانىسى غالتەكتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ،دېدى ئۇ ئېڭىكى بىلەن مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى موما ياغىچىنى كۆرسىتىپ ،مومىغا چىقىپ تانىنى غالتەككە يۆگىيەلەيدىغان ئادەم تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتىگەنلا چىقىپ كەتكەن ئىدى .
– ھە ؟!
مۇدىر بېشىغا كالتەك تەگكەندەك چۆچۈپ كەتتى . ئۇ سېرىق تاماكىسىنىڭ تەسىرىدىن سىرقىراپ تۇرغان بەدىنىنى ئوڭلاپ ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا قارىغان ئىدى ، مومىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېسىلىپ تۇرغان گومىنداڭ بايرىقىغا كۆزى چۈشتى . ھەر كۈنلۈكى 20 غۇلاچلىق مومىنىڭ ئۇچىدا ھەيۋەت بىلەن لەپىلدەپ تۇرىدىغان 12 بۇرجەكلىك ، ئاق كۈن نۇرى چۈشۈرۈلگەن ھاۋارەڭ بايراق ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئالاپاساق ئۈكلىنىپ قورۇلۇپ قالغان تېرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . يۈرىكى بىردىنلا پىژژىدە ئېچىشتىدە ، يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ ، سېمىز گۆشلىرى لىپ لىپ تىترىدى ، بۇرۇتى لىكىلداپ ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى . ئۇ ، بايراقتىن كۆزىنى ئالمايلا ئارقىسىدا قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتچىسىدىن سورىدى :
– نەچچە كۈن بولدى ؟
– تۈنۈگۈن شۇنداق بولغان ئىكەن .
مۇدىر خۇددى بىر كىشى چۆرگلىتۋەتكەندەك پىررىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلدىدە ، يوتىسىغا بىرنى شاپىلاقلاپ ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتچىمۇ ئاتنى ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى ، ئاندىن مىس چىلىمنى دەرھال چوغلاپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردى ۋە قوللىرى تىترىگەن ھالدا ئىككى قوللاپ چىلىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى . مۇدىر چىلىمنى قاتتىق قاتتىق ئىككىنى شورىدىدە ، ۋارقىرىدى :
– ئاتقا مىنىپ تىز ماڭ ! بېرىپ تەرتىپ مۇدىرىنى تېپىپ كەل !
– خوپ !
خىزمەتچى چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇيان بۇيان ماڭغىلى تۇردى . ئارىدىن بىر چاي قاينىغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تەرتىپ مۇدىرى كىرىپ كەلدىدە ، پۇتلىرىنى جۈپلەپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى .
– خوش ، نۇسرەت ئەپەندى .مەكتەپ مۇدىرى قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى ،مەن ئۇيۇشمىغا يىغىنغا كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى ؟
– بىر ھەپتە .
– ئۇنداق بولسا ، بىر ھەپتىدىن بېرى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟
– كۆرسەتمىلىرى بويىچە ، بىرىنچىدىن ، بەگلىكىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق پىرقە(پارتىيە) ئەزالىرىنى يىغىپ ، جاھاننىڭ دۆڭ چوڭقۇرلىرىنى تىڭتىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم . ئۇلار ئاڭلىغان بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى دوكلات قىلىشتى . ئىككىنچىدىن . 50 ئائىلىگە بىردىن پىرقە ئەزاسىنى نازارەتچىگە قويساق ، يەنە 4 پىرقە ئەزاسى كەملەيدىكەن ، بىز نىشانلىغان ئونبېشىلارغا ئانكىتنى توشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئۇلار قول قۇيۇشنى ئارقىغا سوزۇۋاتىدۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇلارنى تاپالمىدىم ، يەنە 10 ئانكىتقا تېخى ئادەم يوق .
– خوش ، ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتىگەنگىچە مۇشۇ كەم 4 ئادەمنى قەتئىي تولدۇرۇش كېرەك ! ئەتە مۇشۇ ئىشلارنى تەكشۈرگىلى زۇڭبۇدىن ئادەم كەلمەكچى . ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك تېخى بايراقنىمۇ چىقىرالماپسىلەر ، ئادەم ئۇقۇشتۇڭمۇ ؟ قېنى ئۇ ئادەم ؟
– ئۇقۇشتۇم ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى .
– قانداق ئادەم ئىكەن ئۇ ؟
– 13 ياشلىق بىر بالا .
– 13 ياشلىق بالا ؟ كىچىك بالا 20 غۇلاچلىق مومىغا قانداق چىقالايدۇ ؟
– چوڭ ئادەم ئەسلا چىقالمايدۇ . موما ياغىچى ئىنچىكە ، يېرىمىغا چىقىپ بولغۇچە سۇنۇپ كېتىدۇ ،- تەرتىپ مۇدىرى دۇدۇقلىدى ،نا… ناۋادا چىقالمىسا ، مومىنى ئۆ….ئۆرۈپ ، قايتا تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ .
– قاپاقۋاش !مۇدىر شىرەگە داققىدە مۇشتلىدىدە ، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىگىز قولىنى تەرتىپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى ،ئەتە زۇڭبۇدىن تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدۇ دەۋاتسام ، سىززە يەنە مومىنى ئۆرۈپ قايتا تىكلەيلى دەۋاتىسىز . نېمە دېگەن دۆتلۈك بۇ ؟ سۇپىنى چۇۋۇپ ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغۇچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ ؟!تېخى كۆمۈلگەن بېشى سېسىپ كەتكەن بولسىچۇ ؟! سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار ماڭا مەلۇم ! مېنىڭ ئېشىمغا توپا سالماقچى ! ئىناۋىتىمنى تۆكمەكچى !
تەرتىپ مۇدىرى تىترەپ كەتتى ، ئۇنىڭ پېشانىسىدىن چىققان تەر كۆزلىرىگە چىپىلداپ ئېقىپ كىرىپ ئېچىشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ ، سۇرۇتۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، كۆزىنى چىمىلدىتاتتى .
– كەچۈرسىلە مۇدىر ، مەن خاتا سۆزلەپ سالدىم .
– ھىم ! خاتا سۆزلەپ سالغانمىش ! سىزنىڭ كاللىڭىزدا شۇنداق ئوي بار ! قالغان گەپنى كىيىن سۆزلىشەيلى ! مومىغا قانداقلا بولمىسۇن بىرسىنى چىقىرىش كېرەك ! زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلۇغ پىرقىمىز بايرىقىنىڭ ھەمىشە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرەر ئادەمنىڭ خۇنىدىن كەچسەكمۇ مەيلى !
– ئۇقتۇم .
– ئۇ بالا مومىغا چىقالامدىكەن ؟
– چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ . ئۇ دەرەخكە يامىشىشتا مەھەللە بويىچە داڭ چىقارغان بالا ئىكەن . ئۆزىمۇ چىقالايمەن دەپ ھۆددە قىلدى . لېكىن ئۇ ھارامزادە بىزگە بىر شەرت قۇيۇۋاتىدۇ ، يالغاندىن ماقۇل بولۇپ ئەكەلدىم .
– شەرت ؟! قانداق شەرتكەن ئۇ ؟
– دادىسىنى قاماقتىن قۇيۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى .
– دادىسى كىمكەن ؟ نېمە ئۈچۈن قامىلىپتىكەن ؟
– سوپاخۇن باينىڭ ئۆيىدە نىمكار بولۇپ ئىشلەيدىغان بەش تۈگمەنلىك بىر كۆنچى . ئەسلىدە ئۇ ئىلىلىق ئوغرىلارغا قوشۇلۇپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نەچچە يىل ئۇرۇش قىلغان قىزىل پاچاق ئىكەن . بېتىمدىن كىيىن قولغا چۈشۈپتۇ .
– ھە ، ئۇنىڭ بالىسىغا نېمە دەپ ۋەدە بەردىڭىز ؟;
– داداڭنى بوشىتىپ بېرىمىز دەپ .
– ئوبدان دەپسىز ، ئىشنى كېچىكتۈرمەي تېزرەك ھەرىكەت قىلىڭ ! قاراڭ ! مەن بىر رايوننىڭ پىرقە شۇجىسى ، سىز بولسىڭىز بىر ھەيئەت . ھەر ئىككىمىز چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسا سېپى بار ئادەملەر ، قېرىشقاندەك بىز تۇرغان مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقى چىقىرىلماي مومىنىڭ يېرىمىدا ئەسكى پالازدەك ساڭگىلاپ تۇرسا . بۇنىڭغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟! بۇ بايراق پىرقىمىزنىڭ جېنى . يەنە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى ، بۇ بايراق چىقىرىلماي مۇشۇنداق سالپىيىپ تۇرۇۋەرسە ، كاللىمىزغا سەگەك بولساق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بايراقنى جېنىمىزنى تىكىپ قوغدىشىمىز كېرەك . مەن پىرقىمىزنى قىزىل پاچاقلاردىن قوغدايمەن دەپ تېخى تۈنۈگۈنكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم قەسەمياد قىلدىم . مانا بۇ مىنىڭ قەسىمىمنىڭ گۇۋاسى ،ئۇ شايى كۆينىكىنىڭ تۈگىمىسىنى يېشىپ ، يۇڭلۇق مەيدىسىنى كۆرسەتتى . تەرتىپ مۇدىرى چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق بىلەن X بەلگىسى سىزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ قان چىقىپ تۇراتتى . مۇدىر ئالدىرىماي ، خۇددى قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك چوڭ قەدەم بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا بىر نەچچە قېتىم ماڭدى ، ئاندىن تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :
– مۇنداق ئادەمنى يامۇلغا كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بۈگۈنكى مۇشۇ بايراق چىقىرىش يولىدا نەزىر قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ…ئايھاي! بۇ پىرقىمىز ئۈچۈن زور ساداقەت …تىلىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ .
– خوش ، سىز چىقىپ ، ئۇ بالىنى كىرگۈزۈۋېتىڭ . ئەھۋالنى داۋۇتبەككە مەلۇم قىلىپ قۇيۇڭ .
ماتادىن تىكىلگەن كۆڭلەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالايېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ ، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى .
– ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كېلىپ ئولتۇر .
بالا ئولتۇرمىدى ، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىدە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىگە يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . «يە ئوغلۇم» دېدى ئۇ تۇمشۇقىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭچوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ تاپانلىرىغا قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارىشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر ئىچىدە «مومىغا چىقالايدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ :
– ئىسمىڭ نېمە ؟دەپ سورىدى .
– مۆمىن .
– داداڭنىڭچۇ ؟
– مۇسا .
– ئۆزۈڭ نېمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟
– سوپاخۇن باينىڭ ئۇي ـ كالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن .
– نەچچە كالا باقىسەن ؟
– يىگىرمە .
– يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا ياقتۇرامدۇ !تۈزۈكرەك كىيىم كىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارنىڭ جاجىسىنى بېرىش كېرەك !
ئۇ كارىۋاتنىڭ تېگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى :
– مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن .
بالا كەشكە كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدىدە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى :
– بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بېرەمسىلەر ؟
– قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتا ـ بالا ئىككىڭلار يەنە بىللە بولىسىلەر .
– راستما ؟
– راست بولمايچۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ،مۇدىرنىڭ كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى .
– ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە .
– مۇنداق دېگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر .
مۇدىر قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى :
«تىلخەت
مەنكى بەشتۈگمەن كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇۋ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىسام پىرقە ئۈچۈن شېھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا ھېچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر .
تىلخەت بەرگۈچى : مۆمىن مۇسا .
شاھىتلار :
مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا .
تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەت ئەخمىدى .
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 37 ـ يىلى 9 ـ ئاي .
مۇدىر تىلخەتنى مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى .
– خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە .
– خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقىرىقى خەتنى مۇنداق ئوقۇشقا باشلىدى :
«تىلخەت
مەنكى مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ يىللىقچىسى مۆمىن دېگەن بالا مەكتەپ بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق .
تىلخەت بەرگۈچى : ئوسمان ئەسھەدۇللا.»
– قانداق بوپتۇمۇ ؟سورىدى مۇدىر .
ساددا مۆمىننىڭ چىرايىغا شادلىق كۈلكىسى يامرىدى .
– بوپتۇ ،دېدى ئۇ خۇشاللىقىنى باسالماي .
– بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى .
مۇدىر سۇرۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق ئەگرى بۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىمىر ـ چىمىر بولۇپ ، بۇ ئىلمەك توقۇناق سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندىدە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خۇشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىكى پەلەمپەيلەردىن سەكرەپ سەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى :
– قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە .
– ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن ، داداڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ،مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى ،تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن !
خىزمەتچى يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى . بالا خاتىرجەم بولدى-دە ، مومىغا قارىدى . كۆك سىرلانغان 20 غۇلاچلىق بۇ موما ئىككى يەردىن ئۇلاغلىق بولۇپ ، ھەر بىر ئۇلىغى ئۈچتىن چەمبەر بىلەن مەھكەملەنگەن ئىدى . ئۇ ، مومىغا بىردەم كۆز تىكىپ تۇردىدە ، شىپپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىنى سۇپىنىڭ پىششىق خىشلىرىغا سۈركىدى . ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇدىردىن يەنە سورىدى :
– دادام نېمىشقا كەلمەيدۇ ؟
– سەن چىقىۋەر ، داداڭ ھازىرلا كېلىدۇ .
موما مۆمىننىڭ قۇچىقىغا پاتمىدى . لېكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ مومىنى پۇتلىرى بىلەن يۆگەپ چىرماق سېلىپ قوللىرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ ، مومىنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ يالمانتاقتەك يامىشىشقا باشلىدى . ھايت-ھۇيت دېگۈچە ، يەتتە غۇلاچلىق تۆۋەنكى ئۇلاقىنىڭ چەمبىرىگە چىقىۋالدى . مۇدىر تۆۋەندە تۇرۇپ ۋارقىرىدى :
– يىگىت ! غەيرەت قىل ! ئاز قالدى !
مۆمىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتىكى چەمبەرگە دەسسەپ بىر پەس دېمىنى ئېلىۋالدىدە ، يەنە يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى .
ئىككىنچى ئۇلاققا يەنە ئىككى غۇلاچلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى سىرقىراپ كەتتى . ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ تىنالماي قالدى . ئاران دېگەندە ئىككىنچى ئۇلاقىنىڭ تۆۋەنكى چەمبىرىگە چىقىۋالدىدە ، مومىغا مەھكەم چاپلاشتى . ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى . دادىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاغزىلىرىنى كاككۇكتەك ئېچىشىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ پۇرقىرىتىپ چىلىم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى :
– مۇدىر ، دادام تېخىچە كەلمەپتىغۇ ؟
– كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ، غەيرەت قىل ، يىگىت ! دادىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان ئوغۇلنى ئوغۇل دەپ نېمە قىلىدۇ ؟ مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساڭلا ، داداڭنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ .
«مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساملا دادامنى قۇتۇلدۇرالايمەن » دېگەن خىيال ئۇنىڭغا يېڭى كۈچ بېغىشلىغاندەك بولدى ..
ئۇ يەنە مومىغا يامىشىشقا باشلىدى . يۇقىرىلىغانسېرى موما ئىنچىكىلەپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا بىمالال پاتقۇدەك بولدى . لېكىن ئىرغاڭلىشى كۈچىيىپ ، تېخىمۇ سىلىقلاشتى ، شۇنچە كۈچىسىمۇ چىرماقلىرى تۇتماي ، بىر نەچچە قېتىم تۆۋەنگە سىيرىلىپ كېتىشكە قىل قالدى . ئۇ ھاسىراپ دېمى تۇتۇلۇپ قالغاندا ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ئېڭىكىنى مومىغا چىڭ تىرەپ ، بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سەل توختايتتىدە ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالاتتى . مۇشۇ مومىدەك ئېگىز بولغان قاپاق تىرەكلەرگە چىقىپ ، قاغا چاڭگىلىرىنى چۇۋۇشلىرى ، ئانىلىرى قاناتلىرى بىلەن شاپىلاقلاپ تۇرسىمۇ قورقماي كۆكىنەك باللىرىنى ئېلىپ چۈشۈشلىرى غىل پاللا قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتتى . تىرەكلەرگە چىقىش بۇ مومىغا چىقىشقا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . بۇ موما ئېگىز ۋە بەك سىيلىق ئىدى.
ئۇ تەر كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . «مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ .» دادا!دادا!» ئۇ ھەر قېتىم «دادا» دېگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرىۋاتقاندەك بىلىنەتتىدە ، كۈچلىنىپ قالغاندەك يەنە بىر قېتىم يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى . ئۇ يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى موما خۇددى قارا بوران سوققان زىلۋا سۇۋادان تىرەكتەك ئىرغاڭلايتتى . تۆۋەندىن مۇدىرنىڭ «غەيرەت قىل ! تىز بول ! ئاز قالدى ! داداڭنى قۇتقۇز !» دەپ ۋارقىراشلىرىنى ، جامائەتنىڭ » ئۆزۈڭگە پەخەس بول ! سىلكىنمە ! يېنىپ چۈش !» دېگەن چۇقانلىرى بېسىپ چۈشتى . مۆمىن يەنە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يۇقىرىغا ئۆرلىدى . ئەنە ! يەنە 3 غۇلاچ، 2 غۇلاچ، بىر غۇلاچ..موما ئىرغاڭلايتى، سۇنۇپ كەتسە مۆمىننىڭ ئىشى تۈگەيدۇ،
مانا ، ئۇنىڭ قولى موما تۆشۈكىدىن ئىككى تەرەپكە بىر غېرىچ چىقىپ تۇرغان غالتەكنىڭ چۈلۈكىگە تەگدى-دە ، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ ، ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى . سول قولى بىلەن تانىنى تارتىپ پۇتىغا ئۈزەڭگە قىلىپ دەسسەپ سەل دېمىنى ئالدى . ئۇ ، غالتەككە قارىدى تانا غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىدىن چىقىپ كېتىپ ، چۈلۈككە يۆگىشىپ قالغان ئىكەن . ئۇ ، بىر قولى بىلەن تانىنى سىلكىپ تارتىپ ، غالتەكنى ئارقىسىغا ياندۇردى . موما ھەدەپ لەپپەڭشىپ ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ تانىنى غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىغا سالدى . شۇ ئاندىلا ئۇ ئەتراپقا قارىدى : ۋاي ۋۇي ! نېمە دېگەن ئېگىز ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن . ئەنە ، كۈن پېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ ، جاھان ئەجەب كەڭرى ئىكەن . شۇنچە كەڭ جاھان بىزگە نېمانچە تار ! ھەي ! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى ! شۇنداق ئاقكۆڭۈل دادامنى «قوي ئوغرىسى» قىلىپ سولىتىپ قويدى تېخى ! ياق ! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك . دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ! ئۇ تۆۋەنگە قاراپ توۋلىدى :
– مۇدىر ، بايراقنى چىقارسىلا !
مۇدىر تانىنىڭ بىر قېتىنى تارتتى . بايراق كۆتۈرۈلدى . ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى دە ، تانىنى سىيرىپ تارتىشقا باشلىدى . . بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى دە ، بايراقنىڭ كالتىكى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى . مۇدىر خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى :
– بىزنىڭ بايراق يەنە مومىنىڭ ئۇچىدا لەپىلدىدى ! ھەي بالا ، سەل تەخىر قىلغىن ! يەنە بىر سىناپ باقاي !
دەل شۇ چاغدا ، ئۈچ ئادەم پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ، يۈزكۆزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ، ئۇرۇق ۋىجىككىنە ، كەكە ساقال بىر بوۋاينى ئالدىغا سېلىپ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى . بوۋاي توپلىنىپ تۇرغان جامائەتكە ئىڭشىپ سالام قىلدىدە ، يوغان كۆزلىرىنى نەشتەردەك تىكىپ مۇدىرغا قادالدى . مۇدىر بىر قەدەم داجىدى . كىشىلەر مومىنىڭ ئۇچىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى ، بوۋايمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مومىنىڭ ئۇچىدا تۇرغان ئوغلىنى كۆردىدە ، چۆچۈپ كېتىپ ۋارقىرىدى :
– مۆمىنجان ! نېمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ ؟
– مۆمىن دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدىدە ، خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى .
– دادا ! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم .
بوۋاي ئەھۋالنى تېزلا چۈشەندى . ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىدە ، قاتتىق ۋارقىرىدى :
– توختا ! …چۈشمە !
مۆمىن بۇ چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدىدە ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى . دادىسى يەنە ۋارقىرىدى :
– ئوغلۇم ! ئاناڭنى ئۆلتۈرۈشكەندە ، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ ، ئۇنى نېمە دەپ ئۇرغان ؟!
– قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر ، دەپ !
– قانداق ئۆلتۈرگەن ؟
– ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن .
– ئاناڭنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئىدى ؟
بالا بېشى بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى :
– ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى .
– بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى ؟
– مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .
– بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ ؟
– ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى .
– ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن ، قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن ؟
بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى .
بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقىرىغا ياماشتىدە ، ھايت ھۇيت دېگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى . مۇدىر ۋارقىرىدى :
– يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت !
لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى ، ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى :
– دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول !- ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭشىتتىكى ، موما ئىرغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غاراسلاپ كەتتى . تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار ئىچىدە ئاللا-چۇقان كۆتۈرۈلدى . مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ، غەزەپ بىلەن تاپانچىسىنى چىقاردىدە ، بالىغا قارىتىپ ئارقائارقىدىن ئوق ئۈزدى . دەل شۇ چاغدا ، مۇسا بوۋاي ئۇنىڭغا قاتتىق كاللا قۇيۇپ ، تاپانچىسىنى چۈشۈرۈۋەتتىدە ، ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ سىلكىدى . مۇدىر جان ئاچچىقىدا «ۋايجان!» دەپ چوشقىدەك چىقىراپ كەتتى . يالاقچىلار مۇسانى سىلكىشلەپ ، مۇدىرنى قۇتقۇزۇۋالدى . مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ ، مۇساغا ئالايماقچى بولۇۋېدى ، بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇدىرنىڭ بىر چىشلەم گۆشى يەرگە شالاققىدە چۈشتى . مۇدىرنىڭ ئۈزۈلگەن بويۇن تومۇرلىرىدىن قاپقارا قان جىغاپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇ لىغىلداپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەردىكى تاپانچىسىنى ئالدىدە ، تۆت ئادەم يەرگە بېسىپ تۇرغان بوۋايغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئۈزدى دەل شۇ چاغدا ، قاراسقۇرۇس قىلىپ موما سۇندىدە ، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ بايراق بىلەن گۈرسۈلدەپ يەرگە چۈشتى . چۈشتىيۇ ، بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ يەنە يەرگە قويدى ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى . بىر-بىرىگە سىغداپ يىقىلغان ئاتا بالىدىن بۇلدۇقلاپ ئاققان قان ئۆز- ئارا قوشۇلدى . بۇ چاغدا غەربكە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياش نۇرى شۇ قاندىن رەڭ ئالغاندەك ئاسماننىڭ غەربى ئېتىكىنى قىپقىزىلىققا پۈركىگەن ئېدى……
فىيسبۇكتىن ئېلىندى.
ئادرىس