يۇمىلاق گۈرۈچ ( ئىلمىي نامى:Oryza sativa japonica ) شال ئۇرۇقدىشىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك. ئۇ سوقىچاق گۈرۈچ ( Oryza sativa indica ) بىلەن بىر قاتاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىككى چوڭ شال تۈرى ھېسابلىنىدۇ. يۇمىلاق گۈرۈچنىڭ دانچىلىرى قىسقا، يۇمىلاقراق، سۈپىتى پۇختا، پىشۇرغاندىن كېيىن يۇمشاق يېپىشقاق، يېپىشقاقلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، گۈرۈچ تامىقى، شوۋسى، ئۇماچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا ماس كېلىدۇ.
ئۇيغۇرچە / Uyghurche : يۇمىلاق گۈرۈچ
ئىنگىلىزچە / English : Keng Rice
تۈركچە / Türkçe : Keng Pirinç
خەنزۇچە / 汉语 : 粳米
يۇمىلاق گۈرۈچ كىلىماتى بىر قەدەر ئىللىق رايونلاردا، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدۇ. ئۇنىڭ كىلىماتقا بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى، سالقىن، نەم مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا كۆپىنچە مۆتىدىل بەلباغ ياكى سۇبتروپىك بەلباغ رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئوزۇقلۇق جەھەتتە، يۇمىلاق گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مەلۇم مىقداردىكى ئاقسىل، سېللۇلوزا ۋە مىكرو مىقداردىكى ۋىتامىن B ۋە مىنېرال ماددىلار، مەسىلەن، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلار مول. سوقىچاق گۈرۈچكە سېلىشتۇرغاندا، يۇمىلاق گۈرۈچنىڭ سۇ تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرى، پىشقاندىن كېيىنكى مىفەن تېخىمۇ يېپىشقاق، سۇ ساقلاشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى.
يۇمىلاق گۈرۈچ شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دائىم ئەنئەنىۋى ئاساسلىق يېمەكلىك ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ دۆلەتلەردە گۈرۈچ تامىقى پىشۇرۇش ۋە ئۇماچ قاينىتىشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ؛ ياپونىيەدە گۈرۈچ ئۇنى شوۋسى تەييارلاشنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى قىلىنىدۇ؛ كورىيەمۇ گۈرۈچنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ، بولۇپمۇ تاش قازان تامىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تائاملارنى ئەتكەندە كۆپ ئىشلىتىدۇ.
يۇمىلاق گۈرۈچ بىلەن تېرىق ئوخشاش بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاشقازاننى ياخشىلاش رولى بار. يۇمىلاق گۈرۈچتە شوۋىگۈرۈچ ئەتكەندە ئاشقازاننى ئاسرايدۇ، يەنە ئۆردەك گۆشى بىلەن يۇمىلاق گۈرۈچتە ئۇماچ تەييارلىسا ئاشقازاننى ئاسراش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەگەر چىلان بىلەن يۇمىلاق گۈرۈچنى قوشۇپ ئۇماچ قايناتسا، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپلا قالماستىن، يەنە قاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.