كىرپە (ئىنگلىزچە: Hedgehog) بولسا تىكەنلىك، كىچىك ھايۋان بولۇپ، ئالاھىدە تىكەنلىك دۈمبىسى بىلەن داڭلىق.
ئۇيغۇرچە / Uyghurche : كىرپە
ئىنگىلىزچە / English : Hedgehog
تۈركچە / Türkçe : Kirpi
خەنزۇچە / 汉语 : 刺猬
ئومۇمىي تونۇشتۇرۇش
كىرپە كىرپىلەر ئائىلىسى ( Erinaceidae ) گە تەۋە بولغان ھايۋان بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا، بولۇپمۇ ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا كەڭ تارقالغان. ھازىرغىچە كىرپىنىڭ 17 تۈرى بايقالغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىنغىنى ياۋروپا كىرپىسى (European hedgehog) ھېسابلىنىدۇ.
فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى
چوڭلۇقى: كىرپىلەر ئادەتتە 10-30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ.
ئېغىرلىقى: 400-1200 گرام ئارىسىدا.
تىكەنلىرى: كىرپىنىڭ دۈمبىسى تەخمىنەن 5,000-7,000 دانە قاتتىق تىكەن بىلەن قاپلانغان. بۇ تىكەنلەر ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرگەن تۈكلەر بولۇپ، بەدەن ئېگىزلىكىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن 2-3 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. قورساق قىسمىدا قاتتىق تىكەن بولمايدۇ.
رەڭگى: كۆپىنچە تىكەنلىرى قوڭۇر ياكى قارامتۇل، قورسىقى قوڭۇر ياكى ئاق رەڭلىك بولىدۇ.
تۇمشۇقى: ئۇزۇنراق ھەم ئۇچلۇقراق بولۇپ، ھىد بىلىش سېزىمى ناھايىتى كۈچلۈك.
قۇيرۇق: قىسقا بولىدۇ.
كۆزلىرى: قارا، كىچىك، ئەمما كۆرۈش قابىلىيىتى نىسبەتەن ئاجىز.
كۆپىنچە كىرپە تۈرلىرىنىڭ ئالدى – كەينى پۇتىدا بەش بارمىقى بار، ئاز ساندىكى تۈرلىرىنىڭ ئالدى پۇتىدا تۆت بارمىقى بار؛ چىشى 44 ~ 36 تال بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆتكۈر چىش ئۇچى بار، قۇرت يېيىشكە ماس كېلىدۇ.
چۆچۈپ كەتكەندە، پۈتۈن بەدىنىدىكى تىكەنلىرى تىك تۇرۇپ، تىكەنسىمان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، بېشى ۋە تۆت پۇتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
ياشاش ئۇسۇلى
كىرپىنىڭ مىجەزى غەلىتە، چاتقاللىق ئىچىدە تۇرىدۇ، قورقۇنچاق، ئاسان چۆكىدۇ، جىمجىتلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋاراڭ – چۇرۇڭدىن بىزار بولىدۇ، قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، نۇردىن قورقىدۇ، ئىسسىقتىن قورقىدۇ، سوغۇقتىن قورقىدۇ.
ياشاش مۇھىتى: كىرپىلەر ئادەتتە دالا-چۆل، ئورمانلىق، باغچىلار ۋە شەھەر ئەتراپىدىكىيەرلەردە ياشايدۇ. ئۇۋىسىنى شەھەر ئەتراپىدىكى قاقاس يەرلەرنىڭ چېتى ياكى ئېرىق بويلىرىغا ياساشنى ياخشى كۆرىدۇ.
يېمەك-ئىچمەك: كىرپىلەر ھەممىنى يەيدىغان (omnivorous) ھايۋان بولۇپ، دالىدا ئاساسلىقى ھەر خىل ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ۋە كىچىك تىپتىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنى مەسىلەن ھاشارەتلەر، قۇرتلار، چاشقانلار، يىلانلار، كەسلەنچۈك، ، قۇش تۇخۇملىرى، چاشقانلارنى يەيدۇ ۋە بۇنىڭدىن سىرت مېۋە-چېۋىلەر، يىلتىزلار، قوغۇن تاۋۇزلار ۋە مانتارلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.
ئاكتىپلىق ۋاقتى: كىرپىلەر ئاساسەن كېچىسى ئاكتىپ بولىدۇ (nocturnal)، كۈندۈزى ئۇلار ئادەتتە ئۇخلايدۇ. كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ.
قىشلىق ئۇيقۇ ئۆچەككە كىرىش ئادىتى : كىرپە غەيرىي تېمپېراتۇرىلىق ھايۋان ( Heterothermic ) بولۇپ، ئۆزىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مۇقىم تەڭشىيەلمەيدۇ، كۈزنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قىشلىق ئۈچەككە كىرىدۇ، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا ھاۋا ئىسسىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن ئويغىنىدۇ. سوغۇق رايونلاردا ياشايدىغان كىرپىلەر قىش مەزگىلىدە قىشلىق ئۇيقۇغا كېتىدۇ (hibernation). بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش تېزلىكى تۆۋەنلەيدۇ.
قوغدىنىش مېخانىزمى
كىرپە دۈشمەندىن قورققاندا بەدىنىنى يۇمىلاق توپتەك قىلىۋالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ تىكەنلىك تەرىپى تاشقىرىغا قاراپ تۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدۇ. كىرپىنىڭ بەدىنىدىكى تىكەنلىرى ناھايىتى سەرت بولۇپ، دۈشمەنلىرىنى قورقۇتىدۇ. كىرپىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دۈشمەنلىرى قېقىرلار، قارىغاي كىرپىسى (پورسۇق)، تۈلكە، بۈركۈت ۋە ئۇھۇلار ھېسابلىنىدۇ.
كۆپىيىش
كۆپىيىش مەزگىلى: كىرپە ھەر يىلى ئىككى قېتىم كۆپىيىدۇ، كۆپىنچە تۈرلەر ئەتىياز ئاخىرى ياكى ياز بېشىدا جۇپلىشىدۇ. چىشى كىرپە جورا ئىزدەشنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، ئەركەك كىرپە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاندىن بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.
بوغازلىق ۋاقتى: 4-5 ھەپتە.
تۇغۇت ئەھۋالى: ھەر يىلى 1-2 قېتىم تۇغىدۇ ، ھەر قېتىمدا 3-8 بالا تۇغىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان كىچىك كىرپىلەرنىڭ كۆزلىرى يۇمۇق بولۇپ، يۇمشاق ئاق تىكەنلىرى بار. تىكەنلىرى تۇغۇلغاندىن 2-3 كۈن ئىچىدە قېتىشقا باشلايدۇ.
بالىلارنىڭ چوڭ بولۇشى: 4-6 ھەپتىدە كىچىك كىرپىلەر ئۆز ئالدىغا يېمەك ئىزدەشكە باشلايدۇ، لېكىن ئانىسى بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇرىدۇ.
مۇھىم نۇقتىلار
كىرپىلەر ئادەتتە 2-7 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئەمما تۇتۇپ باققاندا 10 يىلغىچە ياشىيالايدۇ.
ئۇلار يۇقۇملۇق كېسەللەرگە ناھايىتى چىداملىق، ھەتتا بەزى ھاشارەتلەرنىڭ زەھىرىدىن زەخىملەنمەيدۇ.
كىرپىلەر يۈزۈش ۋە يامىشىشقا ئىنتايىن ماھىر ھايۋانلاردۇر.
بەزى دۆلەتلەردە، مەسىلەن ياپونىيا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كىرپىلەر ئۆي ھايۋىنى سۈپىتىدە بېقىلىدۇ.
كىرپىلەر بولسا تەبىئەت ئېكولوگىيىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان، ئىنسانلارغا زىيانلىق ھاشارەتلەرنى يوق قىلىدىغان پايدىلىق ھايۋانلار. كۆپلىگەن دۆلەتلەر كىرپىلەرنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن-تۈزۈملەرنى يولغا قويغان.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، كىرپە بىر خىل ئۆزگىچە مورفولوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە ۋە ياشاش ئادىتىگە ئىگە سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، كۆپ رايونلارغا كەڭ تارقالغان. ئۇلار ئاساسلىقى ھاشارات ۋە باشقا كىچىك ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئىنسانلارغا بەلگىلىك پايدىسى بار دىسەك بولىدۇ.