تىل ۋە يېزىق

بىر قىسىم ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر نامى

阿波罗绢蝶 ئاپوللو كېپىنىكى 阿尔泰西毛羊 ئالتاي ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى 阿根 ھىڭ 阿拉伯胶树 ئەمۇغەيلان، ئەرەب يېلىمى دەرىخى 阿拉伯马 ئەرەب ئېتى 阿里红 غارىقۇن 阿毗达磨 ئابىدارما 阿什艾利 ئەشئەرى 阿斯卡尼细羊毛 ئاسكانىيە ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى 阿提拉 ئاتىلا 阿魏 ئەنجۈدان 阿月浑子 پىستە 矮马...

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈركۈملىرى

ئۇيغۇر تىلىدا سۆز تۈركۈمى دېگىنىمىز تىلشۇناسلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي ئۇقۇملارنىڭ بىرى بولۇپ، سۆزلەرنى گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى، فونكسىيىسى، مەنىسى ۋە شەكلىگە ئاساسەن ئوخشاش گۇرۇپپىلارغا ئايرىش. سۆز تۈركۈملىرى ھەرقانداق تىل سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق بىناسى ھېسابلىنىدۇ. تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنى ئانالىز قىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ ئاساسى شۇ تىلدىكى سۆز تۈركۈملىرىنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بىلىشتۇر.

ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم سۆزلەر

ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم سۆزلەر

ھايۋاناتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى ئاتاش ۋە يېزىش قائىدىسى

بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ھايۋاناتقا ئائىت بىلىملەرنى، 陈 چېن مۇئەللىم خەنزۇچە ئۆتكەن دەرسلەردىن ئۆگەنگەن. شۇڭا، ھايۋاناتنامەدىن ( پەن نامى، ھايۋانات بىلىملىرى، زوئولوگىيە) ئانچ-مۇنچە ساۋادلىق بولۇپ قالغان ئىدىم. خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن، ماكان، مۇھىت، گىياھلار تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغانغانلىقتىن، مەخسۇس ھايۋانات تەتقىقاتى بىلەن ھەپىلىشىشكە ئىمكان بولمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، يايلاقلاردىكى ھايۋانات توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە ئىزدىنىپ تۇردۇم، ھايۋاناتقا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگۈنىشتىن ۋاز كەچمىدىم. ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلىش، ئاساسى ئۇقۇملاردا ۋە شىنجاڭدىكى ھايۋانات ھەم ئۇلارنىڭ ناملىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ بېقىش ئىستىگى توختاپ قالمىدى.