ئۆرپ - ئادەت

قەدىمقى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار

قەدىمقى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار

ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى

ئائىلە جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى.ئۇ بەلگىكىك دائىرىدىكى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىقتىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىرلىكى بولۇپ،بۇنداق ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇ ناسىۋىتى نىكاھ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن پەيدا بولغان.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،نىكاھ ئائىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.دېمەك،نىكاھ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق گەۋدىدىن ئائىلە جەمەتى بارلىققا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردىكى سىمۋوللۇق رەڭلەر ھەققىدە

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﺍ ﺋﺎﻕ ، ﻛﯚﻙ ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ، ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .

ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنى

ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى مېتالدىن ياسالغان چۆگۈن شەكىلدىكى قول يۇيۇش ئەسۋابى ئاپتۇۋا ۋە ماس ھالدا ياسالغان سۇ تېلەڭگىسى - چىلاپچا بولۇپ، قول يۇيۇش، تازىلىق ۋە مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ بىر جۈپ قول يۇيۇش ئەسۋابى پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىقى، دىنىي ئەنئەنىلەر ۋە مەدەنىي قىممەتلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

لوپلۇقلاردا كىشى ئىسىملىرى

تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ، ئاياغ ئېقىنلىرىدا بىر سېھىرلىك ماكان بار ، بۇ ماكان تارىختا لوپ دەپ ئاتالغان . ئۇلۇغ تارىخچىمىز موللا مۇسا سايرامى ‹‹ تارىخىي ھەمىدى ›› ناملىق كىتابىدا لوپ رايونىنىڭ چېگرىسى ۋە ئەھۋاللىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان : ‹‹ موغۇلىستان تەۋەلىكىدىكى ئالتەشەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇب بۇرچىنىڭ ئارىلىقىدا لوپ دېگەن بىر مەشھۇر ۋە چوڭ زېمىن بار ... بۇ زېمىندىن خوتەن ، يەكەن ، ئاقسۇ ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ ... بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا تەخمىنەن ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق قەدىمكى ئاھالىنىڭ ياشايدىغانلىقى مەلۇم ، ئۇلار زىرائەت تېرىشنى بىلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ باغ ئىمارەت ، ھويلا – ئارام ۋە يەل- يېمىشلىرىمۇ يوق ، بەلكى ئۇلار بۇ خىل نەرسىلەرنى ئەسلا كۆرمىگەن ياكى بىلمىگەن بولسا كېرەك . ئۇلار دەريادىن بېلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ . قومۇشتىن كەپە ۋە ئۆي ياسايدۇ . ئۇلارنىڭ چارۋىسى كۆپ بولۇپ ، بىر يەردە تۇرالمايدۇ . ... ئۇلار ئۆز يۇرتىدىن ناھايىتى كەم چىقىدۇ . بەزىلىرى پەقەت چىقمايدۇ ، بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزگە كەلمەيدۇ . بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزدىكى ئادەملەر بارسا ، ئۇلار قورقۇپ يېقىن كەلمەيدۇ ...››