تەبىئەت ۋە جانلىقلار

ئاناسەھىپەبىلىمتەبىئەت ۋە جانلىقلار

زىراپە

زىراپە – قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار ئىچىدىكى بويى ئەڭ ئېگىز سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىقى ئافرىقا قىتئەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جانلىقلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئۇزۇن بوينى، ئىنچىكە پۇتلىرى ۋە بەدىنىدىكى ئۆزگىچە «كەشتىلەنگەن» گۈللىرى بىلەن مەشھۇر. تەبىئەت دۇنياسىدا زىراپىلەر «ئوتلاق كۈزەتچىلىرى» دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئېگىز بويى ئارقىلىق يىراقتىكى يىرتقۇچلارنى ھەممىدىن بۇرۇن بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

پىل

پىل — ھازىر يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇقتا ياشاۋاتقان ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ئۇلارنىڭ غايەت زور گەۋدىسى، ئۇزۇن تۇمشۇقى ۋە يوغان قۇلاقلىرى ئۇلارنى باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىەندۈرۈپ تۇرىدۇ. پىللار ناھايىتى ئەقىللىق، ئىجتىمائىي ھايۋانلار بولۇپ، كۈچلۈك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئائىلە رىشتىسى بىلەن داڭلىق. ئۇلار ئېكولوگىيەلىك سىستېمىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئورمان ۋە ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا «ئىنژېنېر» لىق رولىنى ئۆتەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە پىللار ئاساسلىقى ئافرىقا ۋە ئاسىيا قىتئەسىدە تارقالغان بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك سىمۋوللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاغمىخان

ئاغمىخان (Weasel) ھەققىدە بىلىملەرنى ھەمبەھىرلەندۇق. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، ياشاش ئادىتى، رىۋايەتلەردىكى ئوبرازى ۋە ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى بۇ يەردىن تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىڭ.

سېسىق كۈزەن

سېسىق كۈزەن بەدەن شەكلى ئۆي مۈشۈكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 05 ~ 06 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 09 ~ 2.4 كىلوگرام، ئەركىكى چىشىسىدىن سەل چوڭ. بېشى، قۇلىقى، كۆزى كىچىك؛ تۆت پۇتى قىسقا، ئالدى پۇت تىرنىقى ئۇزۇن، ئارقا پۇت تىرنىقى قىسقا، قۇيرۇقى ئۇزۇن ھەم چوتكىسىمان.

قوتاز

قوتاز سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى، جۈپ تۇياقلىقلار تەرتىپى (Artiodactyla)، كالىلار ئائىلىسى (Bovidae)، كالىسىمانلار ئۇرۇقى (Bovinae) ۋە كالا جىنسى (Bos) ئىچىدىكى بىر تۈردۇر. ئىلمىي نامى Bos grunniens (ئۆي قوتازلىرى) ۋە Bos mutus (ياۋايى قوتازلار) بولۇپ، كالىلارنىڭ بىر تۈرىدۇر.

كىرپە

كىرپە كىرپىلەر ئائىلىسى ( Erinaceidae ) گە تەۋە بولغان ھايۋان بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا، بولۇپمۇ ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا كەڭ تارقالغان. ھازىرغىچە كىرپىنىڭ 17 تۈرى بايقالغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىنغىنى ياۋروپا كىرپىسى (European hedgehog) ھېسابلىنىدۇ.

دىنوزاۋر

دىنوزاۋۇرلار (ئىنگلىزچە: Dinosaurs) يەر يۈزىدە تەخمىنەن 230 مىليون يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان ۋە 66 مىليون يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن قەدىمكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار گۇرۇھىدۇر. بۇ غەيرىي ھايۋانلار تاشقى كۆرۈنۈشى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ياشاش ئادىتى جەھەتتە كۆپ خىل بولۇپ، بەزىلىرى زور بەدەنلىك گۆشخورلار بولسا، يەنە بەزىلىرى كىچىك، پەيلىك ئۆسۈملۈك يەيدىغان تۈرلەر ئىدى.