خەتكۈچلەر: ئالىملار

ياپونىيەنىڭ نوبېل ساھەسىدە 50 يىللىق پىلانىنى 24 يىلدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇردى

2001-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى «ئىككىنچى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئاساسىي پىلانى»دا ئۇلۇغۋار نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئۇ بولسىنۇ  « 50 يىل ئىچىدە 30 نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش » ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ پىلان خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بەزىلەر بۇنى ئەمەلگە ئېشىشى تەس بولغان «ئارزۇ» ھەتتا بەزىلىرى بۇنى خام خىيال ، ھاكاۋۇرلۇق دەپ ئاتىغان ئىدى.

Popular

سۇپرا

سۇپرا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، ئىشلىتىش تارىخى ئۇزاق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق تۈرلىرى كۆپ بولۇپلا قالماي، تاماق جابدۇقلىرىمۇ كۆپ، سۇپرا مانا مۇشۇ تاماق جابدۇقلىرى ئىچىدىكى مۇھىم ئاشخانا جابدۇقى.

نوبېل مۇكاپاتى

نوبېل مۇكاپاتى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە شەرەپلىك خەلقئارالىق مۇكاپات بولۇپ، ھەر يىلى فىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا، ئەدەبىيات، تىنچلىق ۋە ئىقتىساد ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە «ئۆتكەن بىر يىلدا ئىنسانىيەتكە ئەڭ زور مەنپەئەت يەتكۈزگەن» شەخسلەرگە ياكى تەشكىلاتلارغا بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپات ئىلىم-پەننىڭ چوققىسىغا چىققانلار، ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىنسان قەلبىنى تەۋرەتكەنلەر ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغانلارغا بېرىلگەن ئەڭ يۈكسەك ئېتىراپنامىدۇر.

دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىلدا ھازىر پەقەت بىرلا ئادەم سۆزلىيەلەيدىكەن

20 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بىر تىل يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. N|uu تىلى (تەلەپپۇزىدا «N» بىلەن «uu» ئارىسىدا چېكىلدىما ئاۋاز چىقىرىلىدۇ) دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك تىل بولۇپ، ھازىر پەقەت بىرلا ئادەم - ئوما كاترىنا ئېساۋ (Ouma Katrina Esau) بۇ تىلنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ.

شاھمات

شاھمات، ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدىغان، چوڭقۇر ئىستراتېگىيە، ئىنچىكە تاكتىكا ۋە يىراقنى كۆرەرلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر خىل ئەقلىي ئويۇن. ئۇ پەقەت بىر ئويۇنلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىلمىي تەپەككۇر، سەنئەت ۋە رىقابەت روھىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر. ئويۇنچىلار 64 كاتەكلىك تاختاي ئۈستىدە 16 خانىدىن تەركىب تاپقان قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ شاھىنى «مات» قىلىش، يەنى ئۇنى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

Subscribe

spot_imgspot_img