ئۇچۇرلار
Clear all
ئۇنىۋېرسال
1
يازما
1
ئەزالار
0
Reactions
243
كۆرۈلۈش
يازما باشلىغۇچى
كاشكى ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىم زېھنىم بولغان بولسا، تۆۋەندىكى مەزمونلارنى تورغا ئۇيغۇرچە چىقىرىشقا تىرىشاتتىم.
1. ماشىنا ئىچكى قۇرۇلمىسى، زاپچاسلىرى ئىسىملىرى رەسىم تونۇشتۇرۇلۇشى
2. گۈلگىياھلار، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسىملىرى رەسىمى تونۇشتۇرۇلۇشى
3. بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى داڭلىق شەخىسلىرىمىز ئىسىملىرى، تونۇشتۇرۇلۇشى رەسىملىرى
4. دىنوزاۋۇر ئىسمى ۋە تونۇشتۇرۇلۇشى رەسىملىرى
5. پلانىتلار ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر (قارا تۆشۈك...) رەسىملىرى تونۇشتۇرۇلۇشى ئىسىملىرى
6. ھەر تۈرلۈك مىۋە، كۆكتاتلارنىڭ ئىسىملىرى رەسىمى....
7. پەقەت ئۇيغۇرچىغىلا خاس بولغان سۆزلىرىمىزنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، ئىشلىتىلىشى مىساللىرى..
8. ھايۋاناتلارنىڭ رەسىمى، ئىسىملىرى، تونۇشتۇرۇلۇشلىرى
9. ئۆي ئىچى قۇرۇلمىسى ھەربىر بويۇم، ئورۇننىڭ ئىسىملىرى، رەسىملىرى، تونۇشتۇرۇلۇشلىرى
10. قۇرۇت قوڭغۇزلارنىڭ ئىسىملىرى، رەسىملىرى، تونۇشتۇرۇلۇشلىرى...
11. ۋەتەن ئىچى ھەربىر شەھەر، ناھىيە، يېزىنىڭ ئىسىملىرى، تونۇشتۇرۇلۇشى، خەرىتىدىكى ئورۇنلىرى...
12. ھەربىر ئۇيغۇر تاماقنىڭ رەسىملىرى، ئىسىملىرى،
13. قىز ۋە ئوغۇل بوۋاقلارغا قويۇلىدىغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار ۋە مەنىسى
14.پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرى، دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىقىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇيغۇرچە ئىسىملىرى...
15.ھەربىر تارىخي دەۋىردىكى ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى، يىل ۋاقىتلىرى...
16. ھەربىر مانگا ياپون كارتونلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرى، مۇقاۋىسى، ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشلىرى...
17....
ھەممىمىز ھايات ، تۇرمۇش، بالام كالام، ئائىلەم دەپ ئالدىراشلا ئۆتۈپ بارىمىز... ئەمما ۋاقىت ھامىنى ئۆتىدۇ، ھامىنى ئۆتىدۇ.. بالىلىرىمىز چوڭ بولىدۇ. ئۇيغۇرچىنى ئۇنۇتمىسۇن.
ۋەتەندىكىلەر بسىمدا بولسىمۇ ئەمما يەنىلا تىرىشىۋاتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلىقىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مىدىرلاۋاتىدۇ . بۇ ۋەزىپىلەر پەقەت ساناقلىق بىر ئىككى كىشى ئۈستىگە چۈشمىگەن ۋەيا ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئۈستىگىلا چۈشمىگەن. شۇلارنىڭ بەدىلىگە ياشاۋاتقان يېرىڭىزدىكى ۋەتەنداشلىقنى ئېلىپ ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ گىرداۋىدا تۇرۇۋاتقان سىزنىڭمۇ ھەققىڭىز بار.
ئۇزۇننىڭ ياقى بالىلىرىمنى باغچىغا ئېلىپ بارماپتىمەن. بۇ ھەپتە تەتىلىم بولغاچقا، بۈگۈن بالىلىرىمنى تەبىئەت باغچىسىغا ئېلىپ باردىم. ھەربىر ھايۋاناتنى كۆرگىنىمدە بالىلىرىمغا ئايالىمغا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى دەپ بېرىشكە تىرىشتىميۇ ئەمما ھېلىھەم بەزى ھايۋاناتلارنى ئايرىيالماي قالدىم. مەسىلەن «جەرەن، بۆكەن، كىيىك، بۇغا » بۇ 4 نىڭ نەق پەرقىنى ئېنىق دىيەلمىدىم. بەلكىم سىز دىيەلەيسىز، سىز بىلىسىز. ئۈمىد قىلىدىغىنىم سىز تورغا يېزىپ قويۇڭ. رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇڭ. بىز بىلىۋالايلى. بالىلىرىمىز بىلىۋالسۇن.
چەتئەلگە چىقىپ ھازىر خېلى پۇتىمىز مۇقىملىشىپ قالدى. ئەمدى بولسىمۇ ئاز تولا ئۇيغۇرىمىز، ئەۋلادىمىز، مىللىتىمىز ئۈچۈن بىرەر ئىشلارنى قوشۇمچە قىلىپ قويۇڭ. ئاشۇ قورسىقىڭىزدىكى بىلىملىرىڭىزنى تەجرىبىلىرىڭىزنى ئۇيغۇرچە يېزىپ قالدۇرۇپ قويۇڭ. ھورۇنلۇق قىلماڭ. بالىڭىز، ئەۋلادىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ يېزىپ قالدۇرۇپ قويۇڭ. سىز بىلگەننى بەلكىم بىز بىلمەيمىز. ئۇيغۇرچە ئىزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. رەھمەت. تاما تاما كۆل بولۇر!
كاشكى ئەگەر يەنە بىرئاز ۋاقتىم، زىھنىم بولسا ...
گەرچە ھەممىمىز ئالدىراش، ئەمما 24 سائەت توختاپ قالمايمىز 😀
يوللانغان : 10/09/2024 3:48 چ ك
